
نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىتى بايلىق ۋە مۇھىت تەتقىقات ئورگىنىدىن پەن گېنشىڭ (潘根兴) پراففىسسور نەچچە يىل ئىلگىرىلا گۈرۈچنىڭ كادمىيدىن بۇلغىنىشىغا قارىتا سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان، بۇ شال تېرىلىدىغان تۇپراقتا ئېغىر مېتاللارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋال بايقالغانلىقى سەۋەبلىك بولۇپ، تۇپراق بىلەن يېمەكلىك گۈرۈچنىڭ سۈپىتى مۇناسىۋەتلىك، شالنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدە « گېن » لارمۇ شالنىڭ تۇپراقتىن ئالاھىدە ماددىلارنى سۈمۈرىۋېلىش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ، شالنىڭ كادمىينى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۆممەقوناق، دادۇر قاتارلىق باشقا زىرائەت تۈرلىرىدىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى.
پەن گېنشىڭ پىراففىسور مۇخبىرغا دېيىشىچە، 2007-يىلى، ئۇلار جۇڭگونىڭ 6 رايونى ( جۇڭگونىڭ شەرقى، شەرقىي شىمالى، ئوتتۇرا جۇڭگو، غەربىي شىمال، جەنۇبىي جۇڭگو ۋە شىمالىي جۇڭگو )دىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بازاردا 170 نەچچە خىل گۈرۈچ ئەۋرىشكىسىگە ئىختىيارىي سېتىۋېلىش ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بازاردا سېتىلىۋاتقان %10 گۈرۈچتە كادمىي ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى بار ئىكەن.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسى 2002-يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستېرلىكى گۈرۈچ ۋە گۈرۈچ ياسالمىلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش مەركىزىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغاندىكى كادمىي ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش نىسبىتى %10.3 نەتىجە بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك ئىكەن.
مەنبە: جىنلېڭ كەچلىك گېزىتى، سۇمرۇغ تورى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!