شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سانتىياگو، 13 – فېۋرال تېلېگراممىسى. چىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدا 13 – فېۋرال يەنە ئۈچ قېتىم بەش بالدىن كۈچلۈك يەر تەۋرىدى، بىر قېتىملىقىنىڭ دەرىجىسى ئالتە بال بولدى، چىلىدا يەتتە كۈندىن بۇيان توققۇز قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىدى، لېكىن تالاپەت كۆرۈلمىدى.
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 13 – فېۋرال خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت سائەت 8دىن 51 مىنۇت، 10دىن 35 مىنۇت، 13تىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، چىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى بىئوبىئو رايونىغا يېقىن دېڭىزدا ئۈچ قېتىم 5.8 بال، ئالتە بال ۋە 5.6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسى يەر يۈزىدىن 17 كىلومېتىر، 13.3 كىلومېتىر ۋە 18.7 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولغان.
چىلى دۆلەتلىك جىددىي ئىشلار ئىشخانىسى يەر تەۋرەشنىڭ دېڭىز تاشقىنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىنى ساقىت قىلغان ھەم بۈگۈنگە قەدەر يەر تەۋرەشتە تالاپەت ياكى مال – مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
مۇشۇ ھەپتىدە، چىلىنىڭ شىمالىدىكى ئاتاكاما رايونىدا كۆپ قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن، 11 – فېۋرال جەنۇبتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر كونسېپسىئوندا 6.8 بال يەر تەۋرىگەن، تالاپەت كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، بىراق خەلق ساراسىمىگە چۈشكەن.