ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

چاۋشيەن چاۋشيەن - كورىيە سۆھبىتىنىڭ كونكرېت ۋاقتى ۋە ئورنىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
ماتېرىيال سۈرەت : 2011-يىلى 3 - يانۋار ، لى ميۇڭباك چاۋشيەن بىلەن بولغان سۆھبەتنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى    شىنخۇا تورى، پيوڭياڭ، 10 - يانۋار تېلېگراممىسى : چاۋشيەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى 10 - يانۋار كورىيەنىڭ ئالاقىدار تار
  

ماتېرىيال سۈرەت : 2011-يىلى 3 - يانۋار ، لى ميۇڭباك چاۋشيەن بىلەن بولغان سۆھبەتنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

   شىنخۇا تورى، پيوڭياڭ، 10 - يانۋار تېلېگراممىسى: چاۋشيەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى 10 - يانۋار كورىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا نوتا (ئۇقتۇرۇش) چىقىرىپ، چاۋشيەن - كورىيە سۆھبىتىنىڭ كونكرېت ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ۋە ئورنىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.

   چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا ، شۇ كۈنى ، چاۋشيەن ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان دېڭىز بويى رايونلىرى تىنچلىقى كومىتېتى، چاۋشيەن قىزىل كىرست جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، شىمال - جەنۇب ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىشخانىسى شىمال ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ، كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى ، كورىيە قىزىل كرىست جەمئىيىتى لېدىرى ، شىمال - جەنۇب ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىشخانىسى جەنۇب ئىشخانىسىنىڭ باشلىقىغا نوتا چىقاردى .

   نوتىدا مۇنداق دېيىلدى : چاۋشيەن 27 - يانۋار كائېسوڭدا چاۋشيەن - كورىيە دائىرىلىرى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر بىلەن تونۇشۇش؛ 1- فېۋرال كورىيەنىڭ مۇنسان شەھىرىدە چاۋشيەن - كورىيە قىزىل كرېست جەمئىيەتلىرى سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش؛ 12-يانۋاردىن باشلاپ پانمۇنجوم قىزىل كرىست جەمئىيىتى ئالاقە يولىنى قايتىدىن راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە شىمال-جەنۇب ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

   چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى 8-يانۋار پيوڭياڭدا نۇتۇق سۆزلەپ ، چاۋشيەن-كورىيە دائىرىلىرى سۆھبىتىنى تېزلىكتە شەرتسىز ئۆتكۈزۈش ھەمدە يانۋارنىڭ ئاخىرى ياكى فېۋرالنىڭ بېشىدا كائېسۇڭدا چاۋشيەن-كورىيە قىزىل كرىست سۆھبىتى، كۇمگاڭ تېغى ساياھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت ۋە كائېسوڭ سانائەت باغچا رايونىغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر