ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بېنگالدا پاي چېكى بازىرى داۋالغۇپ توپىلاڭ كەلتۈرۈپ چىقاردى

2011-يىلى01-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:www.news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
بېنگال دۆلىتى داككا ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئۇنۋېرسال كۆرسەتكۈچى 2010-يىلى %80 يېقىن ئۆرلىگەندىن كېيىن، يېقىنقى نەچچە ھەپتىدىن بۇيان بېنگالنىڭ پاي چېكى بازىرى كۆپ قېتىم چۈشۈپ كەتكەن، ئالدىنقى ئىككى كۈندە ئۇدا قاتتىق چۈشكەن، 9-يانۋار %7.8 چۈشكەندىن كېيىن، 10-يان
  


بېنگال دۆلىتى داككا ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئۇنۋېرسال كۆرسەتكۈچى 2010-يىلى %80 يېقىن ئۆرلىگەندىن كېيىن، يېقىنقى نەچچە ھەپتىدىن بۇيان بېنگالنىڭ پاي چېكى بازىرى كۆپ قېتىم چۈشۈپ كەتكەن، ئالدىنقى ئىككى كۈندە ئۇدا قاتتىق چۈشكەن، 9-يانۋار %7.8 چۈشكەندىن كېيىن، 10-يانۋار يەنە %9 چۈشۈپ كەتكەن. بېنگال ئالاقىدار دائىرلىرى داككا ئاكسىيە بازىرى سودىسىنى توختىتىپ تاشلىغان.
10-يانۋار چۈشتىن كېيىن، غەزەپلەنگەن ئامما كوچىلارغا چىقىپ قارشىلىق كۆرسىتىشكە باشلىغان. ساقچىلار كالتەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ نامايىشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسماقچى بولغان. ئەمما، داككا شەھەر مەركىزىدىكى ئاكسىيە سودا ئورنىنىڭ يېنىدىكى نەچچە ئاۋات كوچىدا، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى داۋاملاشقان. بىر قىسىم نامايىشچىلار يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلارنى چاققان، بالونلارنى كۆيدۈرۈپ ھۆكۈمەتكە قارشى شوئار توۋلىغان. ساقچى ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، نامايىشچىلار ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلىغان.
مۆلچەرلىنىشچە، تارقىتىۋېتىلگەن پاي چېكلار تەخمىنەن 5000 ئادەم ئىكەن. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ساقچىلار نامايىشىچلارنى توساش ئۈچۈن مېگافون ئىشلەتمەكچى بولغاندا قىسمەن نامايىشىچلار يارىلانغان. ساقچى تەرەپ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارلىمىغان.
بىر پاكچېكنىڭ دېيىشىچە، پاي چېكى بازىرى ئۇدا چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، ئۆتكەن 3 ھەپتە ئىچىدە ئۇ 3000 ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان. 2010-يىلى 12-ئايدىن بۇيان، بېنگال دۆلىتىنىڭ پاي بازىرى %27 چۈشۈپ كەتكەن.
داككا ئاكسىيە بازىرىدىن سىرت، بېنگالنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھەر چىتاگوڭدىمۇ پايچىكلارنىڭ توپىلىڭى كۆرۈلگەن، چىتاگوڭ پاي بازىرىمۇ توختىتىپ قويۇلغان.
بېنگال دۇنيادىكى نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئەمما يېقىنقى يىللاردا كۆچمە ئالاقە كارخانىلىرىنىڭ پېيى ئۇدا ئۆرلىشى نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلغان. بىراق، يېقىنقى نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، بېنگالدا چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار پايدىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بازاردىن چىقىپ كېتىشكە باشلاپتۇ دېگەن سۆز تارقالغاندىن كېيىن، پاي بازىرىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!