مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە چېركاۋ پارتىلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بار دەپ گۇمان قىلىنغان ئەر تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىكى كۇپىت خىرىستىئانلىرىنىڭ چېركاۋىغا پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 32 ياشلىق مۇھەممەد سەيىد بىلال تۇتۇپ تۇرۇلغان، ئۇنىڭ جەسىتىنى قولغا ئېلىنىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.
ئۇ قېتىمقى پارتىلاشتا 23 ئادەم ئۆلگەن، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان ئىدى. مۇھەممەد سەيىد بىلالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىسىر دائىرلىرىنىڭ ئۇنى سوراق قىلغاندا قىيناپ ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن.
ئۇلار يەنە پۈتكۈل ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى بۇ ۋەقەگە بايانات ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان، ئەمما تەپتىش ئەمەلدارى جەسەتنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىلالنىڭ جەسىتىدە قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغاندىكى جاراھەت ۋە كۆيۈك ئىزلىرى بار ئىكەن.
ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغۇچىنى قىينىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
مىسىر ساقچىلىرى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 17 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.