11–ئاپرېل سەھەر سائەت 3:10 ئەتراپىدا ، ۋۇخەن شەھىرى جياڭئەن رايونى رۈيشياڭ يولىدىكى بىر ئاھالىنىڭ تۇرالغۇسىدا تۇيۇقسىز ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان ، ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، 14 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ، 60 دىن ئارتۇق خادىمنى ئوت ئۆچۈرۈشكە تەشكىللەپ ، سائەت 4:50 ئەتراپىدا ئوتنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، ئوت كەتكەن كۆلەم 700 كىۋادىرات مېتىرغا يەتكەن ، ۋەقەدە ئۆلۈش ، يارىلىنىش بولمىغان .
ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيدان