شىنخۇا تورىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋىرى:پەلەستىننىڭ بىر رادىكال تەشكىلاتى 14-ئاپرېل پەلەستىن گازا رايونىدا ئىتالىيە تەۋەلىكىدىكى خەلقئارالىق تىنچلىقپەرۋەر زاتنى تۇتقۇن قىلىۋالغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە گازانى كونترول قىلىۋاتقان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى خاماستىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇتۇۋالغان خادىملىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىسمى «ئېرۇسالىم» تەشكىلاتى بولۇپ، گازا ئاممىسىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ تەشكىلاتنى بۇرۇن ھېچكىم بىلمەيدىكەن.
پەلەستىندىكى يەرلىك بىر تور بەت ئېلان قىلغان فىلىمدا، تۇتقۇن قىلىنغان زاتنىڭ 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ياش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئېتىپ قويۇلغان بولۇپ، ناھايىتى قورقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
پەلەستىن خاماس تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى 15-ئاپرېل بىلدۈرىشىچە، خاماس بىخەتەرلىك خادىملىرى گازادىكى تاشلاندۇق بىنادا تۇتقۇن قىلىنغان ئىتالىيەلىك تىنچلىقپەرۋەر زاتنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. خاماس ساقچىلىرى شۇ كۈنى بۇ بىناغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئىتالىيەلىك زاتنىڭ جەسىتىنى بايقاش بىلەن بىرگە، يەنە ئىككى ئادەمنى تۇتقان، يەنە نەچچە ئادەم قېچىپ يۈرۈۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە بۇ زاتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئېنىق ئەمەسكەن.