ماتېرىيال سۈرەت : ‹‹يەلتاپان›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى : 13–ئاپرېل ، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى تونا ، ئامېرىكا ئۇكرائىناغا ياردەملىشىپ ، بىخەتەر ھالدا ‹‹يەلتاپان›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى كۆيدۈرگەنلىكىنى ، بۇ خىزمەتنىڭ 11–ئاپرېل ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى . تونا: ‹‹ بۇ قېتىم ، ‹يەلتاپان› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن 185 دانە ، بومبا توشۇش ۋە قويۇپ بېرىش ماشىنىسىدىن 50 دانە كۆيدۈرۈلدى ۋە ئۆزگەرتىلدى ، بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرمۇ كۆيدۈرۈلدى . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئۇكرائىنانىڭ مۇھىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان 1441 توننا ‹‹يەلتاپان›› ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇيۇق يېقىلغۇسىمۇ بىرتەرەپ قىلىندى ›› دېدى .