ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

جاڭ چۈنشيەن ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     جاڭ چۈنشيەن كۆكتوقاي ناھىيەلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىدە تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ ئۈگىنىپ ، كەسپىي بىلىملەر بىلەن ئۆزىنى تولۇق قوراللاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان

    چېڭ لىشىن خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 11 – ئاپرېلدىن 13 – ئاپرېلغىچە ئالتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈچ كۈندە نەچچە مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ چىڭگىل ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسىگە كېلىپ، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

    كۆكتوقاي ناھىيەسى بايلىقىنىڭ موللىقى بىلەن داڭق چىقارغان، قېزىلما بايلىق، چارۋىچىلىق، سۇ ئېنېرگىيەسى، ساياھەتچىلىك بايلىقى ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ قارا مېتاللىرى دۇنياغا داڭلىق. چىڭگىل ناھىيەسى موڭغۇلىيە بىلەن قوشنا بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تاشقىن پورتى سانائەت پىششىقلاش رايونىنى ۋىلايەتنىڭ مۇھىم بايلىق كىرگۈزۈش، پىششىقلاش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشتى.

    جاڭ چۈنشيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ چاقۇرت سانائەت رايونى، جەنۇبىي شەھەر سانائەت رايونى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى(گۇرۇھى) كەم تېپىلىدىغان مېتاللار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كۆكتوقاي مۆڭكۈ تۆمۈر كېنى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق سانائەت رايونى ۋە كارخانىلاردا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئالتاي ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ گۆھەر زېمىنى، ئۇنىڭ مۇھىتى گۈزەل، بايلىقى مول، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. بايلىقتىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق›› تەرەققىيات ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹مۇھىتنى ئاسراشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئېكولوگىيەلىك رايون بەرپا قىلىش››تا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق تۈر قۇرۇلۇشىدا ئالدى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تەبىئىي ئوتلاقلارنى ياخشى قوغداپ، ‹‹يەلپۈنۈپ تۇرغان ئوتلاقتا قوي – كالىلار يايلاش››تەڭ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تاغ – دەريالارنىڭ گۈزەللىكىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشتە ئىلغار تېخنىكىنى تىرەك قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك رىقابەت كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    يېڭىچە سانائەتلىشىشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى ۋە چوڭ كارخانا – گۇرۇھلارنىڭ ماكانلىشىشىغا ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ سانائەت ئىشچىلىرىغا بولغان ئېھتىياجى تېز ئاشتى. مەلىكىلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، كۆكتوقاي ناھىيەلىك كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، شەندۇڭ ‹‹لەنشياڭ›› تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى، شەندۇڭ رەڭلىك مېتال مەكتىپى قاتارلىق رايون ئىچى – سىرتىدىكى 15 تېخنىكا مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يەرلىكتىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ياشلار ۋە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ‹‹قوش تىل›› ۋە ئەمەلىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلىدى. ھازىر ناھىيە بويىچە 50 مىڭدىن كۆپرەك كىشى تەربىيەلىنىپ، 15 مىڭ كىشى كەسپىي لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالدى، بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن سانائەت ئىشچىسى بار بولدى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىختىساسلىقلارنىڭ مەدىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر بىر چارۋىچى ئائىلىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر كىشىنى تەربىيەلەپ سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئائىلە كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مەلىكىلىك خادىملارنى يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ خۇلاسىلەش، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگىلى، يېڭىچە سانائەتلىشىشنى تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

    جاڭ چۈنشيەن چىڭگىل ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، 2009 – يىلى ‹‹جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس››نىڭ بىرى ھەنىپە ئالىماخۇننى ئالايىتەن يوقلىدى. 74 ياشقا كىرگەن ھەنىپە ئالىماخۇن 1960 – يىلىدىن بۇيان، ئېرى بىلەن بىللە ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغان ئون يېتىم بالىنى بېقىۋالغان. يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، ھازىر موماينىڭ ئۆيى نەۋرە – چەۋرىلەرگە تولۇپ، بەش مىللەتتىن بولغان 180 نەچچە نوپۇسى بار چوڭ ئائىلىگە ئايلاندى. ھەنىپە ئالىماخۇن جاڭ چۈنشيەننىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى، ھازىر تۇرمۇشتا ھېچنېمىدىن قىسىلمايمىز، بالىلىرىمىزمۇ ئىنتايىن ۋاپادار. ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم، مىللەتلەرنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشىنى، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: چوڭ ئانىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە پەزىلىتى بىزنىڭ ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ، موماينىڭ بۇ روھىدىن ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. جاڭ چۈنشيەن ئالاقىدار يولداشلارغا موماينىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى تاپىلىدى ھەم موماينىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىنى تىلىدى.

    جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىمقى سەپەردە يەنە چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ‹‹ئېنلىدې›› بىيو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە ‹‹ئاۋېي›› سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

    جاڭ چۈنشيەن كۆكتوقايدىكى مەزگىلدە، كۆكتوقاينىڭ ناھىيە، يېزا، كەنت ئاساسىي قاتلىمىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

    ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن بىللە، مۇھىت ئاسراشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئالتاينىڭ ساياھەت كوزىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك... 13 ۋەكىل مائارىپ، ساياھەت، مۇھىت ئاسراش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بەس – بەستە سۆز قىلدى.

    جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى خىزمەتلەرنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلدى ھەم بۇ يىلنى ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› قىلىپ بېكىتتى. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇرەككەپ ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە، شۇڭا، خەلق قەلبىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۇقرالارنى ئويلاپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ياخشىلىشىمىز كېرەك. تارىخقا توغرا قاراپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، كۆپ تەقدىم قىلىپ، ئاز ئېلىپ، ئىسمېنا ۋە ئىش قوشۇپ ئىشلىشىمىز كېرەك. ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا چوقۇم ئۆزگىرىدۇ››. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى، جەڭگىۋارلىرى ۋە قۇرۇلۇشچىلىرىدىن بولۇشىنى، بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سۇڭ ئەيرۇڭ، بەي جىجيې قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى. ئەركىنجان تۇراخۇن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!