ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئافرىقا ئىتتىپاقى لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ

2011-يىلى04-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
       شىنخۇا تورى ئالجىرىيە 12–ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋىيە مەسلىسى توغرىسىدىكى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، ماۋرىتانىيەنىڭ زۇڭتۇڭى ئەزىز 12–ئاپرېل ئالجىرىيەنىڭ پايتەختى ئالجىردا ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش
  

   

   شىنخۇا تورى ئالجىرىيە 12–ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋىيە مەسلىسى توغرىسىدىكى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، ماۋرىتانىيەنىڭ زۇڭتۇڭى ئەزىز 12–ئاپرېل ئالجىرىيەنىڭ پايتەختى ئالجىردا ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە ‹‹ لىۋىيە خەلقىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ›› نى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

    ئەزىز ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتفولىكا بىلەن لىۋىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ، يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكىلەرگە ئېيتقان .سۆھبەتكە يەنە لىۋىيە مەسىلىسى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، كونگو زۇڭتۇڭى ساسسۇ ، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىن خوا ، ئۇگاندا دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئاكېللو قاتارلىقلار قاتناشقان .

    ئەزىز مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن ، ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنىلا لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ . ئافرىقا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى 10–ئاپرېل لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىدا لىۋىيە رەھبىرى كازافى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ، ئارقىدىن بېنغازىدا ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغا نىسبەتەن ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولدى .

    ئەزىز يەنە مۇنداق دېگەن : ‹‹ ئافرىقا ئىتتىپاقى داۋاملىق لىۋىيەدە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ ، 13–ئاپرېل ، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىن خوا قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا لىۋىيە مەسىلىسى ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . بىن خوا يىغىندا ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ›› .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!