ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جاڭ چۈنشيەن سى زېفۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى04-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
لى شىڭ خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 14 ئاپرېل شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، پاي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سى زېفۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. جۇڭگو شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ
  

    لى شىڭ خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 14 – ئاپرېل شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، پاي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى سى زېفۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    جۇڭگو شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ياسايدىغان ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالىدىغان پەۋقۇلئاددە چوڭ كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، چوڭ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئېلېكتىر ئىستانسىسى مۇلازىمىتى، شۇنداقلا ئېلېكتىر كونترول قىلىش، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساشنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان.

    جاڭ چۈنشيەن سى زېفۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋېتىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھى دۆلەتنىڭ مۇھىم تېخنىكىلىق جابدۇقلىرىنى دۆلەت ئىچىدە ياساش بازىسى، دۆلەت دەرىجىلىك كارخانا تېخنىكا مەركىزى سۈپىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تېخنىكا تەرەققىياتى ئىقتىدارىغا ئىگە، شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى ۋە سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى جەھەتتە كۆپ خىل ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شەرق ئېلېكتىر گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەسىپلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا پائال راۋاجلاندۇرۇپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت تېپىپ، تېخىمۇ كۆپ جەھەتتە كارامىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

    سى زېفۇ مۇنداق دېدى: گۇرۇھىمىز دۇنيادا تۈرى ئەڭ تولۇق بولغان توك چىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىگە ئىگە بولۇپ، ياساش ئىقتىدارى ۋە تېخنىكا جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ۋاڭ يۇڭمىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!