جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
ياپونىيە بىلەن ھىندونېزىيە تۈنۈگۈن توكيودا تۇنجى قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىك ئىسىتراتېگىيە سۆزلىشىشى ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ باشلىقلار سۆھبىتى، مىنىستىرلار ئىقتىسادىي مەسلىھەتى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيە ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيە دېپلوماتىيە ۋازارىتى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى مائېخارا بىلەن ھىندونېزىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى مارتي ناتالېگاۋا شۇ كۈنى كەچتە سۆھبەتتە بولغان. مائېخارا مۇنداق دېگەن: ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، ياپونىيە ھىندونېزىيە بىلەن ھەر دەرىجىلىكلەر سۆزلىشىشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، شۇنداقلا ھىندونېزىيە بىلەن بىخەتەرلىك كاپالىتى ۋە ئىقتىساد قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. مارتىي مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىملىق مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئىستراتېگىيە سۆزلىشىشى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھىندونېزىيە ياپونىيە بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە خەۋپسىزلىك كاپالىتى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدۇ.
پىراكتىكانت تەرجىمان: ئامىنە ئابدۇراخمان
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!