ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سىنگاپور پىرېزىدېنتى ناتان مېڭ جيەنجۇ بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

سىنگاپور پىرېزىدېنتى ناتان، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇاڭ گېنچېڭ تۈنۈگۈن سىنگاپوردا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئېلىمىز دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ بىلەن كۆرۈشتى. شۇ كۈنى مېڭ جيەنجۇ يەنە سىنگاپورنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شاڭ مۇگېن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ناتان مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-سىنگاپور نۇرغۇن ئورتاق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى، ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرىشى ئىنتايىن زۆرۆر. مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرگە يۇقىرى قاتلام ئالاقە ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىپ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پىراكتىكانت تەرجىمان: ئامىنە ئابدۇراخمان

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!