ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پەلەستىن زېمىنىدا تۇرالغۇ مەھەلىلىرىنى داۋاملىق قۇرۇشنى ئەيبلەش قارارى ماقۇل

2011-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قېرغىغى ۋە شەرقىي ئېرۇسالىمدىكى ئىشغال قىلىۋالغان پەلەستىن زېمىنىدا تۇرالغۇ مەھەلىلىرىنى داۋاملىق قۇرۇشنى ئەيبلەش قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بېرىشتە، ئامېرىكا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكتىن قارار ماقۇللانمىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئايلىق رەئىسى، بىرازىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئودى ئاۋاز بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بىر دۆلەتنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن بۇ قارار لايىھەسى ماقۇللانمىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسى توغرىسىدا يېپىق كېڭەش ئۆتكۈزدى، ئارقىدىن بۇ قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بەردى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكىدىن سىرت قالغان 14 ئەزاسى بۇنى قوللاپ ئاۋاز بەردى.

تەرجىمان: ئىلھام مامۇت

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!