جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ 19-فېۋرال خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، نەچچە مىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچى لىۋىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بىن غازىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ كۆپلىگەن كىشىلەر يارىدار بولغان ۋە قازا قىلغان.
تۇنىس ۋە مىسىدىكى توپىلاڭنىڭ تەسىرىدىن، 17-فېۋرال لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ چاقىرىقى بىلەن، لىۋىيەدىكى كۆپلىگەن رايونلاردا كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش كۆتۈرۈلگەن. ئەنگىلىيە BBC تورى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قازافى ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشچىلار بىلەن قوراللىق بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىن غازى شەھىرىدە توقۇنۇشقان، دوختۇر 10 جەسەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھازىرغا قەدەر بىن غازى شەھىرىدە 20 ئادەمنى، بەيدە ( al-Baida) شەھىرىدە 23 ئادەمنى، ئەجدابىيە (Ajdabiya) شەھىرىدە 3 ئادەمنى ھەمدە Derna دا 3 ئادەمنى ئېتىپ تاشلىغان.
ئىنسانىي ھوقوق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، 18-فېۋرال بىن غازى شەھىرىدە 35 ئادەم قازا قىلدى دېگەن.
18-فېۋرال، شەرقىي قىسىمدىكى بەيدە شەھىرىدە 5 ئادەم نامايىشتا قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەملەر كوچىلارغا ۋاقىتلىق چېدىر تىككەن.
بىن غازى ۋە بەيدە شەھىرىدە 18-فېۋرال قازا قىلغۇچىلارنى دەپنە قىلغان، بۇ يەنە كۆپلىگەن نامايىش ھەركەتلىرىگە سەۋەب بولغان. ئىسپاتلانمىغان خەۋەرلەردە ھازىرغا قەدەر لىۋىيەدىكى ئېتراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىدە 50 ئادەم قازا قىلدى دېيىلگەن.
نۆۋەتتە، قازافىيغا قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ھۆكۈمەتتىن سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىنسانىي ھوقوققا ھۆرمەت قىلىش ۋە چىرىكلىكنى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلغان؛ قازافى بولسا لىۋىيەلىكلەر دېموكراتىيىدىن بەھرىمان بولماقتا دېگەن. سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمىتى نېفىت ئېكىسپورت قىلىش ئارقىلىق تاپقان غايەت زور بايلىق بىلەن ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مىسىرچە توپىلاڭنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.
مەنبە: جۇڭگو گېزىتى تورى قازافى ھاكىمىيىتى 41 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى ئەڭ يېڭى ئىسلامىي سۈرەتلەرنى ساقلىۋېلىڭ (رامادان) ئەڭ يېڭى ئىسلامىي سۈرەتلەرنى ساقلىۋېلىڭ (كەلىمە تەييىبە) ئەڭ يېڭى ئىسلامىي سۈرەتلەرنى ساقلىۋېلىڭ (مەدىنە)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!