جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
بەھرايىننىڭ پايتەختى مەنامەھدىكى ئاساسلىق ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارمىيە ۋە ساقچىلار تۈنۈگۈن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار بىلەن يەنە بىر توقۇنۇشتى، توقۇنۇشتا ئوننەچچە كىشى يارىلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھۆكۈمەتكە قارشى نەچچە مىڭ نامايىشچى مەنامەھ شەھەر مەركىزىدىكى مەرۋايىت مەيدانىغا كىرمەكچى بولغاندا ئۇ يەردە تۇرىۋاتقان ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كۈچكە ئىگە بولمىغاندىن كېيىن نامايىشچى ئاممىغا كۆزدىن ياش ئاققۇزىدىغان بومبا ئېتىپ ۋە ئوق چىقىرىپ نەچچە ئون نامايىشچىنى يارىلاندۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر قازا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلمىدى. شۇ كۈنى بەھرايىن پادىشاھى خاماد يازما سۆز قىلىپ، دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش، ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، شاھزادە سارامانغا دۆلەتنىڭ تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى ۋە گۇرۇھلار بىلەن سۆزلىشىش توغرىسىدا ھوقۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!