ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى نامايىش قول بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

2011-يىلى02-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى نامايىش قول بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى نامايىش قول بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى شىنخۇا تورىنىڭ 18-فېۋرال خەۋىرى: يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى تايىز ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار 18-فېۋرال ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ قول بومبا
  

يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى نامايىش قول بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدىيەمەننىڭ جەنۇبىدىكى نامايىش قول بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
شىنخۇا تورىنىڭ 18-فېۋرال خەۋىرى: يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى تايىز ئۆلكىسىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار 18-فېۋرال ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ قول بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئاز دېگەندە 3 ئادەم قازا قىلغان، 20 ئادەم يارىلانغان.
يەمەن بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە دوختۇرخانىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن 8000 نەپەر ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى نامايىشچى 18-فېۋرال تايىز ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تايىز شەھىرىدە 10 مىڭدىن ئاشىدىغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچى بىلەن تىركەشكەن. ئارىلىقتا، بىر ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلار توپىغا بىر قول بومبىسى ئاتقان، پارتلاشتا 3 ئادەم قازا قىلغان، يەنە 20 ئادەم يارىلانغان، بەزىلىرىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.
يەرلىك بىر ساقچىنىڭ ئاشكارلىشىچە، توقۇنۇشنى تىنجىتىش ئۈچۈن، تايىز ئۆلكىلىك بىخەتەرلىك دائىرلىرى 5000 نەپەر ئەسكەرنى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا ئەۋەتكەن. « بىخەتەرلىك قىسىملىرى 2 سائەتكە يېقىن ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ كىشىلىرىنى تارقىتىۋەتتى، ئەمما قول بومبىسى ھۇجۇمى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ تاشلىدى » دېگەن.
18-فېۋرال، نەچچە مىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچى پايتەخت سانا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ يېنىدا يىغىلىپ نەچچە يۈز ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى بىلەن توقۇنۇشقان، ئۆز ئارا تاش ئېتىشقان. ساقچىلار ساقچى كالتىكى بىلەن كىشىلەر توپىنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقان، كۆپ ئادەم يارىلانغان.
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 19-فېۋرال خەۋىرى: سېنگاپور « بىرلەشمە سەھەر گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەمەن نامايىشچىلىرى 18-فېۋرال ئۇدا 8-كۈنى نامايىش قىلغان.
مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى شۇ كۈنى سانادا كوچىلارغا چىقىپ، پىرىزدېنت سالىھنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان. بىر قىسىم كىشىلەر پلاكاتلارغا « كەتكىن! بىزنىڭ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ كەتكىن ! » دېگەن سۆزلەرنى يېزىۋالغان.
پىرىزدېنت سالىھقا ساداقەتمەن نەچچە يۈز نامايىشچى سانا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ يېنىغا يىغىلىپ: « قالايمىقانچىلىق چىقارماڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار » دەپ قاتتىق توۋلىغان، بىر قىسىملار كالتەك ۋە تاشلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغان.
مەنبە: شىنخۇا تورى، جۇڭگو ئاخبارات تورى

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!