ئىگىلىك تىكلەش---ياخشى بوغالتىر تەكلىپ قىلىش(08)
ۋاقتى: 2016-11-07
ئاۋاتلىقى: 548 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە ئەمدىلا قۇرۇلغان شىركەتكە كەسپى بوغالتىر تەكلىپ قىلىش ھاجەتسىز، بوغالتىرلىق ۋاكالەتچى شىركىتى ئىزدىسىڭىز، ئۇلار سىزگە ھېسابات قىلىپ بېرىدۇ، سىز ئۇلارغا تەلەپ قويۇپ قايسى تەرەپلەردىن سىزنىڭ كىرىمىڭىزنىڭ ئازلاپ كەتكىنىنى بىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى بۇ تەرەپلەردىن تىجارەت تاپاۋەت بېجىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ يەنە كىرىم بېجىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، %25 بولىدۇ.
ئادەتتە شىركەت كۈندىلىك تىجارەت تەننەرخىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى بەش خىل بولۇپ: كوماندىروپكا چىقىمى، قاتناش چىقىمى، ئادەم كۈچى بايلقى چىقىمى، ئىشخانا بۇيۇمى چىقىمى، ئۆي ئىجارە سۇ توك ھەققى چىقىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇشۇ چىقىمنىڭ تالونىنى ساقلاپ قويۇش ۋە يىغىپ ساقلاش كېرەك.
ئەگەر ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق بىر ئىشتىن سىرتقى بوغالتىر تەكلىپ قىسا،سىزنىڭ كەسپىڭىزنىڭ ئاز كۆپلۈكى ۋە ئاسان قىيىقلىقىغا قاراپ 300-600 يۈەن ئىچىدە بولىدۇ، ئەگەر بەكلا قىيىن بولسا 600 يۈەن ئەلۋەتتە يەتمەيدۇ، بۇ سىزنىڭ شىركىتىڭىزنىڭ تەرەققىياتنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مەخسۇس بوغالتىر تەكلىپ قىلىش كېرەك.
ئەلۋەتتە كىچىك شىركەتتە بوغالتىر بىلەن مەمۇرىي خىزمەتكە بىر ئادەم بولسا يېتەرلىك.
بۇ خىل ۋاكالەتچى شىركەت ھەممىلا يەردە بار، توردىن "بوغالتىر ۋاكالەتچىسى" دەپ ئىزدىسە ھەممىلا يەردە شۇ. لېكىن كۆپچىلىك چوقۇم بوغالتىرلىقتىن خەۋىرى بار خادىمنى ئىشلىتىشى كېرەك.