HR چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك قوراللار قامۇسى (3)
ۋاقتى: 2015-07-28
ئاۋاتلىقى: 495 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بېشى «HR چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك قوراللار قامۇسى (2)» بۇ يەردە!
ئادەم كۈچى بايلىقى پىلانىنى باشقۇرۇش قورالى
Delphi ئۇسۇلى
Delphi ئۇسۇلى يەنە مۇتەخەسسىسلەردىن ئەھۋال ئىگەللەش ئۇسۇلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنى بۇ ئالاقە ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرگە ئايرىم تارقىتىش ئارقىلىق، مەسلىھەت سوراش، ئاندىن بارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىنى يىغىپ خۇلاسىلەپ، بىرىكمە پىكىرنى رەتلەپ چىقىش ، ئاندىن بۇ بىرىكمە پىكىر ۋە مۆلچەرلەنگەن مەسىلىنى يەنە ئايرىم-ئايرىم ھەر بىر مۇتەخەسسىسكە تارقىتىپ، قايتا پىكىر ئېلىش، ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەر بىرىكمە پىكىرگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پىكرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئاندىن قايتا خۇلاسىلەش ئارقىلىق، پەيدىنپەي دەسلەپكى قەدەمدىكى مۆلچەرلەنگەن نەتىجىنى بەلگىلەيدىغان بىر خىل ئۇسۇل.
شىتاتقا نورما بېكىتىش ئۇسۇلى
شىتاتقا نورما بېكىتىش ئۇسۇلى بولسا بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا شارائىتى ئاستىدا، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ، كارخانىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىدا سەپلىنىشكە تېگىشلىك مەلۇم ساپاغا ئىگە ھەر قايسى خىزمەتچىلەرگە نىسبەتەن ئالدىنئالا بەلگىلىنىدىغان چەكنى كۆرسىتىدۇ.
باشقۇرغۇچى خادىملار پىلانىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى (管理人员接续计划法)
باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ پىلاننى داۋاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى بولسا ھازىر ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن كەلگۈسى مۇمكىنچىلىكى بولغان باشقۇرغۇچى خادىملارنى رەتكە تۇرغۇزۇشتا ۋە خادىملارنى مۆلچەرلەشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل قورال. بۇ خىل ئۇسۇل ئادەم كۈچى بايلىقى پىلانى ۋە كارخانا ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
Markov مودېلى
Markov مودېلى ئاساسلىقى بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلدە بىر خىزمەت ئورنىدىن يەنە بىر ئورنىغا يۆتكىلىش مۇمىنچىلىكىنى، يەنى يۆتكەش نىسبىتىنى ئانالىز قىلىدۇ. بۇ مودېلنىڭ بىر ئاساسلىق قىياسى بولسا، بۇرۇنقى ئىچكى كادىرلار ئىشلىرى ئۆزگىرىشىنىڭ شەكلى ۋە نىسبىتى كەلگۈسى ئېقىم بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئۇسۇل كارخانا ئىچكى ئادەم كۈچلىرى بايلىقىنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ۋە نىسبىتى، مەسىلەن، ئۆستۈرۈش، كەسپ ئالماشتۇرۇش، تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش، خىزمەتتتىن ئايرىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلىشنى، بۇ ئارقىلىق ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.