”مايمۇن“ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ ئىلھامى
ۋاقتى: 2015-04-02
ئاۋاتلىقى: 576 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بىرىنچى، ھەر بىر كىشى چوقۇم ئۆزىنىڭ "مايمۇنى"غا ياخشى قارىشى كېرەك.
ئىككىنچى، باشقىلارنى "مايمۇنى"ڭىزغا قاراپ قويۇشقا ئاۋارە قىلماسلىقىڭىز كېرەك.
ئۈچىنچى، كوللېكتىپتا، ھەر بىر كىشى چوقۇم ئۆزىنىڭ قايسى "مايمۇن"لارغا قارىشى كېرەكلىكى ۋە قانداق قارىشى كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك.
تۆتىنچى، ئۆزىڭىزنىڭ "مايمۇنى"ڭىزنى باشقىلارنىڭ قاراپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلماسلىقىڭىز كېرەك. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان باشقىلار بەلكىم باشلىقىڭىز، قول ئاستىڭىزدىكىلەر، باشقا بۆلۈمدىكى خىزمەتداشلىرىڭىز ۋە ياكى شىركەت، جەمئىيەت، ھەتتا ئاللاھ، تەقدىر قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرسى ياكى بىر قانچىسى بولۇشى مۇمكىن.
بەشىنچى، ئادەم خەۋەر ئالمايدىغان "مايمۇن" پەيدا بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا ئىككىدىن ئارتۇق ئىگىسى بار "مايمۇن" پەيدا بولماسلىقى كېرەك.
ئالتىنچى، باشقۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قول ئاستىڭىزدىكىلەرنىڭ قايسى "مايمۇن"لارغا قارىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ ئاشۇ "مايمۇن"لارغا قانداق قارىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.