ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

خىزمەتتىكى بېسىمنى قانداق قىلغاندا يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؟

خىزمەتتىكى بېسىمنى قانداق قىلغاندا يېنىكلەتكىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2016-05-18 ئاۋاتلىقى: 693 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىز دائىم بىر-ئىككى سائەتلەپ يىغىن ئىچىپ مەسىلە تەھلىل قىلىمىز، لېكىن ھېچكىم ھەقىقىي مەسىلىنىڭ نېمىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالمايدۇ.
ئەگەر سىز بىر تىجارەتچى بولسىڭىز، بەلكىم ئۆزىڭىزگە: «بۇ تېما ھەقىقەتەنمۇ بىمەنە ئىكەن، مەن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 10 نەچچە يىل بولاي دەپ قالدى، ئەگەر بىرسى بۇنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇ كىشى مەن بولىمەن-دە. قاراپ تۇرۇپ بىرسى ماڭا قانداق قىلىپ سودامدىكى %50 ئاۋارىچىلىقنى ئازايتىشنى ئېيتىپ بەرمەكچىكەن؟ ھەقىقەتەنمۇ ئۇچىغا چىققان قۇرۇق گەپ بولدى.» دەۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
بۇ گەپ قىلچىمۇ خاتا ئەمەس. بەلكىم  نەچچە يىل بۇرۇن بۇنداق تېمىنى مەن كۆرگەن بولساممۇ، مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلىغان بولاتتىم. بۇ تېما خۇددى سىزگە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بىرەلەيدىغاندەك، ئەمما بۇنداق قۇرۇق گەپ بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ.
بىز سەمىمىي بولايلى. بەلكىم مەن سىزگە ياردەملىشىپ سودىدىكى %50 بېسىمنى ئازايتالماسلىقىم مۇمكىن، مېنىڭ بايامقى ئانالىزىمنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم بۇنداق قىلالمايدۇ. لېكىن مېنىڭ قىلالايدىغىنىم سىزگە باشقىلارنىڭ قانداق قىلغىنىنى كۆرسىتىپ قويۇش، قالغىنى ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزگە باغلىق.
دۇنياغا داڭلىق ئالېكس. كېرۇيئىر (亚力西斯.柯锐尔) دوكتور مۇنداق دېگەن:  «غەم-قايغۇغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلمەيدىغان سودىگەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ.»
غەم-قايغۇ بۇنچە ئېغىر بولغان ئىكەن، ناۋادا مەن سىزگە ياردەملىشىپ يوقاتسام—گەرچە پەقەت %10 لا بولسىمۇ، سىز رازى بولىدىغانسىز؟ شۇنداق؟---ناھايىتى ياخشى، ئۇنداقتا تۆۋەندە مەن سىزگە بىر سودىگەرنىڭ قانداق قىلىپ سودىدىكى %50 غەم-قايغۇنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە بۇرۇن يىغىن ئىچىشقا، سودىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىشلەتكەن ۋاقىتنىڭ %70نى تىجەپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بىرەي.
يەنە، مەن سىزگە ئۇنداق سىز ئىسپاتلاشقا ئامال يوق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. بۇ ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانى بولسا بىر ھايات ئادەم---لىئاڭ شۈمېڭجىن (李昂.许孟津) . نۇرغۇن يىللاردىن بىرى ئۇ سىمون (SIMON) نەشرىياتچىلىقى يۇقىرى قاتلام ئورۇننىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. ھازىر بولسا نىيورۇك شىتاتى نىيورۇك شەھرىنىڭ روكېفېللېر (ROCKEFELLER) مەركىزى، شىيۇ جېن (袖珍) كىتاب شىركىتىنىڭ باش لىدىرى.
#p#
تۆۋەندىكىسى لېئاڭ شۈمېڭجىننىڭ تەجرىبىسى:
«15 يىلدىن بۇيان مەن ھەركۈنى يېرىم دېگۈدەك ۋاقىتنى يىغىن ئىچىشقا، مەسىلە تەھلىل قىلىشقا سەرپ قىلدىم. بىز ئۇنداق قىلىشىمىز كېرەكمۇ ياكى مۇنداقمۇ----ياكى ھېچنىمە بىلەن كارىمىز بولماسلىقى كېرەكمۇ؟ بىز بەك جىددىيلىشىمىز، ئورۇندۇقتىمۇ ئارامخۇدا ئولتۇرالمايمىز، ئىشخانىدا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپلا يۈرىيمىز، ئۆز-ئارا توختىماي تالىشىمىز، توختىماي بىر چەمبەرنى ئايلىنىپ يۈرۈيمىز. كەچ بولغاندا، ھېرىپ ھالىمىز قالمايدۇ. مەن ئەسلىدە بۇ خىل تۇرمۇش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلىغان. بۇ خىل تۇرمۇشنى مەن 15 يىل باشتىن ئۆتكۈزدۈم،  مەن ئىزچىل تېخىمۇ ياخشى ئامال بارلىقىغا ئىشىنەتتىم، ئۇ چاغلاردا ئەگەر بىرسى ماڭا ئاشۇ يىغىن ئىچىشقا سەرپ قىلغان ۋاقىتنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئازايتىۋېتىشنى ئېيتقان بولسا مەن ئۇنى سىپى ئۆزىدىن ئىش ئۇقمايدىغان "ئۈمىدۋار شەخس" دەپ ئويلىغان بولاتتىم.  ئەمما، مەن ئۆزۈم بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان پىلاندىن بىرنى تۈزۈپ چىقتىم. بۇ پىلاننى مەن توپتوغرا سەككىز يىل ئىشلىتىپتىمەن، ئۇ مېنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمۈمگە، ساغلاملىقىمغا ۋە خۇشاللىقىمغا ئويلىمىغان ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.»
«بۇ سۆز ئاڭلىنىشقا سېھىرگەرلىكتەك بىلىنىدۇ---ئەمما بارلىق سېھىرگەرلىككە ئوخشاش پەقەت قانداق قىلىشنى بىلىۋالسىڭىزلا، شۇنداق ئاددىي بىلىنىدۇ.»
«تۆۋەندىكىسى مېنىڭ مەخپىيەتلىكىم: بىرىنچى، مەن شۇزامان 15 يىلدىن بۇيانقى يىغىن تەرتىپىنى  توختاتتىم----ئىلگىرى، مېنىڭ ئاشۇ زېرىكىشلىك خىزمەتداشلىرىم ئاۋۋال مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىنى بىر قۇر بايان قىلىپ چىقاتتى-دە، ئارقىدىنلا "بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ دەپ سورايىتتى." ئىككىنچى، مەن يېڭى بىر تۈزۈم ئورناتتىم---ھەربىر مەسىلىنى ئەكىلىپ مەندىن سورايدىغان ئادەم چوقۇم بىر يازما دوكلات تەييارلىشى كېرەك، دوكلاتتا چوقۇم تۆۋەندىكى تۆت سوئالغا تەپسىلىي جاۋاب بىرىشى كېرەك:
1. زادى نېمە مەسىلە كۆرۈلدى؟
ئىلگىرى يىغىندا بىر-ئىككى سائەت سەرپ قىلىپمۇ ھېچكىم مەسىلىنىڭ نېمىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرالمايتتى. بىز دائىم مەسىلە تەھلىل قىلىشقا باشلايتۇق-يۇ، ھېچكىم مەسىلىنىڭ زادى نېمىلىكىنى ئېنىق يېزىشنى خالىمايتتى.
2. مەسىلىنىڭ تۈپ-سەۋەبى نېمە؟
ئويلاپ باقسام ھەيرانلىق بىلەن شۇنى بايقىدىم، مەن بۇنداق يىغىندا شۈنچە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپمۇ ئەزەلدىن مەسىلىنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق ئەھۋالنىڭ نېمىلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ باقماپتىمەن.
3. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئاماللار قايسى؟
ئىلگىرى، يىغىندا بىرسى بىر ئامالنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغۇچە، يەنە بىرى ئەگىشىپلا تالىشىشقا باشلايتتى، كۆپچىلىك تالىشىپ-تالىشىپ ئاچچىغلاپ تېمىدىن چەتنەپ كېتەتتى. يىغىن ئېچىلىپ بولغاندا بولسا مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ھەر خىل ئامال يوق.
#p#
4. سىز قايسى خىل ئامالنى ئىشلىتىش توغرا دەپ قارايسىز؟
ئىلگىرى مەن يىغىندىكىلەر بىلەن بىرلىكتە سائەتلەپ بىر مەسىلە ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ، بىر چەمبەرنى چۆرىدەپلا يۈرەتتۇق. ئەزەلدىن بارلىق مۇمكىنچىلىكى بار ئاماللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاندىن مانا بۇ مەن تەۋسىيە قىلىدىغان ئامال دەپ يېزىشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
"ھازىر، قول ئاستىمدىكىلەردىن ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى سوراپ كېلىدىغانلار ناھايىتى ئاز، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار شۇنى بايقىدىكى، ئۈستىدىكى ئۇ تۆت سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۇلار چوقۇم بارلىق ئەھۋاللارنى توپلاپ، ئۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىشى كېرەك، ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندا شۇنى بايقايدۇ، ئەمەلىيەتتە تۆتتىن ئۈچ قىسىم مەسىلىلەرنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەكىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. چۈنكى ئەڭ مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۇسۇلى خۇددى بولكا دوخوپكىدىن چاچراپ چىققاندەك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چوقۇم مەن بىلەن بىللە تەھلىل قىلىش كېرەك بولغان مەسىلىلەردىمۇ، سەرپ قىلغان ۋاقىت بۇرۇنقىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى يىغىن شۈنچە تەرتىپلىك ۋە لوگىكىغا ماس بولىدۇ، بۇنداقتا تېخى ئاخىرىدا ئاسانلا ئەڭ ئاقىلانە يەكۈنگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ھازىر شىيۇ جېن كىتابخانىسىنىڭ ئىشخانىسىدا ھېچكىم ئۇنچە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەسىلىنىڭ قەيەردىن چىققانلىقىدىن ئەنسىرمەيدۇ، ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.»
فېرانك، بېجىر (法兰克.毕吉尔) ئامېرىكا سۇغۇرتا ئىشلىرىدىكى ئەڭ داڭلىق شەخس. ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ سودىدىكى غەم-قايغۇنى ئازايتىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ پايدىسىنىمۇ ئۆستۈرگەن، ئۇنىڭ ئىشلەتكىنىمۇ ئوخشاش ئۇسۇل.
فېرانك بېجىر مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەمدىلا  سۇغۇرتا سېتىشقا باشلىغاندا ئۆزۈمنىڭ خىزمىتىگە شۇنداق قىزغىن ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ شۇنداق ئاچچىغىمنى كەلتۈرىدىغان بىر ئىش يۈز بەردى. مەن ئۆز خىزمىتىمنى كۆزگە ئىلماسلىققا باشلىدىم، ھەتتا ۋاز كىچىش ئويىمۇ بولدى. مەن ئىستىپا بىرەي دەپ تۇرغاندا ---تۇيۇقسىز بىر ئوي خىيالىمدىن كەچتى، مەن ئولتۇرۇپ ئۆز غىمىمنىڭ سەۋەبىنى تاپماقچى بولدۇم.
1. مەن ئاۋۋال ئۆزۈمدىن سورىدىم: «مەسىلە زادى نېمە؟» مېنىڭ مەسىلەم شۇكى: مەن شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەرنى زىيارەت قىلدىم، لېكىن مېنىڭ نەتىجەم يەنىلا ياخشى ئەمەس. مەن دەسلەپ ھەربىر خىرىدار بىلەن شۇنداق ياخشى پاراڭلاشقاندەك قىلغان بىلەن، ئاخىرىدا سودىلىشىدىغان چاغدا ئۇ خىرىدار ماڭا: «مەن يەنە بىر ئويلىشىپ باقاي بېجىر ئەپەندى، يەنە بىر كىلىشىڭىزدە ئاندىن جاۋابىنى بىرەي.» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە ئۇنى ئىزدەيمەن، شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىش مېنى تۈگەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.
#p#
2. مەن ئۆزۈمدىن سورىدىم: «بۇنى ھەل قىلىشقا بولىدىغان ئاماللار بارمۇ؟» بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەن چوقۇم ئەمەلىي ئەھۋالنى تەتقىق قىلىشىم كېرەك. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆتكەن 12 ئايدىكى خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئەستايىدىل كۆزىتىشكە باشلىدىم.
نەتىجىدە،  ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بايقاش بۇ خاتىرىدىن بايقالدى، ئاق قەغەز قارا قەلەم بىلەن يېزىلغان خاتىرىدىن مەن شۇنى بايقىدىمكى، مەن ساتقان سۇغۇرتىنىڭ %70 تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا سېتىلغان ، %23 ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە سېتىلغان، قالغان %7 بولسا ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى..... قېتىملىق كۆرۈشۈشتە سېتىلغان. بۇ نەرسىلەر مېنىڭ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدى، ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدى. باشقىچە ئېيتقاندا، مېنىڭ خىزمەت ۋاقتىمنىڭ يېرىم دېگۈدەك ۋاقىت ئەمەلىيەتتە پەقەت 57 ئىش ئۈستىدىلا ئىسراپ قىلىنغان.
2. ئۇنداقتا جاۋاب نېمە؟ جاۋابى ناھايىتى ئىنىق، مەن شۇ زامان ئىككىنچى قېتىمدىن كېيىنكى بارلىق زىيارەتنى توختاتتىم-دە، ئورنىغا يېڭى خىرىدارلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم. نەتىجىسى راستىنلا ئادەمنى ھەيران قالدۇراتتى: قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ھەر قېتىم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 كوي سەككىز مو تاپىدىغان نەتىجىنى تۆت كوي 27 پۇڭ تاپىدىغانغا ئۆزگەرتتىم. (بۇ يەردە تەرجىمان پۇل بىرلىكىنىمۇ ئۆز تىلىمىزدىكى بىرلىك بويىچە يېزىۋەتكەندەك تۇرىدۇ. ---تەھرىردىن)
فىرانك بېجىر ئامېرىكا سۇغۇرتا ئىشلىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ساتقۇچى، ھەر يىلى قولغا كەلتۈرىدىغان سۇغۇرتا سوممىسى 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى. لېكىن ئۇ ئىلگىرى بۇ كەسىپتىن ۋاز كەچكىلى تاس قالغان، مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغىلىمۇ ئاز قالغان ئىدى. نەتىجىدىچۇ؟ مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ئۇنى غەلبىگە يۈزلەندۈردى.
سىزنىڭمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزگە ئىشلەتكۈڭىز بارمۇ؟ تۆۋەندە بۇ مەسىلىلەرنى يەنە بىر ئوتتۇرىغا قوياي:
1. مەسىلە زادى نېمە؟
2. بۇ مەسىلىنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق سەۋەب زادى نېمە؟
3.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدىغان ئۇسۇللار قايسى؟
4.سىز قايسى خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىسىز؟

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى