ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بىر ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تورالىشىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى 7 ئامىل

بىر ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تورالىشىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى 7 ئامىل

ۋاقتى: 2016-04-01 ئاۋاتلىقى: 639 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بىر ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى بىر قەدەر ئۇزاق ۋاقىتتا نەتىجە قازانسا، ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى قايسى ئامىللار بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم چىقىرىشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ؟ ھەربىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا بىردىن ھېسابات تالونى بولىدۇ. بۇنىڭدا تىزىپ چىققانلىرى ئا‍ز بىر قىسىم ئەۋرىشكە ماتېرىيال ياكى بىۋاسىتە سەزگۈسىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلغان ئامىللاردۇر.


يېقىندا مەن inc ژۇرنىلىدىن بىر كونا ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇنىڭدا 1988-يىلى 2-ئايدىن 1990-يىلى 9-ئايغىچە inc ژۇرنىلىدا كۆرسەتكەن 27 شىركەت ئىچىدىكى 17 شىركەتنىڭ 4 يىلدىن 7 يىلغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزاق ۋاقىت تىجارەتنى تاشلاپ قويغان تەقدىردىمۇ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ %63 كە يېتىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.


بۇنداق بولۇشىدىكى ئامىل زادى نېمە؟ تەتقىقاتچىلار 27 شىركەتكە قارىتا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشچان مىقدارلارنى سېلىشتۇرۇپ تەدبىقلاش ئارقىلىق ئاخىرىدا شىركەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى تۆۋەندىكى 7 تۈرلۈك ئامىلنى ئىشەنچىلىك ھالدا يەكۈنلەپ چىققان.


1. قۇرغۇچىدا ئىشتىياق، ياقتۇرۇش ھەم شۇنىڭدەك كۈچلۈك ئۆگىنىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك


ھەممىمىز بىلىمىز، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىگە ئىشەنگەن، ئۇلار دوستلىرى ياكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدۇ. لېكىن كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بولسا ئىزچىل ئوچۇق-يۇرۇق پىسخىك كەيپىياتنى ساقلايدۇ. باشقىلارنىڭكىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ، ئۆگىنىدۇ. پەقەت ئۆز تەجرىبىسى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

 

2. ھازىر ئۆزىدە بار بولغان سودا تەمىناتى ۋە يولىنى تېپىپ چىقىش


يېڭىدىن بىر مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىش ياكى مۇلازىمەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئاسان ئىش ئەمەس. شۇنىڭدەك ھەم بىر يېڭى تەمىنلەش ھالقىلىرى ۋە يوللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ قىيىن. ئەڭ ئۈنۈمدار ئىگىلىك تىكلىگۈچى شىركەت زېھىنىنى ئۇلارنىڭ نېگىزلىك رىقابەت كۈچى ئۈستىگە يىغىپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى ھەمراھىنى تاللىيالايدۇ.

 

3. يېڭىدىن قۇشۇلۇۋاتقان رىقابەتچىلەرگە يېقىندىن دىققەت ئىتىباردا بولۇش


ئۈنۈمدار شىركەتلەر ھەرگىزمۇ يېرىم يىلدىن كېيىن بولىدىغان ئىقتىدارى سەۋەبلىك ھازىرقى رىقابەتچىسىنىڭ مەھسۇلاتىنىڭ ئالغا بېسىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ تۇرمايدۇ.


ئىگىلىك تىكلەش دۇنياسىدا ئىشلار ناھايىتى تېز سۈرەتتە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي رەقىپ ھەرگىز ئالغا باسماستىن بىر ئىزىدا توختاپ، قول قوشتۇرۇپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. شۇڭلاشقا ھەر ئاي بىر مۇددەتتە ئەسلىدىكى رىقابەتچى ۋە يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭى رىقابەتچىلەرنى باھالاپ
بېكىتىش كېرەك.


 

4. دەسلەپكى مەزگىلدە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىش


باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشتا سىزنىڭ پەقەت بىرلا قېتىم پۇرسىتىڭىز بار. ياخشى بولمىغان تەسىرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ۋاقىت، پۇل ۋە زىھىن كېتىدۇ. شىركىتىڭىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن تۇنجى تەسىرى ئۇنىڭ ھاياتىنى بەلگىلەيدۇ.

 

5. ئەڭ تۆۋەن كاپىتال ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ دەرسلىكىنى ئىشلەش


مۇبادا سىزنىڭ ئاساسىي مەبلەغ مەنبەيىڭىز نەق پۇلغا ئايلانمىغان ياكى كۆزلىگەن ۋاقىتتىن بەكمۇ كېيىن ئايلانغان بولسا، ئۇ ھالدا سىز چوقۇم ئالدىن B ياكى C پىلاننى تەييارلاپ قويۇشىڭىز كېرەك. سىزنىڭ ئەڭ ياخشى سودا پىلانىڭىز بار دېسەكمۇ بىردىنلا ئوبوروتىڭىز بەربات بولسا، بارلىق ئىشلار پالەچ ھالغا چۈشىدۇ.

 

6. مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى چەكلەش ۋە جانلاندۇرۇش


بەزى ئۆلچەم سەۋەبلەردىن ئىگىلىك تىكلىگەن بىر شىركەتنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەن تەنەرختە مەھسۇلات ئىشلەپچىقارمىقى تەس. شۇنىڭ ئۈچۈن مەبلىغى زور بولغان چوڭ شىركەتكە نىسبەتەن چوڭ تىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشتا چوقۇم مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى جانلاندۇرۇش ۋە چەكلەشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

 

7. ئېشىشچان كەسىپتىكى چوڭ بازارنى تاللاش


ئېشىش خارەكتېرىدىكى كەسىپ بولسا ئۆتكەن ياكى كېلىدىغان، كەم دېگەندە ئىككى خانىلىق سان بولغان يىلدا ئېشىپ بارىدىغان كەسىپتۇر. چوڭ بازار بولسا شىركەت يېنىك مۈلۈكلۈك ئەھۋالدا بازار سىغىمى  500مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بازاردۇر. ئەگەر شىركەت زور مىقداردىكى مۈلۈك، زاۋۇت ۋە ئۈسكۈنىلەرگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇ ھالدا بازار سىغىمىمۇ بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بازاردىن ئېشىپ كېتىدۇ.

 

چەشمەزۇلال تەرجىمىسى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى