ئالىي مەكتەپنى شۇ قاراردا پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمگەك توختامى ئىمزالىغاندا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاچاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئالىي مەكتەپنى شۇ قاراردا پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمگەك توختامى ئىمزالىغاندا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى قاچاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ؟
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 10-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەكچىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئەمگەكچىنى ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلىدۇ. بۇ خىل بەلگىلىمە ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى تالاش-تارتىش ۋە ماجىرالارنىڭ يۈز بېرىشىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئازلىتىدۇ. مەسىلەن، پات ئارىدا مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ پۈتكۈزۈشتىن بۇرۇن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىمۇ پەقەت ئۇ رەسمىي ئىشقا چىققان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.