ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىدىن «رىقابەتلىك كەسپلەردىن چەكلىنىش»كە ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالاشنى تەلەپ قىلسا، چوقۇم تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىدىن «رىقابەتلىك كەسپلەردىن چەكلىنىش»كە ئالاقىدار كېلىشىم ئىمزالاشنى تەلەپ قىلسا، چوقۇم تولۇقلىما بېرىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ئىدارە ئەمگەكچى بىلەن «رىقابەتلىك كەسپلەردىن چەكلىنىش» كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەمگەكچىگە «رىقابەتلىك كەسپلەردىن چەكلىنىش» مەجبۇرىيىتى يۈكلەيدۇ، شۇڭا، ئىدارە «رىقابەتلىك كەسپلەردىن چەكلىنىش» كېلىشىمى ئىمزالىغان ئەمگەكچىلەرگە مۇئەييەن تولۇقلىما بېرىشى كېرەك. «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 23-ماددىسىنىڭ ئىككىنچى تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىدارە ئەمگەكچى بىلەن «رىقابەتلىك كەسپلەردىن چەكلىنىش» كېلىشىمى ئىمزالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، رىقابەتلىك كەسپلەردىن چەكلىنىش مۇددىتى ئىچىدە ئاي بويىچە ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشكە كېلىشىشى كېرەك.
تولۇقلىما پۇلنىڭ ھوممىسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ. ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن كېلىشىم بويىچە ئەمگەكچىنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن ئەمگەكچىگە رىقابەتلىك كەسپلەردىن چەكلىنىش ئىقتىسادىي تولۇقلىمىسى بەرمىسە، رىقابەتلىك كەسپلەردىن چەكلىنىش ماددىسى كۈچتىن قالىدۇ.