ئىدارە ئەمگەكچىنى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىيالامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىدارە ئەمگەكچىنى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىيالامدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 31-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئەمگەك نورمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك، ئەمگەكچىلەرنى ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەشكە مەجبۇرلىسا ياكى شەكىل ئۆزگەرتىپ مەجبۇرلىسا بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ 41-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەمگەكچىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ، ئادەتتە ھەر كۈنى 1 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان شەرت ئاستىدا خىزمەت ۋاقتىنى كۈندە 3 سائەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن ئاساستا خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتسا بولىدۇ، لېكىن ئايدا 36 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
«ئەمگەك قانۇنى»نىڭ 38-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر كۈن ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كارخانىلار قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ئەمگەكچىنى خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا مەجبۇرلىسا، ئەمگەكچىلەرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بار.