سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئىچىدە بولامدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئىچىدە بولامدۇ؟
جاۋاب: سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئىچىدە بولىدۇ.
ئەمگەك توختامىدا پەقەت سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتىلا بەلگىلەنگەن بولسا، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، بۇ مۇددەت ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى.
ئەمەلىي تۇرمۇشتا، بەزى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ھەمىشە سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدىكى ئەمگەكچى بىلەن رەسمىي ئەمگەك توختامى تۈزمەيدۇ، دائىم ئەمگەكچى «رەسمىلەشكەن»دىن كېيىن ئاندىن ئەمگەك توختامى تۈزىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى خاتا؛ ئىككىنچىدىن، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن تەقدىردىمۇ، سىناق قىلىپ ئىشلىتىش مۇددىتى يەنىلا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى ئىچىدە ھېسابلىنىدۇ.