توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى
ۋاقتى: 2012-09-06
ئاۋاتلىقى: 485 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
مەزكۇر دېلودا: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشكەن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش مۇددىتى <ئەمگەك توختام قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان. <ئەمگەك توختام قانۇنى> نىڭ 19-ماددىسىدا: «ئەمگەك توختام مۇددىتى بىر يىلدىن يۇقىرى ۋە ئۈچ يىلغا توشمىغان بولسا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش ۋاقتى 2 ئايدىن ئاشسا بولمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 2 ئايلىق سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش ۋاقتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. ئەمگەكچى توختام كېلىشىمىگە ئاساسەن 6 ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئىجرا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 4 ئاي قانۇنسىز سىناقتا ئىشلىتىش مۇددىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىدىن 6 ئايلىق سىناق ئىشلىتىش مۇددىتىنىڭ ئىش ھەققى ئۈچۈن 6000 يۈەننى قايتۇرىۋالماستىن، يەنە سىناقتا ئىلىتىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئايلىق ئىش ھەققى ئۆلچىمى بۇيىچە 1500 يۈەن بېرىشى ھەمدە ئەمگەكچىگە 4 ئايلىق ئىش ھەققى ئۈچۈن 6000 يۈەن تۆلىشى كېرەك.