كانادادا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش كەچۈرمىشى

ۋاقتى: 2012-08-19 / ئاپتور: / سەھىپە: ئامېرىكا قىتئەسى,ئوقۇش ئۇچۇرى / كۆرۈلۈشى:755 قېتىم ئوقۇلدى /

كونكىرىت مەسلىگە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇش ھەققىدىكى بەزى خاتا كۆز قاراشلارغا چۈشەنچە بىرىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم. كىشىلەر مىنىڭ بىلوگىمدىكى بەزى رەسىملەرنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى تەرەققى قىلغان كانادا، گۈزەل تورونتو شەھرى، مىنىڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالىتىم ۋە قارىماققا ھەممە ئىش مۇكەممەلدەك تۇيغۇ بىرىدىغان كانادا تۇرمۇشى بولۇشى مۇمكىن.لىكىن مۇشۇ گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىغا ئۇزۇن مۇددەتلىك بوشاشماي تېرىشىش ،ئۆزىنى بىغىشلاش ۋە يۈكسەك قىزغىنلىق يوشۇرۇنغان.ئەگەر سىز ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىرادە تىكلەپ جاپاغا چىداپ تىرىشىپ،كىرەكلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىنى توپلاپ شۇ ئاساستا تەييارلىق قىلسىڭىز چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيىڭىز چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزگە ئىشىنىش بىلەنلا توختاپ قالماستىن يەنە چوقۇم ھەركەتكە ئۆتۈشىڭىز لازىم.
كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پۇرسەت ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ.  بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئىككى يىل ئىلگىرى دۆلەت ئىچىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بىلەن بىللە بېيجىڭغا بىر ئىلمى تەتقىقات يىغىنىغا باردىم،يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بۇ يىغىنغا Janet Walker ئىسىملىق بىر كانادالىق پروففىسورنى تەكلىپ قىلغان ئىدى،مەن يەنە بىر ساۋاقدىشىم بىلەن بىللە بۇ پروففىسورنىڭ يىغىن داۋامىدىكى زىيارىتىگە ھەمراھ بولدۇق، پروففىسورJanet Walker  قىزىنىمۇ بىللە ئەكەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ قىزى كانادادا قانۇن كەسپىدە ئوقۇيتى ،يىغىن ئاخىرلىشىپ يىتەكچى ئوقۇتقۇچىم بىلەن كانادالىق پروففىسور ۋە ئۇنىڭ قىزىنى  ئىلىپ ۋۇخەنگە قايتتۇق.سەپەر جەريانىدا مەن كانادالىق پروففىسورنىڭ قىزىنىڭ دەرسلىك كىتابىنى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم،بۇكىتاپ بىزنىڭ زىرىكىشلىك قانۇن دەرسلىكلىرىمزگە ئوخشىمايتى،ئوقۇغان ئادەمگە ھىكايە ئوقۇغاندەك تەسىر بىرەتتى. سەپەر جەريانىدا ئۇ ماڭا كانادادىكى قانۇن مەكتەپلىرى توغرۇلۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىيتىپ بەردى.、ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئىختىيارسىزھالدا ئەگەر بىزنىڭ مائارىپ سىستىمىمىزمۇ ئاشۇنداق بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم،بەلكىم ئۇ چاغدا مەن يەڭگىللىك بىلەن سىلىشتۇرما قىلغاندىمەن،ئەمما قانۇن كىتاپلىرى ئاشۇنداق قىزىقارلىق  بولۇشى كىرەك ئەمەسمۇ؟مۇشۇ سۇئالنىڭ تۈرتكىسىدەجاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق مەن  ئۇ سۇئالغا جاۋاب ئىزدەيدىغان  ئىسىل پۇرسەتكە  ئىرىشىپ ئاخىرى بۇ دۆلەتكە كەلدىم.
گىپىمگە قايتىپ كەلسەم ،پروففىسور Walkerبىلەن مەنىلىك بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئۇنى ئىچكىرلەپ چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم،ئىلىم پەن ساھەسىدە ئۇ كانادادىكى باشلامچى پروففىسور، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولسا ناھايىتى دوستانە ھەم چىقىشقاق ئايال ئىدى.پاراڭ داۋامىدا ئۇ مىنىڭ ماگىستىرلىقنى  پۈتتۈرۈش ئىلمى ماقالەم توغۇرلۇق بەزى سۇئاللارنى سورىدى،مەن ماقالەمنىڭ مەزمۇنىدىن قىسقىچە چۈشەنچە بەردىم،ئاندىن ئۇ مىنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمغا بەزى تەكلىپلەرنى بەردى ۋە مىنىڭ ئىپادەمدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى ھەمدە مىنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىمغا  ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ماڭا يوشۇرۇن كۈچۈمنى كۆرسىتىش ھەققىدە ئىلھام بەردى.مەن ئۇنىڭ ئەينى چاغدا تەكلىپ ۋە  ئىلھام بەرگىنلىكىدىن ناھايىتى مىننەتدار.تىخىمۇ مۇھىمى مىنىڭ ھاياتىمنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولغان يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم 刘仁山گە چىن دىلىمدىن مىننەتدارمەن.ئۇنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا مەن ھەرگىزمۇ ھازىرقى مەن بولمىغان بولاتتىم.كىشىلەرگە شۇنداق تەكلىپ بىرىمەنكى ئادەم ئۆزىگە تەسىر قىلغان،ئۆزىنىڭ تىخىمۇ ياخشى ئادەم بولىشىغا تۈرتكە بولغان كىشىلەرگە تەشەككۈر ئىيتىشى كىرەك.
پروففىسور Walkerبىلەن پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۆزۈمگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچ پەيدا بولدى ھەمدە چەتئەلگە چىقىپ داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەل باغلىدىم،ھەمدە شۇندىن باشلاپ ئىنتېرنىت  ئارقىلىق چەتئەلدە ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم، ۋە ئاخىرى كاناداغا چىقىپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ياۋرۇپادا ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولدۇم . ئىلتىماس قىلىشتىن تارتىپ تەتقىقات پىلانىنى تاپشۇرۇشقىچە پەقەت بىر ئايلا ۋاقىت بار ئىدى،ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ تەتقىقات دائىرسىگە ماس كىلىدىغان تىما تاللاش بولسا ھەقىقەتەن تەس ئىش ئىدى،بۇ بىر ئاي جەريانىدا مىنىڭ ئائىلدىكىلىرىم ۋە دوسلۇرۇم ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى،مەن ئاخىرى تەتقىقات پىلانىمنى ،تونۇشتۇرۇش خىتىمنى ،ۋە توفېل نەتىجەمنى تەييارلاپ بولدۇم.بۇ چاغدا ئازراق مەسلىگەيولۇقتۇم ،يەنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ۋاقتىمدا ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى چىكىگە پەقەت بىر كۈنلا قالغاندى ،ئىلتىماس قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى بېيجىڭغا يەتكۈزۈشتە ھەرقانچە تىز پوچتا بىلەن ئەۋەتسەممۇ بىر كۈندە يىتىپ بارالمايتى،بۇ چاغدا مىنىڭ ياخشى دوستۇم ھەمساۋاق ئاكام ۋۇ تەپتىشنىڭ ياردىمىدە پويىز بىلەن باشقىلار ئارقىلىق بېيجىڭغا ئەۋەتتۇق ۋە بېيجىڭدىكى دوستۇم ئەتىسى ئەتىگەندە ماتىرياللىرىمنى بېيجىڭدىكى ئوقۇش مۇكاپاتى ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈپ بەردى.مىنىڭ ئارزۇيىمنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا ياردەم قىلغان بۇ دوسلۇرۇمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.ئادەم مۇھتاج چاغلاردا ياخشى دوستىنىڭ بولىشى ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ.
ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كىيىن تەقەززالىق بىلەن جاۋاپ كۈتتۈم ،ماڭا كۆڭۈل بۆلىدىغان دوسلۇرۇممۇ دائىم سوراپ تۇردى،ئىككى ئاي تەقەززا بولغاندىن كىيىن ئاخىرى كانادا ئەلچىىخانىسىدىن كەلگەن تىلفۇننى تاپشۇرۇۋالدىم،ئۇلار ماڭا مىنىڭ تەتقىقات پىلانىمنى كانادادىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆرگەنلىكىنى ھەمدە ئاخىرقى سىناققا تاللانغانلىقىمنى ئۇقتۇردى.بۇ تىلىفۇن ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدىغان سىناق بولۇپ سىناق داۋامىدا ئۇلار مەندىن تەتقىقات پىلانىم ۋە نىمە ئۈچۈن بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلغانلىقىم توغۇرلۇق بىر قاتار سۇئاللارنى سورىدى.ئۇ چاغدا  ئۇلار مەندىن مەن ئىشلەتكەن بىر ئاتالغۇنى ئۇلارنىڭ تازا چۈشىنەلمىگەنلىكىنى مىنىڭ ئۇ ئاتالغۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىشىمنى تەلەپ قىلدى،مەن ئۆز چۈشەنچەمنى بايان قىلغاندىن كىيىن ئاتالغۇ نامىنى ئىشلىتىشىمنىڭ مۇۋاپىق بولغان بولمىغانلىقىنى سورىغاندىن كىيىن ئىشلەتكىنىمنىڭ جوڭگۇچە ئىنگىلىزچە بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ چاقچاق قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردۈم ،سىناق كۈلكە ئىچىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى ھەمدە ئۇلار مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سىناققا قاتناشقۇچى ئىكەنلىكمنى ھازىرغا قەدەر ئىپادەمنىڭ ئەڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئىيتىشتى.ئەينى چاغدا مىنىڭ ئىنگىلىزتىلىم ھازىرقىغا سىلىشتۇرغاندا كۆپ پەرق قىلاتتى،ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن باھاسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن شۇنچىلىك خۇرسەن بولدۇم،خۇشاللىقتىن سەكرىدىم ،ھاياجاندىن يىغلىدىم.بۇ خۇش خەۋەرنى ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن ئائىلەمگە،يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇمغا ،ۋە بارلىق دوستلۇرۇمغا يەتكۈزدۈم ،سىڭلىمنىڭ خۇشاللىقتىن مىنى قۇچاقلاپ كەتكىنى ھىلىھەممۇ ئىسىمدە.قىسقىسى ئۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىق مىنۇتلارنىڭ بىر قىسمى ئىدى.ئىككى ھەپتىدىن كىيىن مەن گىرمانىيەدىن كەلگەن يەنە بىر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالدىم ۋە ئۇ ئىككى تۈردىن قايسىنى تاللاشنى بىلمەي تازا ئىككىلەندىم،بىرى كانادادىكى بىر يىللىق تەتقىقات مۇكاپات پۇلى يەنە بىرى بولسا ياۋرۇپادىكى فىرانسىيە،گىرمانىيە،ئىتالىيە،بىلگىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتتەجەمئى يىرىم يىل  داۋاملىشىدىغان ئوقۇش تەتقىقات مۇكاپات پۇلى ئىدى،مۇمكىن بولغان بولسا ھەر ئىكككىلىسىنى قولدىن بەرگىم يوقتى،يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن ئاخىرى مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى بولغان ياۋرۇپادىكى ئوقۇش مۇكاپاتىدىن ۋاز كىچىپ كانادادا ئوقۇيدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تاللىدىم.
ئىككى ئايدىن كىيىن ئىغىر يۈك‏-تاقىلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان دۆلەت كاناداغا ئاخىرى يىتىپ كەلدىم . كىلىپلا بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئىشلارنىڭ مەن ئويلىغاندەك ئەمەسلىكىنى بايقىغاندىن سىرت كۈتۈلمىگەندە قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ پۈتۈن بىر ئاينى دوختۇرخانا كارۋىتىدا ئۆتكۈزدۈم.بۇ دۆلەتكە كىلىپ بۇ يەردىكى يىڭىلىقلاردىن بەھىر ئالىمەنغۇ دەپ ئويلىغاندىم ئەمما كىم بىلسۇن يارلانغان پۇتۇمنى داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا ياتىقىدا ئىنگىلىزچىنى چالا پۇلا سۆزلىيەلەيدىغان كورىيەلىك ئايال بىلەن بىر ئاينى بىللە ئۆتكۈزدۈم. بىر ئايدىن كىيىن بىر دوستۇمنىڭ ياردىمىدە ھازىر تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار رايونىدىنكى ياتىقىمنى تاپتىم ،تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ يەردە مەن ياخشى دوستۇم سىنا بىلەن تونۇشتۇم ئۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن گەپلەرنى دىگىم بار ئىدى ئەمما  بۇ يازمىنىڭ مەزنۇن دائىىرسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا يەنىلا دىمەي قويدۇم. قىسقىسى بىشىدا ھەقىقەتەن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم،مەن يىتىپ كەلگەن چىغىمدا بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش مەۋسۈمى ئاخىرلاشقان بولۇپ پەقەتلا بەزى يازلىق كۇرسلار بار ئىدى ، قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ يازلىق كۇرسلىرى بولمىغاچقا  قانۇن ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك باشقا كۇرسلارنىڭ دەرسلىرىىنى ياندىن ئاڭلىدىم،ئۇ ھەقىقەتەنمۇ مۈشكۈل ۋاقىتلار ئىدى،ئۇ چاغدامەن ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە ماتىرياللاردىكى ئىلمى ئاتالغۇلارنى ئانچە ياخشى چۈشىنەلمەيتىم،گەپنىڭ راستىنى ئىيتقاندا ئاشۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ بىلىدىغانلىرىنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى ھىس قىلدىم،يۇرتتا يۈز بەرگەن ئاشۇ ۋەھىمىلىك ۋەقەھەمدە شۇ سەۋەپلىك ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشى مىنى شۇنچىلىك ئالاقىزادە قىلىۋەتتى.شۇنداق قىلىپ پۈتۈن بىر يازنى سەرپ قىلىپ كانادانىڭ يۈزەكى ئەھۋالى ۋە ئەدلىيە سىستىمىسى بىلەن تونۇشتۇم.كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمى يىتىپ كىلىپ بىزنىڭ قانۇن ئىنىستىتۇتى دەرس باشلىغاندىن كىيىن مەن پۈتۈن زىھنىم بىلەن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم،تۈرلۈك دەرسلەر،پروففىسورلار،ئىقتىدارلىق ساۋاقداشلار…ھەممە نەرسە دىگىدەك كاللامغا كۈچلۈك تەسىر قىلىۋاتاتتى،دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ۋە لاھىىيلىنىشى شۇنچىلىك ئۆزگىچە ئىدى.-11ئايغا كەلگەندە مەن كانادادىكى بىرە ئالىي مەكتەپكە ئىككىنچى ماگىستىرلىق ئۇنىۋانى ئۈچۈن ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلدىم ھەمدە جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە يەنە بىر يىلنىڭ 3 ‏-ئىيىغا كەلگەندە Osgoode Hall قانۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشتىم.بۇ ھاياتىمدىكى يەنە بىر زور خۇشاللىق مىنۇتلار ئىدى.
ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ تىز ئۆتىدىكەن، مۇشۇ پەيتتە Osgoode Hall قانۇن ئىنىستىتۇتىدا بىرىنچى مەۋسۈمنى تۈگىتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن،بېيجىڭ ئايرۇدىرۇمىدا ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلاشقىنىم تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا يادىمدا تۇرۇپتۇ،يۇقىردا ئىيتقانلىرىم پەقەتلا مىنىڭ ئۆتكەن ئۈچ يىلدىكى ھاياتىمنىڭ ناھايىتى قىسقا بىر بۆلىكى.گىپىمنى يىغىنچاقلىسام ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر تەۋەككۈلچىلىك،غايىڭىزگە ئەگىشىڭ !تەۋەككۈل قىلىڭ! شۇندىلا ئۆز غايىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.

(شىمالى ئامرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار ) قوشۇمچە
1.ياخشى بىر تەتقىقات پىلانى .تەتقىقاتىڭىزنىڭ مەزمۇنى،ئاساسلىق مەقسىتى ھەمدە تەتقىقاتىڭىنىڭ يىڭىلىق يارىتىش نۇقتىسى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان ياخشى بىر تەتقىقات پىلانى ئارقىلىق سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن قوبۇل قىلىنىشىڭىز لازىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىشىڭىز كىرەك.بۇ سىزنىڭ رىقابەتتە يىڭىپ چىقىشىڭىز ئۈچۈن مۇھىم ئاساس بولالايدۇ.
2.ياخشى توفېل نەتىجىسى.كانادا ئۇنىۋىرستىتلىرى نىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى 100نومۇر بولۇپ،110نومۇ ئالسىڭىز قوبۇل قىلىنىش ئىھتىماللىقىڭىز زور دەرجىدە يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ .
3.تونۇشتۇرۇش خېتى.كانادا ئۇنىۋىرسىتىتلىرى ئىلگىركى يىتەكچى ئوقۇتقۇچىڭىز ياكى مۇئەللىمىڭىز يىزىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇش خىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.
4.تەرجمىھال خىتى .ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى ،ئوقۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز،مەكتەپتە ئالغان مۇكاپاتلىرىڭىز ،خىزمەت تەجىربىڭىز قاتارلىقلار قوبۇل قىلىنىشىڭىزدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
يازمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى : رەيھانگۈل ئەسئەت
كانادا Osgoode Hall قانۇن ئىنىستىتۇتىدا 
ئىنگلىز تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : بەكتۇر مۇنبىرىدىن bruce

مەنبە: بەكتۇر تورى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro