چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتا قانداق قىلغاندا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئىلتىماس قىلىغىلى بولىدۇ؟

ۋاقتى: 2012-10-11 / ئاپتور: / سەھىپە: ئوقۇش ئۇچۇرى / كۆرۈلۈشى:856 قېتىم ئوقۇلدى /

چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىمىزنى بىر دەڭسەپ بىقىشىمىز ،ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلىشنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى شەرتلىرىگە چۇشەمدۇ چۈشمەمدۇ ، مىنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان ئالاھىدىلىكىم نىمە ،قايسى دۆلەت قايسى مەكتەپ قايسى كەسىپتە ئوقۇيمەن دىگەنلەرنى ياخشى ئويلىشىپ ئاندىن ئىشقا تۇتۇش قىلىش كىرەك.
نۇقتىلىق مەكتەپلەردە ئوقۇش
ئەڭ ئاۋۋال پۇتتۈرگەن مەكتىپىڭىز دۆلەت ئىچىدىكى نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەر بولىشى كىرەك ،211 قۇرلىشىغا كىرگەن مەكتەپلەر بولسا تىخى ياخشى ،ئالى مەكتەپتىكى كەسپى دەرسلەردىكى نەتىجىڭىز ياخشى بولىشى كىرەك،ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالغان بولسىڭىز تىخىمۇ ياخشى،توفىل ياسى نەتىجىللىرىڭىز قاتارلىقلار
مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئەھۋالى
قانداق مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن ،قانداق تەتقىقات نەتىجىللىرىڭىز بار،قانداق ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقىڭىز ياكى نەتىجىڭىز بار ،كەسپڭىز دائىرىدە قىلغان پاراكتىكىڭىز،ئالاقە ماسلىشىش ئىقتىدارىڭىز قاتارلىق ئۇنۋىرسال ساپايىڭىز ياخشى بولىشى كىرەك،
تەلەپ قىلىش ،ماگىستىر ياكى ماگىستردىن يۇقىرى ئوقۇشلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلتىماس قىلىشى بىرقەدەر ئوڭاي،تولۇق كۇرۇسلارنىڭ تەسرەك.
ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى
چوقۇم ئالدىن تەييارلىق قىلىش كىرەك ،بەزى ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماسى بىلەن بىللە تاپشۇرىسىز ،بەزىللىرىنى ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كىيىن تاپشۇرىسىز،قانچە بالدۇر تاپشۇرسىڭىز مەكتەپمۇ سىزنى شۇنچە بالدۇر ئويلىشىدۇ.
ئۇندىن باشقا ئىلتىماس قىلغان مەكتەپنىڭ ئىلتىماس قىلىش باسقۇچلىرى بىلەن ياخشى تونۇشۇش،مەكتەپنىڭ ئىلتىماس قىلغاندا تەلەپ قىلىدىغان ماتىرياللىرىنى بىلەن ياخشى تونۇشۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەلىپىنى چۈشىنىش،بەزى كۆزگە كۆرۈمەيدىغان ئالاھىدىلىكلىرىڭىز مەكتەپنىڭ سىزنى تاللاشتىكى ئاساسى بولۇپ قىلىشى مومكىن.
ئوخشىمايدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنى ياخشى چۈشىنىش
كۆپىنچە دۆلەتلەر ھۆكۇمەت تارقىتىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى،مەكتەپ تارقىتىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى،ۋە باشقا ئاپارات ئورگانلار تارقىتىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى قاتارلىقلار.ئۈچىلىسىنىڭ ئوخشىمىغان پەرقى بار ،ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن ياخشى چۈشىنىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش كىرەك.

پىداكار يازمىسى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro