بالىسى سەۋەبلىك دائىم ئۇيقۇدىن مەھرۇم قالىدىغان ئاتا – ئانىلار ئۈچۈن بالىنىڭ كېچىدە ئويغىنىپ ئاتا – ئانىسىغا «ھېكايە ئېيتىپ بەر» دەپ تۇرۇۋىلىشى پەقەت بالا بىلەن ئاتا – ئانا ئوتتۇرسىدىكى ئادەتتىكى كىچىك ئىشتەك قىلسىمۇ، ئەمما ئالىملار بۇ خىل ئادەتنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدى.
ئامېرىكىنىڭ بىر دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: بىر ياش ۋاقتىدا ئۆزى ئۇخلىيالمايدىغان بالىلارنىڭ ئۈچ ياشقا كىرگەندە، كېچىدە ئويغىنىپ باشقىلارنىڭ قايتىدىن ئۇخلىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ زور. دەلدەڭشىپ مېڭىشنى ئۆگەنگەن بالىلارنىڭ ئويقۇسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئۇلارنىڭ بىر ياش چاغلىدىلا
كېچىدە تولا ئويغىنىشىدىن بولۇشى مۇمكىن. تەتقىقاتچىلار 12 ئايلىق بولغان 33 بالىنىڭ ئۇدا ئىككى ئاخشامدىكى ئۇيقۇ ئەھۋالىنى سىنئالغۇغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ دەسلەپ قانداق ئۇخلىغانلىقىنى، كېچىدە ئويغىنىپ كەتكەندە قايتىدىن ئۇخلىيالىغان ياكى ئۇخلىيالمىغانلىقىنى كۆزەتكەن. بالىلار 24 ئايلىق ۋە 57 ئايلىق بولغاندا، تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن بۇ بالىلارنىڭ ھازىرقى ئۇيقۇ ئادىتىنى ئىگىلىگەن، ئاتا – ئانىسىنىڭ بەدەنلىرىنى سىلاپ ئۇخلىتىپ ئاندىن كارۋىتىغا ئېلىپ قويۇشىغا ئادەتلەنگەن بالىلار كېچىدە ئويغانغاندىن كېيىن، قايتىدىن ئۆزى ئۇخلاشنى ئۆگىنەلمىگەن. ئەمما، ھەمىشە ئويغاق ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ كارۋىتىغا ئېلىپ قويۇلىدىغان بالىلار ئۆزى ئۇخلاشنى، كېچىدە ئويغىنىپ كەتسىمۇ ئۆزۈكىدىن ئۇخلاپ قېلىشىن ئۆگىنىۋالغان.
2012/10/15 سائەت 07:42:40
قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت..
2012/10/05 سائەت 12:52:27
تىخمۇ سەرخىل مەزمۇنلار بىلەن بىلوگىڭىزنى بىزىشىڭىزنى ئۇمىد قىلمەن.
2012/10/15 سائەت 07:39:20
رەھمەت… كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىمىز..