بۇ قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى بولغان ئېلكىتاب – ياپۇنيىلىك داڭلىق يازغۇچى يىنۇئۇئى ياساشىنىڭ ئۇيغۇرچە دۇنيا ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ 1996-يىللىق 3-سانىغا بېسىلغان ”كروران“ناملىق پوۋىستىدىن ئىبارەت. مەزكۇر پوۋىستنىڭ ھەجىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئىچىگە سىغدۇرۇلغان تارىخى ۋەقەلىك خېلى كەڭ. بولۇپمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى كرورەن دۆلىتىنى، ھونلار بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تىركىشىشلىرىنى، كروران دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىدىيەت توقۇنۇشلارنى تارىخى يازمىلارغا باغلاپ تۇرۇپ ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.بۇ ئەجداتلار تارىخىغا قىزىققۇچى دوستلارنىڭ كروراننىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش سەۋەبلىرىنى چۈشىنىشىدە بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
كىتابنى ئوقۇش ياكى چۈشۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ: چۈشۈرۈش