پەمىدۇرنىڭ ھېكايىسى

ۋاقتى: 2012-08-18 / ئاپتور: / سەھىپە: تارىخ,مۇھاكىمە / كۆرۈلۈشى:733 قېتىم ئوقۇلدى /

پەمىدۇر دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى. بىراق پەمىدۇرنىڭ تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن ئەمەس. پەمىدۇر ئەسلى پىرو ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئۇنى «بۆرە شاپتۇلىسى»دەپ ئاتىشىدىكەن. قارىماققا ناھايىتى چىرايلىق كۆرۇنسىمۇ، زەھەرلىك دەپ ئۇنى ئىستىمال قىلمىغان.پەقەت مەنزىرە بۇيۇمى قاتارىدىلا مۇئامىلە قىلغان. 16-ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگىلىيەلىك بىر كېنەز بىر تۈپ پەمىدۇرنى جەنوبى ئامىرىكىدىن ئېلىپ كېتلىپ،ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىتقا سوۋغا قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەمىدۇر ياۋروپادا يەرلىشىپ قالغان.بىراق ئۇلارمۇ پەمىدۇرنى يىيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان. شۇ چاغلاردا دوختۇرلار پەمىدۇرنى يىيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ، يىسە ھاياتقا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى  ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان. ئەگەر ئامىرىكىلىق روبىت ئىسىملىك پولكوۋنىك بۇنى يەپ كۆرمىگەن بولسا ، بەلكىم ھازىرغىچە كىشلەر پەمىدۇرنىڭ قانداق تەمدە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. 1830-يىلى روبېرت ياۋروپادىن ئامىرىكىغا نەچچە تۈپ پەمىدۇرنى ئېلىپ كەتكەن ، ھەمدە ئۆزىنىڭ يۇرتى يېڭى جېرسىدىكى سالۇن دىگەن بازارغا ئېلىپ كېلىپ تېرىغان. پەمىدۇر قىزارغاندىن كېيىن ئۇ بۇنى ساتالمىغان. چۇنكى كىشىلەر ئۇنى يەنىلا زەھەرلىك دەپ قارىشاتتى. شۇنىڭ بىلەن روبېرت كىشلەرگە ئۆزىنىڭ پەمىدۇردىن ئوننى يەۋىتىپ،ئۇنىڭ زادى زەھەرلىك ياكى زەھەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. بىر دوختۇرئۇنى«  جېنىدىن تويغان ئوخشايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى جەھەننەمدە كۆرىدۇ »دىگەن. روبېرت پەمىدۇر يەيدىغان كۈنى پۇتۇن بازاردىكىلەر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قانداق قىلىپ «ئۆلىۋېلىشى»نى  كۆرمەكچى بولغان. سائەت دەل 12 بولغاندا ، روبېرت قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كېيىپ كىشلەرنىڭ ئالدىغا چىققان ۋە قىپقىزىل بىر پەمىدۇرنى بىر چىشلەم يەپ كىشلەرگە ئۇنىڭ تەمىنىڭ قانداقلىقىنى  ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ ئىككىنچى چىشلىمىنى يىيىشىگە نەچچە ئايال قورقۇپ ھوشىدىن كەتكەن. بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئون دانە پەمىدۇرنى يەپ بولغان. ئۇنىڭ ھېچنىمە بولمىغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر تەنتەنە قىلىشقان. روبېرت بۇ ھەركىتى ئارقىلىق پەمىدۇرنىڭ زەھەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. شۇندىن ئېتىبارەن پەمىدۇر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان.
ئەمدى پەمىدۇرنىڭ تارىخىغا كەلسەك، پەمىدۇرنى ئەڭ دەسلەپتە تېرىغانلار ئامىرىكا قىتئەسىدىكى ئىنكالار بىلەن ئازتىكلار بولۇپ، مىلادىدىن 700يىللار ئىلگىرىلا تېرىغان بولىشى مۇمكىن . بىراق ئىشەنچلىك ئسىتىمال قىلىنغان ۋاقتى 16-ئەسىر . پەمىدۇر 1590-يىلدىن كېيىن ئاندىن ئەنگىلىيەگە كەلگەن.1750-يىللارغا كەلگەندە شىمالى ئامىرىكىغا كەلگەن. شۇ چاغدا  پەمىدۇرنى ئامىرىكىلىقلارمۇ ئاز -تولا ئىستىمال قىلغان. بىراق كىشلەر يەنىلا ئۇنى مەنزىرە بۇيۇمى سۇپىتىدە تېرىغان. ئامىرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى توماس جېففىرسون پارىژغا كەلگەندە بۇنى يەپ باققان . قايتقاندىن كېيىن بۇنى يىيىشكە ئامراق بولۇپ قالغان ۋە ئۇنى كېڭەيتىشكە باشلىغان. شۇ چاغدا كىشلەر بۇنى پەقەت مىۋە -چىۋە ئورنىدىلا يەپ، سەي-كۆكتات ئورنىدا ئىشلەتمىگەنىدى.
تارىختا خاتىرلىنىشىچە پەمىدۇر  مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى يىللىرىدا چەتئەللىك دىن تارقاتقۇچىلار تەرىپىدىن جۇڭگوغا ئېلىپ كېلىنگەن. پەمىدۇر كېيىن جۇڭگودىن ياپونىيەگە تارقالغان.

ماۋۇ سوئال تورداشلارغا قالدى. پەمىدۇرنىڭ يۇرتىمىزدىكى تارىخى قانچىلىك؟

مەنبە: قوشۇق بلوگى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro