ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ بىر زىياپەتتە سۆزلىگەن نۇتىقى

ۋاقتى: 2012-08-17 / ئاپتور: / سەھىپە: تارىخ,ھىكمەتلىك سۆز / كۆرۈلۈشى:749 قېتىم ئوقۇلدى /

ئابدۇلقادىر داموللام

مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددىئايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى. ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم. ئەپۇ قىلىشالا! ھالا بۈگۈن ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم. مۇددىئا نىمە؟ دەپ سورالسا، شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى، مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي- زىياپەتلەر ئىچىدە مەست- مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن! چۈنكى مەست- مۇستەغرەقلىق ئارقىسىدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر، ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر. خەلق نادانلىق، جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە. ھەممە ئىش كونا قېلىپ، كونا ئىزغا چۈشۈپ، يېڭىلىققا يول بەرمەي، ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا. ۋاقتىمىز، دەۋرىمىز، ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس. بۇ مىللى خارابەت، مىللى مۇنقەرزلىكتىن بىشارەت بېرىدىغان خەۋپلىك ھادىسە. ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن! بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى- مۇددەرىسلىرىمىز،   داموللىلىرىمىز، ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما، قۇلىقىنى گاس قىلىپ قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن! شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى، ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىنى يىيىش، خەلقنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ، بەخت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ داستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەردىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر.
ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق، بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر. ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا «بىز زادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق» دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ  بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن! بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!… بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چېكىپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز، نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق. خۇداغا شۈكرى، ئوقۇغانغا يارىشا بىرىمىز قازى، بىرىمىز داموللا، بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ، يۇرت- خەلقنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق. ئەپسۇسكى، بىز بۇ ئىززەت- ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋېلىپلا ئەسلىدىكى مەقسەت- مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ، نوقۇل ھالدا ھوزۇر- ھالاۋەت، راھەت- پاراغەتكە بېرىلىپ، مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق. يۇرت بولسا نادانلىق، جاھالەتتە، خەلقىمىز خار- زەبۇنلۇقتا قالدى. يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى، خەلقىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق. يۇرت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى قىلش، يۇرتنى تەرەقىياتقا، خەلقنى ئىلىم- مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق. تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدﯨن باشقا ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقىنى ئىنكار قىلدۇق. بىز نىمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟ نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ، ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز! بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق، چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟… نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك، مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا، مۆھۈر ھەققىگە، نەزﯨر- چىراقتىكى سەدىقە- ئىھسانغا، ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا، شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا، ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ، تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكۈۋالغانلىقىغا، ۋەتەن، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ داد-پەريادى، نالە- پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي، كۆز يۇمۇپ گاس- ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ! قېنى، نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ ھازﯨرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ، قېنى؟… بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ، تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىزنىڭ ئەزىز باللىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ، ئاچ- يالىڭاچلىق ئازابىنى تارتماقتا. بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدە مەئىشەت قىلىپ، توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز. ئۇنىڭ ھىسابىغا كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە. ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ ياق، ھېچنىمە قىلمىدۇق. بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق. شۇ سەۋەپتىن يېتىم- يېسىر، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا. نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟ مەكتەپلەر ئېچىپ، دارىلتام- دارىلئاجىزىلەرنى قۇرۇپ، كوچىدا ئاچ- يالىڭاچ، خارۇ- زارلىقتا قالغان بالىلارنى، ئاجىز- مىسكىنلەرنى نىمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى سىيلاپ غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەلقنى بەخت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن، پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسىي تاپاۋەت يولىغا ماڭساق، قولغا كىرگەن تىللا- تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق، ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ قېنى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ…!
ئەپسۇسكى، بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادﯨن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا. ئېنگىلىز- شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ، داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغۇرلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە، ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدﯨن يىراقلاشتۇرماقتىمىز. ھەدىسە دەررە ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز، ئەل رايىنى چېكىندۈرمەكتىمىز. بۇ ئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ ھېلىمۇ كەچ ئەمەس، پۇرسەت بار، ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت- نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!…
ئىنگىلىز- شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس، مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار جاھانگىر، تاجاۋۇزچى. ئۇلار ئوغرى، بۇلاڭچى. باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن، ئاستا- ئاستا پېيىمىزنى قىرقىپ، بايلىقىمىزنى ئوغۇرلايدىغان، گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ، بىزنى داق بورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر. بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايىئاپەت! ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ، ئەخلەت دۇۋىسىگە چۆرﯨۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر. ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسىنى چېچىپ، ئۆز قولىمىز بىلەن قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخورلاردۇر. ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر…
قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! بىز ئەزەلدﯨن قابىل، باتۇر خەلق ئىدۇق. تاكى پامىردﯨن ئۇزاق ئالتايغىچە چىدىر- بارىگاھ تىكىپ، سەلتەنەتلىك ئوردا- تەختلەرنى قۇرۇپ دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى بىزگە جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، ھەسەتخورلۇق، مەنمەنلىك، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى، شۇ كۈندﯨن باشلاپ زاۋاللىققا، خار- زەبۇنلۇققا يۈزلەندۇق .ھازﯨرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.
قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! ئويلاپ كۆرەيلى، مۇلاھﯩزە قىلايلى! ھازﯨرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس، غەپلەت ئۇيقۇسىدﯨن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ، ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇشقا، ۋەتەن، مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز!!!…

مەنبە- ‹ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە›

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro