سەت ئۆردەك چۈجىسى

ۋاقتى: 2013-02-06 / ئاپتور: / سەھىپە: ئەدەبىيات,بالىلار باغچىسى,دۇردانىلەر,ھىكايە / كۆرۈلۈشى:1,466 قېتىم ئوقۇلدى /

 

ئەسلىي ئاپتۇرى :ئاندېرسېن(دانىيە)


  ئوماق بالىلار ئۈچۈن چۆچەكلەر


دۆلەتنىڭ نەشر فوند ياردىمىگە ئېرىشكەن تۈر

‹‹ ئەتىكى قوياش ›› —ياشلار –ئۆسمۈرلەر ساپا تەربىيەسى بويىچە مىللىي تىل –يېزىقتىكى تەرجىمە مەجمۇئەسى

ئۆزگەرتىپ يازغۇچى:مۇيى  سۇڭ مېي

تەرجىمە قىلغۇچى: شەمسىيە تۇرسۇن

مىللەتلەر نەشىرياتى(بېيجىڭ)نەشىر قىلدى


بۇ چۆچەك چەتئەلنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەپسانە-چۆچىكى بولۇپ، ئەجدادتىن ئەۋلادقا تارقىلىپ،نەچچە ئەۋلاد كىشلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولغان.
 

كومپىيوتېردا بېسىپ تورغا يوللىغۇچى: توغرۇلبېك

 
بىر ئۆردەك مېكيىنى تۇخۇم بېسىپتۇ، ‹‹ چاك-چاك›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تۇخۇملار يېرىلىپ ،ئۆردەك چۈجىلىرى ئارقا-ئارقىدىن باشلىرىنى چىقىرىشقا باشلاپتۇ. تۇخۇملار ئىچىدە ناھايتى يوغان بىر تۇخۇم بار ئىكەن، ئۇمۇ يېرىلىپ ئۇنىڭدىن كۆرۈمسىز بىر چۈجە چىقىپتۇ.ئانا ئۆردەك ئۇنى كۆرۈپ قورققىنىدىن چۆچۈپ : ‹‹ بۇ  راستتىنلا مېنىڭ بالاممىدۇ ؟ ››  دەپ  ئويلاپتۇ . ھېچكىم بۇ سەت ئۆردەك چۈجىسىنى ياقتۇرمايدىكەن.ئۆردەكلەر ئۇنى چوقۇلىسا،توخۇلار ئۇنى تېپىپ قوغلايدىكەن،ھەممەيلەن ئۇنى بوزەك قىلىپ زادىلا ئارام بەرمەيدىكەن.سەت ئۆردەك چۈجىسى ئامالسىز چىتلاقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ سىرتقا قېچىپتۇ.
    سەت ئۆردەك چۈجىسى شۇ قاچقىنىچە بىر ساسلىققا كېلىپ قاپتۇ. ئەمما ،ئۇ يەردىكى ياۋا ئۆردەكلەر ئۇنى سەت كۆرۈپ يېقىن يولاتماپتۇ.
 ھەتتا بىر ئوۋ ئىتىمۇ ئۇنى بىر پۇراپ قويۇپلا كېتىپ قاپتۇ.سەت ئۆردەك چۈجىسى: ‹‹ مەن نېمىدىگەن شور پىشانە ، سەتلىكىمدىن ھەتتا ئوۋ ئىتىمۇ مېنى يىيىشتىن يىرگەندى ›› دەپ ئويلاپ تولىمۇ پەرىشان بوپتۇ. 
سەت ئۆردەك چۈجىسى ماڭا-ماڭا بىر موماينىڭ ئۆيىگە كېلىپ قاپتۇ. ئۇ ئۆيدە بىر توخۇ ۋە بىر مۈشۈك بار ئىكەن ،موماي ئۇلارغا تولىمۇ ئامراق ئىكەن.
   توخۇ بىلەن مۈشۈك سەت ئۆردەك چۈجىسىدىن : ‹‹ سەن تۇخۇم تۇغالامسەن؟ مىياڭلىيالامسەن؟ ››  دەپ  سورىشىپتۇ. سەت ئۆردەك چۈجىسى مەيۈسلەنگەن ھالدا : ‹‹  تۇخۇم تۇغالمايمەن،مىياڭلىيالمايمەن ›› دەپتۇ .بۇنى ئاڭلىغان تۇخۇ بىلەن مۈشۈك ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. 
سەت ئۆردەك چۈجىسى : ‹‹ مەن يەنىلا كەڭ دالىدا ياشىسام بولغۇدەك ››  دەپ ئويلاپتۇ ۋە يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇ بىر چوڭ كۆلگە كېلىپ قاپتۇ.ئۇ كۆلنى كۆرۈپ ناھايتى خۇش بولۇپتۇ ۋە كۆل ئىچىدە ئەركىن ئۈزۈپ كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزۈپتۇ. 
قىش كېلىپ ھاۋا سوۋۇشقا باشلاپتۇ. سەت ئۆردەك چۈجىسى كۆل سۈيىنى توڭلاتماسلىق ئۈچۈن توختىماي ئۈزۈشكە باشلاپتۇ،لېكىن ھېرىپ ھالىدىن كېتىپتۇ ۋە توڭلاپ،مۇز پارچىلىرى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپتۇ.
سەھەردە بىر دېھقان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە قوينىغا سېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. سەت ئۆردەك چۈجىسى ئاستا-ئاستس ئەسلىگە كەپتۇ.
  دېھقاننىڭ بالىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوينىماقچى بولۇپتۇ،ئەمما سەت ئۆردەك چۈجىسى قورقۇپ كەتكەنلىكتىن بىر تاقلاپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى سۈت خۇمرىسىنى ئۆرۈۋېتىپتۇ.دېھقاننىڭ ئايالى قولىغا لاخشىگىرنى ئېلىپ ئۇنى ئۇرماقچى بولۇپتۇ،ئۆردەك چۈجىسى سىرتقا قاراپ بەدەر قېچىپتۇ.
  ئىللىق باھار يېتىپ كەپتۇ،سەت ئۆردەك چۈجىسى ساسلىقتىكى قومۇشلۇققا ماكانلىشىپتۇ.بىر كۈنى ئۇ قانىتىنى كېرىپ شۇنداق لەپەڭشىتىپتىكەن،ئوھوي، كۆككە كۆتۈرۈلۈشكە باشلاپتۇ.
  ئۇ پەرۋاز قىلغىنىچە بىر باغچىغا كېلىپ قونۇپتۇ. باغچىدىكى كۆلدە ئىككى ئاققۇ ئۇنىڭ قېشىغا ئۈزۈپ كەپتۇ.سەت ئۆردەك چۈجىسى تولىمۇ ئازابلانغان ھالدا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ : ‹‹ سىلەر مېنى چوقۇلاپ ئۆلتۈرۋېتىڭلار ›› دەپتۇ. 
شۇ ئەسنادا، ئۇ ئۆزىنىڭ سۇدىكى ئەكسىنى كۆرۈپ قاپتۇ.شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىز ئۆردەك چۈجىسى ئەمەس.بەلكى چىرايلىق ئاققۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.
  باغچىدىكى بالىلار : ‹‹ قاراڭلار ! يېڭى كەلگەن ئاققۇ نېمىدىگەن چىرايلىق –ھە ››  دەپ  ۋارقىرىشىپتۇ. ئۇ بۇنى ئاڭلاپ ئوڭايسىزلانغانلىقىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ. ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىپتۇ.ئەممە بۇنىڭلىق بىلەن مەغرۇرلىنىپ كەتمەپتۇ.ئۇ، مەن تېخى سەت چۈجە ۋاقتىمدا بۇنداق بەخت ئۇخلاپ چۈشۈمگىمۇ كىرمەيتتى،دەپ ئويلاپتۇ. 

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro