بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىر قىلىدىغان تۇرمۇش ئامىللىرى قايسى؟

ۋاقتى: 2012-10-04 / ئاپتور: / سەھىپە: ئائىلە رىتسىپلىرى / كۆرۈلۈشى:901 قېتىم ئوقۇلدى /

بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە تەسىر قىلىدىغان تۇرمۇش ئامىللىرى قايسى؟

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلار ساقلىقنى ساقلاش تارماقلىرى كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىرسىيەت، مۇھىت، ئوزۇقلۇق، كېسەللىك ئامىللىرىدىن باشقا، يەنە بىر قىسىم تۇرمۇش ئامىللىرىنىڭمۇ تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ھەرىكىتى يېتەرلىك بولماسلىق. ھەرىكەت قان ئايلىنىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، چوڭ مېڭىدىكى قاننىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى كۈچەيتىپ، مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالىلىق دەۋرى ئەقلىي قابىلىيەت تېز يېتىلىدىغان مەزگىلى بولۇپ، چوڭ مېڭە قان ئارقىلىق تەمىنلىنىدىغان ئوزۇقلۇققا مۇھتاج بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەگەر دائىم دېگۈدەك مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك چىنىقىپ تۇرمىسا، چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى ياخشى بولمايدۇ – دە، مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق. ياخشى ۋە يېتەرلىك ئۇيقۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكۈلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. دائىم يېرىم كېچىدە ئۇخلايدىغان ياكى سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان بالىلارنىڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنى تەڭپۇڭلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە نورمال فونكىيىسىنىڭ جارى قىلدۇرۇلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇ بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە نىسپەتەن ناھايىتى پايدىسىز.
ناشتا قىلماسلىق. ناشتىلىق تاماقنىڭ سۈپەت ۋە مىقدارى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئەقىلي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ ناشتىلىق تامىقىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان پۈتۈن كۈنلۈك ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ 3 1 قىسمنى ئىگىلىسە، ئۇ ھالدا بالىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئەڭ ياخشى تەپەككۇر مەزگىلى ئۇزاق بولۇپ، تەپەككۇرنىڭ كەڭ ھەم ئۇزاق بولۇشى ۋە ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى نىسپەتەن ياخشى بولىدۇ. ناشتىلىق تاماقنى ئاز يەيدىغان ياكى ناشتا قىلمايدىغان بالىلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى ئالدىنقىلارغا قارىغاندا ناچار بولىدۇ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.
تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ يېسە بالىلارنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچىيىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بەدەننىڭ ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى قوبۇل قىلىشى ئازىيىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. ئېنىقلىنىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئاستا ھەم ئەقلىي قابىلىيىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.
دائىم قەۋزىيەت بولۇش. كۈندىلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كۆكتات ھەم مېۋە – چېۋە كەمچىل بولسا، چوڭ تەرەت ئازىيىپ، قەۋزىيەت بولىدۇ، قەۋزىيەت بولغاندا چوڭ تەرەتتىكى زەھەرلىك ماددىلار ئۈچەيدە ئۇزاق تۇرۇپ قالغاچقا، زەھەرلىك ماددىلار قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كۆپلەپ كىرىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، دىققىتى مەركەزلەشمەسلىك، تەپەككۇرى ئاستا بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro