يېشىل كىيىملىك پەرىزات

ۋاقتى: 2012-08-18 / ئاپتور: / سەھىپە: بالىلار باغچىسى,ھىكايە / كۆرۈلۈشى:628 قېتىم ئوقۇلدى /

ئاپتورى: پەرھات كازىمى

( ھېكايە)

زېرىكىشلىك قىشمۇ، باش ئەتىيازنىڭ بورانلىق كۈنلىرىمۇ كەتتى. ھەممە ئەتراپ يېشىلچىلىق. مەھەللىمىزنىڭ نامى مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان ئاراغول ئېقىنىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. غولنىڭ سۈيى غولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى بولاق سۇلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئېقىن. غولنىڭ قىشلىق سۈيىگە غولنىڭ يۇقىرىسىدىكى كارىزلارنىڭ قىشلىق سۈيىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇلۇغلاپ قالىدۇ. يازنىڭ كەلكۈن پەسلىدە بىر نەچچە قېتىم ئېقىن توشقۇچە سۇ ئاققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا شۇ ئازغىنا سۇ ئاقاتتى. ھەر يىلى باھار پەسلىدىن باشلاپ كۈزگىچە پاقىلارنىڭ سايراشلىرى كېچىنى جانلاندۇراتتى. كىشىلەر قۇم، شېغىل ئېلىپ كولاپ قويغان جايلارغا سۇ يىغىلىپ كىچىك-كىچىك كۆلچەكلەرنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، لەش قايناپ، سېسىپمۇ كېتەتتى. مەھەللىمىزنىڭ ئۆردەك- غازلىرى سەھەردىن كەچكىچە ئېقىندا بېلىق ۋە پاقىلارنى يەپ پوكانلىرى قوش مۇشتەك كۆپكەن ھالدا ئېغاڭلىشىپ كاتەكلىرىگە كېلىشەتتى.
يازنىڭ تىنچىق كېچىلىرى پاقىلارنىڭ تىنماي سايراشلىرى جىنىمغا تېگەتتى. پاقىلارغا شۇنداق ئۆچ بولۇپ كېتەتتىم. ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى بۇلاققا سۇغا چىقساممۇ بۇلاقتا پاقا بولسا سۇ ئالماي ئۇنى بۇلاقتىن چىقىرىۋېتىپ ئاندىن سۇ ئالاتتىم. بەزىدە پاقىلارنىڭ كۆزىتىپ سائەتلەپ تۇرۇپمۇ قالاتتىم. بولۇپمۇ پاقىنىڭ قۇمچىقىنى بەكرەك كۆزىتەتتىم. قۇمچاقلار كىچىك چىغىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان كىتقا ئوخشايتتى. ئۇ چوڭىيىشقا باشلىغاندا بارا- بارا پاقىغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئىككى پۇتلۇق بولغان چاغدىكى تۇرقى كۈلكىلىك ئىدى. پۇتىغا قارىسا پاقىغا قۇيرۇقىغا قارىسا كەسلەنچۈكنى ئەسلىتىدىغان تۇرقى بەزىدە تولىمۇ قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرىپ قالاتتى.
مەھەللىدىكى دوستلار مەكتەپتىن كېلىپ قويلارنى غولنىڭ غەربىدىكى ئوتلاققا قۇيۇۋېتىپ، رەكەتكىلىرىمىزنى ئالاتتۇقتە، غول ئىچىدىكى شېغىللاردىن تاللاپ يانچۇقلارنى توشتۇرۇپ چىملىقتا سەكرەۋاتقان، سۇدا ئۈزۈۋاتقان، قىرغاقتا تۇرغان پاقىلارنى چەنلەپ ئاتاتتۇق. كىم ئەڭ كۆپ پاقىغا تەگكۈزسە شۇنى چېمپىيون ھېساپلايتۇق.
ھەر يىلى 4- ئايلاردا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چېلەكلەرگە پاقا تۇتۇپ كېتەتتى. بىز ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ «پاقا يېگۈدەك» دېيىشەتتۇق ۋە ئۇلارنى كۆرسەك يالغانلاردىن قۇرۇق «ھۆ» بولۇپ قوياتتۇق. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلارنىڭ پاقىنىڭ قارنىنى يېرىپ نېمە قىلىدىغانلىقىنى تازا بىلگۈمىز بار ئىدى. ئارا بوي بىر مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ:
-سىلەرمۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا بىلىپ قالىسىلەر. بىز بۇ پاقىلارنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرىمىز. ئوقۇغۇچىلارغا ھايۋانلارنىڭ ئىچكى تۈزۈلۈشىنى تونۇشتۇرىمىز… دېدى.
-پاقىنى ئۇنداق قاسساپلاردەك سويىدىغان ئىش بولسا مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇمايمەن.
-ئوقۇماي نېمە قىلىسەن؟
-قوي باقىمەن؟

قاچانلاردىن باشلاپكىن مەھەللىمىزنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان تۆمۈر بوۋاي پاقا تۇتقىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوغلايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ تېخى « سىلەر ھەر يىلى كەم دېگەندە ئۈچ يۈزدەك پاقىنى تۇتۇپ كېتىسىلەر، بۇ دەل پاقىلارنىڭ كۆپىيىدىغان مەزگىلى بىر پاقا تۇخۇمىدىن ئون پاقا ئەي بولدى دېسەك ئۈچ مىڭدىن ئوشۇق پاقىنى يوقاتقان بولىسىلەر…» دەپتۇدەك. بىز ئۇ بوۋايغا ئۆچ بولۇپ كەتتۇق. مەھەللىدىكى بالىلار بىر يەرگە كەلسەكلا پاراڭ تېمىسى شۇ بوۋايغا يۆتكىلەتتى.
-پاقىنى سامسا قىلىپ يەمدىكىن ئۇ قېرى.
-شۇ ئەمەسمۇ، ئەتە- ئۆگۈن «ئارغوللۇقلار پاقا يەيدىكەن» دېگەن گەپ چىقمىسىلا بولاتتىغۇ؟
-ئۇ قېرىچۇ، كەنت مۇدىرىغا «غولنىڭ سۈيى تارتىلىپ، بېلىق، پاقىلار ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەرمۇ ھەر خىل ھاشارات ئاپەتلىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ… كەنتتىكىلەر غاز-ئۆردەكنى ئازراق باقسا بولاتتى. سىز باشلىق بولغاندىكىن گەپ قىلىپ قويۇڭ… پاقا دېگەن ئەتىيازدا كۆپىيىدۇ ھېچ بولمىسا پاقىلار سەل ئاۋۇغۇچە خەق غاز-ئۆردەكلىرىنى كاتەكتىن چىقارماي تۇرسۇن…» دەپتۇدەك.
-كەنتنىڭ رادىئوسىدا توخۇ، ئۆردەك بېقىڭلار! دەپ تەشۋىق قىلىۋاتسا، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلامتى.
-شۇ ئەمەسمۇ؟ «نامراتلارغا ياردەم قىلىمىز» دەپ تۆۋەن مەھەللىدىكى روزاخۇن ئاكىلارغا ھۆكۈمەت يۈز ئۆردەك ئېلىپ بەرگەن تۇرسا…
بۇ توغرىلىق گەپ بولسا چوڭلارمۇ تۆمۈر بوۋاينى «ئىلىشىپ قاپتۇ» دېيىشىدىغان بولدى.
مانا مەنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ «بىئولوگىيە» دەرسىدە پاقا ئوپېراتسىيە قىلىدىغان دەرسكە كەلگۈچە تاقىتىم تاق بولدى. مەھەللىمىزدە نېمە جىق؟ پاقا جىق. مۇئەللىمگە سىنىپىمىزدىكى بىر بالىغا بىردىن قىرىق بەش پاقىنى مەنلا تۇتۇپ كېلەي دېمەيمەنمۇ؟ باھار كېلىشى بىلەن پاقىلارنىڭ چىللاشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ تەقەززا بولغان پاقا ئوپېراتسىيىسىنى ئىشلەپ بولدۇق. ئادەمنىڭ كۆڭلى ئىلىشىپ كېتىدىكەن…
يۇقىرى مەھەللىلىكلەر غول بويىدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ، غولنىڭ قېشىغا سېمونتتىن تام قوپۇرۇپ ئۆي سېلىشقا باشلىدى. دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ۋاراڭ- چۇرۇڭمۇ كۆپەيدى. ئىلگىرىكى توختىماي سايرايدىغان قۇشلار بارغانسېرى ئازلاشقا باشلىدى. نەچچە ئادەم بىر يەرگە كەپ قالسىلا دەرەخلەردىكى زىيانداش ھاشاراتلار توغرىلىق پاراڭ قىلىشىدىغان بولدى.
-نېمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان؟ غېرىشچى قۇرۇت دەل-دەرەخنىڭ يوپۇرمىقىنى يەپ قويمىسا، تېرەك پىتى پاشىدەك ئادەمنى چىقىپ ئارامدا قويمىسا…
-ھەممىسى شۇ چاشقان يوقىتىمىز دەپ چاشقان دورىسىنى تالا تۈزگە چېچىپ، قۇشقاچلارنى يوقاتقىنىمىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورماننى كېسىپ قۇشقاچلار قوغلىدۇق…
-ئىككىنچى تۆمۈراخۇن مايەردىكەنغۇ؟ سەن قۇشلارغا ئۆيۈڭنى باكارلاپ بېرىپ كۆچۈپ كەت.
بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىسام ئويلىنىپ قالىمەن. مۇئەللىملەرمۇ «قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى» دەپ چۈشەندۈرگەنغۇ؟ جاھانمۇ قىزىق ئىكەن بىر نەرسىگە ئېرىشسە بىر نەرسىدىن قۇرۇق قېلىۋاتقان.
نەچچە يىلدا غولنىڭ سۈيى ئازلاپ كەتتى. غولنىڭ يۇقىرىسىدىكى كارىزلارنىڭمۇ سۈيى تارتىلىپ نەچچىسى قۇرۇپ قالغاچقا غولغا كېلىدىغان قىشلىق سۇمۇ ئازاب كەتتى. 7-ئايلاردا بولسا ئۈزۈلۈپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. غولدىكى ئاندا ساندا تېرەن كۆلچەكلەردە سېسىق سۇنىڭ بارلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا غولدا سۇ يوقىدى. نەچچە يىل بۇرۇنقى باھار ئاخشاملىرى سايراپ قۇلاق- مېڭەمنى يەپ كېتىدىغان پاقىلار يوقاپلا كەتتى. مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك غاز-ئۆردەكلىرى بار ئىدى. مانا ئەمدى بىر نەچچە كىشىنىڭ غىزىلا قالدى. تۇخۇمنىڭ گېپى بولغاندىلا ھەممە ئائىلىدە سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى، ئېقىننىڭ بېشىغا ئەخلەت تۆكۈشلەر، ئېقىن قىنىغا ئۆي سېلىشلارنى سۆكىدىغان بولدى.
مانا تولۇقۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىققا چىقتىم. ئەقلىم يېتىلىشكە باشلىغان چېغى ئۆينىڭ كەينىدىكى قۇرۇپ كەتكەن بۇلاققا قاراپ ئۆز ۋاقتىدىكى رەكەتكە بىلەن پاقىلارنى چەنلەپ ئوينىغانلىرىمغا پۇشايمان قىلىمەن. «بىئولوگىيە» مۇئەللىمىمىزگە پاقا تەجرىبىسى ئىشلەيدىغان دەرسنى چىقىرىۋېتىشى ھەققىدە تەكلىپ يازدىم. ئۇنىڭ ئورنىغا بېقىپ كۆپەيتىش ئاسان ھايۋاننى ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئېكولوگىيىنى قوغداشقا بولغان تەسىرىنى خېلى تەپسىلىي يازدىم.
بۈگۈنمۇ يەنە شۇ قۇرۇپ كەتكەن بۇلاققا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن. خىيالىمدا بولسا مۇئەللىمنىڭ شېئىر يېزىش تاپشۇرۇقى مېنى قىينايتتى. نېمىنى يازسام بۇلار؟ قۇرۇپ كەتكەن ئېقىننى، بۇلاقنى يازايمۇ-يە؟ بۇرۇنقى بۈككىدە دەرەخلىك غولنىڭ چىرايلىق مەنزىرىسىنى يازسام … كەينىمدىكى كۆكتاتلىقتىكى شىرىقلىغان ئاۋاز دىققىتىمنى تارتتى. كەينىمگە قارىسام بىر يېشىل پاقا كۆكتاتتلىقنىڭ چېتىدە تۇرۇپ پاشا، چىۋىن ۋە كۆكتاتتىكى ھالنى يەۋېتىپتۇ. كاللامغا چاقماق تېزلىكىدە «پاقىنى يازاي، پاقىنى» دېگەن ئوي كەلدى. شۇ ھامان قىمىر قىلماستىن پاقىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتتىم.
ئۆيگە كىردىم-دە قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، نېمە دەپ ماۋزۇ قويۇش ھەققىدە بىرەر سائەتتەك ئولتۇرۇپتىمەن. خىيالىمدا ئاراغۇلنىڭ سۈزۈك سۈيىدە ئەركىن ياشاۋاتقان پاقىلار، كۆكتاتلىقتا، قوغۇنلۇقتا پاشا، كۇمۇتا تۇتۇپ يەۋاتقان پاقىلار، بىز بالىلارنىڭ رەكەتكە بىلەن ئاتقاندا جان تالىشىپ ياتقان پاقىلار كېلىشكە باشلىدى… مەن پاقىلار بىلەن ئۈنسىز سۆھبەتلەشتىم… بىر ماۋزۇنى ئويلاپ كاللامدىن ھازىرلا چىقىپ كېتىدىغاندەك دەرھال يېزىۋالدىمدە تۆۋەندىكى شېئىرنى يازدىم.

«يېشىل كىيىملىك پەرىزات

يېشىل كۆڭلەك پەرىزات،
ئوۋغا ماڭدى ئېتىزغا.
چەنلەپ ئاتتى ئوقىنى،
كۇمۇتىغا، پاشىغا.
بېشىدا يوق تاجى،
بارمىقىدا ئۈزۈكى.
ئۇ بولمىسا بولمايدۇ،
دەريا، كۆلنىڭ كۆرىكى.
سايراپ بېرەر كۇر-كۇر، كۇر،
سەكرەپ بېرەر تاق-تاق، تاق.
-تولا سەكرەپ ھاردىڭمۇ؟
باش چايقىدى، ياق، ياق، ياق.
كۆكتاتلىقتا كۆزەتچى،
قوغۇنلۇقتا ماراقچى.
كېچە- كۈندۈز ئۇخلىماي،
پاشا، ھالنى قىرماقچى.
-ۋاي بالىلار توسماڭلار،
ئۇنىڭ ماڭار يولىنى.
رەكەتكەڭنى قوي ئاداش،
ئاتما پاقا ھەم قۇشنى.
-يېشىل كۆڭلەك پەرىشتە،
سەپىرىڭىز قاياققا؟
-ئوۋغا ماڭدىم، سەنمۇ يۈر،
ھال چۈشۈپتۇ كۆكتاتقا.»

«تارىم غۇنچىلىرى» 2007- يىلى 8،9-سانلىرى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro