بۇ ھاياتتا ئىپپەت بىلەن گۈزەلدۇر قىزلار،
شۇڭا دائىم كۈيلەر ئۇنى بۇلبۇلدەك تىللار،
قىزلار بولغاچ شاتلىققىمۇ تولغان بۇ دىللار،
ئازمىغىن سەن يۈرەكلەردە قالدۇرۇپ داغلار،
مۇھەببەت دەپ ئىززىتىڭنى يۇقاتما قىزلار.
ئالدىراپلا كۈڭۈل بەرمە كەلسە يىگىتلەر،
كۆيدۈم دەپلا بەرسە ساڭا تىزىپ دەستىلەر،
ئەسقاتمايدۇ ئاخىر بىركۈن بەرگەن قەسەملەر،
شۇنچە شىرىن سۆزلىرى كۆپتۇر ئەسكىلەر ،
مۇھەببەت دەپ ئىززىتىڭنى يۇقاتما قىزلار .
كىتەر بىركۈن داغدا قۇيۇپ كۈڭۈل بەرگەنلەر،
سىنىڭ ئۈچۈن جاننى پىدا قىلىپ يۈرگەنلەر،
كىزىپ ھەتتا تىكەن ئارا گۈلمۇ تەرگەنلەر،
بىللە يىغلاپ قايغۇلاردا بىللە كۈلگەنلەر،
مۇھەببەت دەپ ئىززىتىڭنى يۇقاتما قىزلار.
مەخسىتى شۇ ئىرىشسىلا تاشلايدۇ سىنى،
ئاق قەلبىڭگە ئىزلار سېلىپ داغلايدۇ سىنى ،
دەيسەن قاخشاپ بەرگەن ۋەدە قەسەملەر قىنى،
مازاق قىلار سىنى شۇدەم بۇلغاندى تىنى،
مۇھەببەت دەپ ئىززىتىڭنى يۇقاتما قىزلار.
ئاگاھ بولغىن بۇ مۇھەببەت ساڭا بىر تۇزاق،
شىرىن سۆزگە ئالدانمىغىن يوللىرىڭ ئۇزاق،
ئۆلمەي تۇرۇپ تارتمىغىن سەن ئازابى دۇزاق،
قۇربانىغا ئايلانغاندىن ئالغىن سەن ساۋاق،
مۇھەببەت دەپ ئىززىتىڭنى يۇقاتما قىزلار.
مەنبە:سەرگەردان ئاشىق