چىش نېمە ئۈچۈن سارغىيىپ كىتىدۇ؟

بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ چىشى ئاق بولسا،يەنە بەزىلىرىنىڭ چىشى سېرىق بۇلىدۇ. ئۇنداقتا چىش نىمە ئۈچۈن سارغىىيىپ كىتىدۇ؟ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەپتىن بۇلىدۇ:

1.ئېغىز بوشلىغىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلماي،ھەر كۈنى چىش چوتكىلىمىغاندا،چىشتا نۇرغۇن داغلار جۇغلۇشۇپ قالىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن،چىش چار ياكى سېرىق بۇلۇپ قالىدۇ.ۋاقىت ئۇزۇراپ كەتسە،ئاسانلا چىش چىرىش كېسەللىكىگە گىرىپتا بۇلىدۇ.چىشتا تۆشۇك پەيدا بولىدۇ.شۇڭا چۇقۇم ھەر كۈنى چىش چوتكىلاپ،ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىنى ساقلاش لازىم.

2.بەزى رايۇنلاردىكى قۇدۇق سۈيى تەركىۋىدە فتور تەركىبى ناھايتى يۇقۇرى بۇلۇپ،دۆلەت بەلگىلىگەن نورمال ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن.ئادەم داۋاملىق بۇنداق سۇنى ئىچىۋەرسە،بەدەندىكى فتور مىقدارى ئېشىپ كىتىدۇ.گەرچە فتورنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ،ئەمما بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە،سۆڭەككە چۆكۈپ قېلىپ،سۆڭەكنى سارغايتىۋىتىدۇ.فتور تەركىبى يۇقۇرى سۇنى داۋاملىق ئىچكەندە،چىشنى سارغايتىۋىتىدۇ.

3.ئۇششاق بالىلار تېتراسىكلىننى كۆپ يىگەندە چىشى سارغىيىپ كىتىدۇ.چۈنكى تېتراسىكلىن سۆڭەكتىكى كالتىسىي بىلەن بىرىكىپ،بىر خىل سېرىق رەڭلىك ماددا ھاسىل قىلىپ،سۆڭەكنىڭ ئىچىگە چۆكىدۇ.چىشقا بۇنداق ماددا چۆكۈپ قالسا،سارغىيىپ كىتىدۇ.شۇڭا ئۇششاق بالىلار تېتراسىكلىننى يىمەسلىكى كېرەك.

  مەنبە: خەنزۇچە «يۈز مىڭلىغان نىمە ئۇچۇن»

تەرجىمە قىلغۇچى: مىسرانىم مۇنبىرىدىن-تىلماچ13

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro