پەرزەنتى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ سەمىگە!

ۋاقتى: 2012-08-21 / ئاپتور: / سەھىپە: مۇھاكىمە,مەكتەپ ھاياتى / كۆرۈلۈشى:874 قېتىم ئوقۇلدى /

پەرزەنتى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار سەمىگە
(2010.4)
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

ئىلاۋە:
مەزكۇر يازما 2009-يىلى يېزىلغان يازما ئىدى، بۈگۈن ئىلقۇت بلوگىغا بۇ يىللىق (2010-يىللىق) دۆلەت ئىچىدىكى نوقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قۇبۇل قىلىش پىلان جەدىۋىلىنى يوللاپ قويغان ئىدىم، بىر تورداش ماڭا ئارزۇ تولدۇرۇش ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپ ئېلخەت يېزىپتىكەن، مەن دەرھال بۇ يازمىنى ئىسىمگە ئېلىپ ئازراق تەھرىرلەپ قايتا دوستلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم. يازما گەرچە قايتا تەھرىرلەنگەن بولسىمۇ پەقەت ئىملا جەھەتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، لېكىن ماقالىنىڭ ئەسلى ھالىتى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەينەن ساقلاپ قېلىندى. شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىغا بۇ يىلقى شىنجاڭ ئىچكىرى تولۇق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىنى قالدۇرۇپ قويدۇم دوستلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس…
ھۆرمەت بىلەن:
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

(1)
پەرزەنتى ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسىگە تۇنۇشلۇق، ھازىر دەل ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ(تۇلۇق 3-يىللىقتا) ئالىي مەكتەپ ئارزۇسىنى تاللاش مەزگىلى، يەنە 20 كۈندىن كىيىن ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تاللاشقا چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇ يەردە بىر مەسىلە ساقلانغان بولۇپ، بۇ مەسىلە دەل ھازىر ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەرگىزمۇ شىنجاڭدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردەك 6-ئايدا ئاۋال ئىمتىھاننى بىرىپ بولۇپ ئاندىن ئارزۇ تاللىماستىن بەلكى ئاۋال ئىمتىھان بىرىپ بولۇپ ئاندىن ئارزۇ تاللايدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تاللىشى بىر قەدەر باش ئاغرىتىدىغان ئىش مېنىڭ ئارزۇ تاللاش ۋە ئونۋېرسىتقا چىققاندىن كېيىنكى كۈزىتىشىمگە ئاساسلانغاندا ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تاللاش جەھەتلەردە ئۇنداق-مۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ. ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن بىكىنمە ھالەتتە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا ئۇلارنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىشى ناھايىتى ئاز بولىدۇ ياكى يوق دىيەرلىك بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئالىي مەكتەپ دېگەن قانداق بولىدىغاندۇ؟ دەپ كۆپ ئويلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ كۈزىتىشىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى مېنىڭ نەزىرىمدە «زادى ساقلانمىسا بولمايدۇ.» دەپ قارىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتەي، پەرزەنتى ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈرۈپ بېقىشىنى، بەزىبىر ساقلانغىلى بولىدىغان مەسىلىلەردىن ساقلىنىپ پەرزەنتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئويلىنىپ بېقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسەن كۆز قارىشىم چۇقۇم شۇنداق بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، شۇڭا پايدىلىنىش قىممتى بار دەپ قارىسىڭىز پايدىلىنارسىز، پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزغا ئاز-تۇلا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئەمىسە ئەسلى مەخسەتكە كېلەي، تۆۋەندىكىلەر مەن ئونۋېرسىتقا چىققاندىن كىيىنكى ئويلىغانلىرىم:

بىرىنچىدىن، ئالىي مەكتەپ ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مۇھىت.
1. مەكتەپنىڭ ماھىيىتى ئوخشىمايدۇ. ئالىي مەكتەپ بىر ئېچىۋېتىلگەن ئوقۇش مۇھىتىدىن ئىبارەت. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئېچىۋېتىلگەن دېگىنىمىز، ئالىي مەكتەپتە سىز خالىغىنىڭىزنى قىلالايسىز، خالىغان ۋاقىتتا سىرتقا چىقىش، ياتاققا قايتىش، ئۇخلاش، تاماق يېيىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئەركىنلىكىڭىز بىلەن ئورۇنلاشتۇرالايسىز. بۇ جەھەتتە تۇلۇق ئوتتۇرا، بولۇپمۇ ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپى تۈپتىن ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدۇ.
2. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مۇناسىۋىتى ئوخشىمايدۇ. تۇلۇق ئوتتۇرىدا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىنى ئىزدەيدۇ، ئالىي مەكتەپتە بولسا ئوقۇغۇچى مۇئەللىمنى ئىزدەيدۇ. بۇ يەردىكى ئىزدەش مۇناسىۋىتى، تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچى ھەر سائەت، ھەر مىنۇت ئوقۇغۇچىنىڭ ياخشى ئۆگىنىشىنى تەكىتلەپ، ئۇنى ياخشى ئۆگىنىشكە مەجبۇرىلاپلا تۇرىدۇ. ئەمما ئالىي مەكتەپتە بۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ئوقۇغۇچى ئۆزى ئېھتىياجلىق بولسا ئوقۇتقۇچىنى ئىزدەپ ئۆگىنىدۇ، ئەگەر ئىزدىمىسە ھېچكىم ئۇنى سەن ئوقۇتقۇچىنى ئىزدە دېمەيدۇ.
3. تۇرمۇش ئۇسولى ئوخشىمايدۇ. تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا قانداق ياشاشنى ئۆگىتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى كۆيۈنىدۇ. ئەمما ئالىي مەكتەپتە بولسا ئوقۇغۇچى پەقەت ئۆزىگە تايىنىدۇ خالاس. ئالىي مەكتەپتە ئاساسەن سىزگە كۈيۈنىدىغان ئادەم يوق، پەقەت ئۆزۈم خان، ئۆزۈم بەگ بولۇپ ياشايسىز، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى كونتىرول قىلىش كۈچىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولىشى كېرەك. بولمىسا چوڭ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا سىز بولۇپ قالىسىز.
4. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. تۇلۇق ئوتتۇرىدا دەرسلىك مەزمۇنى ئاز، سالمىقى ئانچە ئېغىر ئەمەس، ۋاقىت كۆپ، مۇئەللىمنىڭ دەرس سۆزلەش سۈرئىتى ئاستا، ئوقۇتقۇچى ئىنىق چۈشەندرۇپ ئوقۇغۇچىنىڭ ۋاختىدا چۈشىنىپ ئۆزلەشتۇرىۋېلىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەمما ئالىي مەكتەپ بولسا بۇنداق ئەمەس. ئالىي مەكتەپتە دەرس مەزمۇنى كۆپ، سالمىقى ئېغىر، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس سۆزلەش سۈرئىتى تىز، ئوقۇتقۇچى دەرسنى ئاساسەن ۋاختىدا ئۆتۈپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپىنى تۈگىتىپ بولۇشنى ئاساس قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلەشتۈرۈپ كېتىشىنى ئاساسەن ئويلاشمايدۇ. ئوقۇتقۇچى پەقەت دەرسىنى ئۆتۈپ بولسىلا ۋەسسالام ئىش تامام ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ. ئوقۇغۇچى ئاساسەن ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا يارىتىپ بەرگەن شارائىتلىرى:
دۆلىتمىز 2000-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ئاشۇ يېزا-قىشلاقلاردىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېگە قىلىپ، ئىچكرىدىكى ھەر قايسى تەرەققىياتى دۆلىتىمىزدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شەھەرلەردە ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا شىنجاڭ سىنىپىنى تەسىس قىلىپ بىزدەك نامرات دېھقان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز شارائىت يارىتىپ بەردى. دۆلىتىمىز شارائىتنى يارىتىپ بەردى، ئەمدى چايناپ ئىزىپ ئىچۈرۈپ قويۇشنىڭ ئورنى يوق، شۇڭا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئەۋزەل شارائىتتىن تۇلۇق پايدىلىنىش ياكى پايدىلىنالماسلىق يەنىلا بىزنىڭ ئۆزىمىزگە قاراشلىق.

ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلەنگەن تاللاشقا بولىدىغان كەسىپنىڭ تاللاش پىرىنسىپى:
ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىشتا ئىچكىرىدىكى بارلىق شىنجاڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئوخشاش بىر ئىمتىھان قەغىزىدە ئىمتىھان بەرمەيدۇ، ئەكسىچە قايسى ئۆلكىدە تۇلۇق ئوتتۇرا ئوقۇغان بولسا شۇ ئۆلكىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىگە ئىمتىھان بېرىدۇ. لېكىن ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش ئۆلچەم نۇمۇرى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلار ئاساسەن 5-ئايدا ئارزۇ تولدۇرۇپ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇرۇن ئارزۇ تولدرۇش جەدۋىلىنى تاپشۇرۇپ بولىدۇ ھەمدە 6-ئايدا ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ، يەنى بىر ئاي بۇرۇن ئارزۇ تولدۇرىدۇ. ئارزۇ تولدۇرۇشتا دۆلەتلىك مائارىپ سېستىمىسى بەلگىلەپ بەرگەن مەكتەپنىڭ بەلگىلەنگەن كەسپىنى تاللايدۇ، بەلگىلەنمىگەن كەسىپنى تاللاشقا يول قويۇلمايدۇ. بېيجىڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى، شەرقىي جوڭگۇ (خۇادۇڭ) پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى، ئوتتۇرا جوڭگۇ (خۇاجۇڭ) پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى، شەنشى پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى، شىنەن پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى(ھازىر ئىسمى شىنەن ئونۋېرسىتىتىغا ئۆزگەرتىلگەن.) شەرقىي شىمال پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى(بۇ ئونۋېرسىتىتلار 2006-يىلى مەن ئىمتىھانغا قاتناشقاندا مۇشۇلارلا بار ئىدى، ھازىر كۆپەيدىمۇ يوق بىلمەيمەن.) قاتارلىق ئونۋېرسىتىتلارغا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىمۇ ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

شۇڭا پات يېقىندا ئارزۇ تولدۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ بىزنىڭ ئىزباسارىمىز بولغان ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئەۋزەل شارائىتنىڭ بىرى بولغان ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشى ئۈچۈن ئازتۇلا پايدىلىنىش ئۇچۇرى بولۇپ قالار دەپ بۇ يازمىنى يوللىدىم. تۆۋەندە ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئارزۇ تولدۇرماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلاردا بىرقەدەر كۆپ ساقلىنىدىغان خاتالىقلار ئۈستىدە ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتەي.

ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى بىر قانچە خاتالىقلار:
1. ئارزۇ تولدۇرماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدرۇغاندا ساقلىنىدىغان ئەڭ چوڭ خاتالىق ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئالىي مەكتەپنىڭ دەرىجىسىگىلا قاراپ، باشقا شارائىتلارنى ئويلاشمايلا ئارزۇ تولدۇرۇشتەك ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار پەقەت مەكتەپنىڭ دەرىجىسىگىلا قاراپ، مەكتەپ تەمىنلىگەن تاللاشقا بولىدىغان كەسىپنى ئويلاشمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەزى مەكتەپلەرنىڭ گەرچە دەرىجىسى ئالدىدا بولسىمۇ لېكىن تاللاشقا تەمىنلىگەن كەسىپ(ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەرگىزمۇ دۆلەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بەلگىلەپ بەرگەن مەكتەپلەردىكى بارلىق كەسىپنى تاللاش ھوقۇقى يوق، پەقەت بەلگىلەپ بېرىلگەن مەكتەپنىڭ بەلگىلەنگەن كەسپىنى تاللىيالايدۇ. شۇڭا بۇ نوقتا چۇقۇم كاللىڭىزدا ئايدىڭ بولۇشى كېرەك.)نىڭ قانداقلىقى بىلەن ئويلاشمايدۇ. يەنى بۇ يەردە مۇنداق بىر خاتالىق كۆرۈلىشى مۇمكىن. بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئونۋېرسال دەرىجىسى ئالدىدا بولسىمۇ لېكىن ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا تەمىنلەپ بېرىلگەن كەسىپ ئالدىدا بولماسلىقى مۇمكىن ھەمدە شۇنىڭدەك بەزى مەكتەپلەرنىڭ گەرچە دەرىجىسى ئالدىدا بولمىسىمۇ لېكىن ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن كەسىپ بىر قەدەر ياخشى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سىزگە ئېيتىدىغىنىم، ھەرگىزمۇ مەكتەپنىڭ دەرىجىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەتمەڭ. چۇقۇم ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئارزۇ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.(بۇ يەردە بۇ خەتنى ئاشۇ ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈشى ناتايىن بىراق ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ئۇرۇق تۇققانلىرى كۈرۈشى مۇمكىن شۇڭا كۆرگەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ قۇيۇشىنى شۇ ئارقىلىق ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىنى توغرا بەلگىلىشى ئۈچۈن پايدىلىنىش ئۇچۇرى تەمىنلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.)

2. ئۆزىگە تۇلۇق ئىشەنچ قىلالماسلىق. ھەممىمىزگە ئايان، چىڭخۇا ئونۋېرسىتىتى، بېيىجىڭ ئونۋېرسىتىتى ۋە بېيىجىڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى قاتارلىق مەكتەپلەر دۆلىتىمىزدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەر، ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەكتەپلەرمۇ بار. بۇ يەردە يېڭى ئارزۇ تولدۇرغان ئوقۇغۇچىلاردا ساقلىنىدىغان مەسىلە مەكتەپنىڭ دەرىجىسىنى بىر كۈرۈپلا بىر بولسا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا سەل قاراپ ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەرنى تاللاشقا جۇرئەت قىلالماي ئۆزىچە بەزى ئانچە ياخشى بولمىغان مەكتەپلەرنى تاللاپ قويىدىغان ياكى ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتكەچكە دەرىجىنى چوڭ تاللاپ قۇيىدىغان مەسىلە ساقلىنىدۇ. ياكى شۇ ئوقۇغۇچىلار پەقەت مەكتەپنىڭ دەرىجىسىگىلا قاراپ كەتكەندە بىرىنچىدىن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا سەل قاراپ مۇۋاپىق مەكتەپنى تاللىيالماسلىقى ياكى ئىقتىدارىغا ئارتۇقچە ئىشىنىپ مەكتەپنى بەك چوڭ تاللىۋېتىپ مەغلۇب بولىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئەمىلىي ئىقتىدارىنى ئوبدان دەڭسەپ بولۇپ ئاندىن مۇۋاپىق مەكتەپ تاللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

3. مەكتەپ پۇلىدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كېتىش. ھەممىمىزگە ئايان شىنجاڭدىكى ئاشۇ يېزا-قىشلاقلاردا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمى دېگۈدەك يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى مەكتەپ پۇلىنى قانداق تۆلەش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. بۇ دەل مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىقىم. شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىنى-سىڭىللارنىڭ ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلماسلىقى ئۈچۈن مەزكۇر يازمىنى ئالاھىدە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بەلكىم كۆپچىلىكمۇ بىلىدىغانسىلەر، دۆلىتىمىز ھەر يىلى ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىن ئىمتىھانغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلاردىن مەلۇم ساندا تاللاپ يەنە ئالىي مەكتەپنىمۇ ھەقسىز ئوقۇتۇش شارائىتىنى ھازىرلاپ بەردى، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان شارائىت دەل پىداگوكىكا ئونۋېرسىتلىرىدىن بولغان بېيجىڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى، شەرقىي جوڭگۇ (خۇادۇڭ) پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى، ئوتتۇرا جوڭگۇ (خۇاجۇڭ) پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى، شەنشى پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى، شىنەن پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى(ھازىر ئىسمى شىنەن ئونۋېرسىتىتىغا ئۆزگەرتىلگەن.) شەرقىي شىمال پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتى(بۇ ئونۋېرسىتىتلار 2006-يىلى ئىمىتىھانغا قاتناشقاندا مۇشۇلارلا بار ئىدى، ھازىر كۆپەيدىمۇ يوق بىلمەيمەن.) قاتارلىق ئونۋېرسىتىتلارغا قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپنىمۇ ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئەمما بۇ يەردىمۇ بىر خاتالىق سادىر قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپمۇ بۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان خاتالىق سادىر قىلىش نوقتىسى. بىز ھەممىمىز ھەقسىز دېسە ئەلۋەتتە بۇنداق شارائىتنى قولدىن بېرىشنى خالىمايمىز. يۇقارقى مەكتەپلەرنىڭ ئالىدىغان سانى چەكلىك، مەن ئىمتىھان بەرگەندە يۇقارقى ئالتە مەكتەپكە بىز پۇتۇن شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىن 2006-يىلى دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتناشقان 1500 گە يېقىن ئوقۇغۇچىغا بېرىلگەن سان ئاران 100 نەپەر ئىدى(ھازىر قانچە ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۇم، لېكىن بىر نوقتا ماڭا مەلۇم، يەنى بۇيىل دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 4000 غا يېتىدۇ.) شۇڭا بۇ سانغا كىرىشتە رىقابەت بەك كۈچلۈك، بۇ سانغا كىرىش ئۈچۈن سىز دەرستە ياخشى بولۇپ دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھاندىن ياخشى نۇمۇر ئالسىڭىزلا بۇ سانغا كىرەلەيسىز. شۇڭا بۇ ساننى مەيلى نامرات بولسۇن ياكى باي بولسۇن تالىشىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، چۈنكى بۇ سانغا كىرگەنلا ئادەم 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى بىر پۇڭ تاپشۇرماي ئەكسىچە مەكتەپنىڭ ھەر ئايلىق تارقاتقان تۇرمۇش پۇلى(ئىلگىرى ئۇقۇشىمچە بېيجىڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىدىغان تۇرمۇش پۇلى ھەر ئايلىقى 478 يۇەن ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم، ھازىر قانچە ئىكەنلىكىنى بىلەيمەن.) بىلەن خاتىرجەم ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يەردە بەزى ئائىلە شارائىتى ياخشى بولغان ئوقۇغۇچىلار دەرستە ياخشى بولسا قورقمايلا بۇسانغا كىرىشكە ئىنتىلىدۇ. ئەمما مەسىلە ئاشۇ ئائىلە شارائىتى ناچار ئوقۇغۇچىلاردا، ئۇلار بەلكىم دەرستە ئانچە ياخشى بولماي قېلىشى ياكى ئۆزىگە تۇلۇق ئىشەنچ قىلالماسلىق سەۋەبلىك مەكتەپ ئوقۇش پۇلىدىن ئەنسىرەپ مەجبۇرى ھالدا ئۆز قىزىقىشىنى تاشلاپ يۇقارقى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپنى تاللىشى مۇمكىن،( بۇ دەل مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سادىر قىلغان ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىم.) بىراق مەجبۇرى تاللىغانلىق سەۋەبىدىن بىرى شاللىنىپ كېتىش مەسىلىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، يەنە بىرى شاللانمىغان تەقدىردىمۇ ئالىي مەكتەپتە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى قىيىنچىلققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا گەپنى يىغىپ ئېيتساق سىز ھەرگىزمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلىدىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمەڭ. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتى ياخشى مەيلى سىز يۇقارقى ئالتە مەكتەپتىن باشقا مەكتەپلەرگە ئۆتۈڭ، يەنىلا مەكتەپلەرنىڭ سىزگە تەمىنلەپ بەرگەن ھەرخىل ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بۇلالايسىز. ئەلۋەتتە بۇ سىزنى ئاشۇ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش تۇتالماسلىقىڭىزغا باغلىق. چۈنكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلەيدىغان ياردەم پۇلى مەيلى سىز بەھرىمەن بۇلۇڭ ياكى بۇلالماڭ يەنىلا ئوخشاش ئېلىپ بېرىلىۋېرىدۇ (بۇ يەردە ئالاھىدە تەكىتلەيدىغىنىم سىز ئالىي مەكتەپكە چىققان بىرىنچى يىلدىن پايدىلىنىپ «ئالىي مەكتەپتە زادى نېمە ئۆگىنىش كېرەك؟(读大学究竟读什么?)» دېگەن كىتابنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن، ئەگەر خەنزۇچىنى ئوقۇمايتتىم دېسىڭىز بۇ كىتابنى بىزنىڭ ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپسى تەرجىمە قىلىپ ئىلقۇت بلوگىدا تارقىتىۋاتىدۇ، شۇنى كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، يەنە بىر تەۋسىيە قىلىدىغان ماتىرىيال دوكتۇر لى كەيفۇنىڭ «جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارغا يېزىلغان خەت (写给中国学生的信)» نى چوقۇم ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ماتىرىيال جەمئىي 7 پارچە، ھەجىم جەھەتتىن ئىككى يۈز بەتلىك كىتابتىن قېلىشمايدۇ، بۇ ماتىرىيالنىمۇ ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئاللىبۇرۇن تەرجىمە قىلىپ توردا تارقاتتى ھەم ئېلكىتابىنىمۇ تارقاتتى، ئىلقۇت بلوگىدىن مەزكۇر تەرجىمە ماتىرىياللىرىنى تاپالايسىز— قايتا تۇلۇقلاندى-ي.م.ئىلقۇت) سىز بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز باشقىلار سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق شارائىتتىن قانداق پايدىلىنىش ئۆزىڭىزگە باغلىق.
شۇڭا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدىغىنىم، ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ كۈزىگە بەك قاراپ كەتمەي، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىققان كەسپىنى خاتىرجەم تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەرگىز ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بولۇپ پۇشايمەن قىلماسلىقىڭىزغا تىلەكداشمەن.

(2)
ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن يۈز بېرىدىغان بىر قانچە مەسىلە:
1. تەرتىپسىزلىك ھالىتى ئېغىر. تۇلۇق ئوتتۇرىدا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇش چىڭ بولغانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارالمايدۇ، يەنى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەت چەمبىرىكى مۇنداق بىر ئۈچبۇلۇڭ، ياتاق ــــــ ئاشخانا ــــــ سىنىپتىن ئىبارەت ئۈچبۇلۇڭنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇغۇللىنىدىغىنى پەقەت ئەتىگىنى ئەتىگەن(ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا مەكتەپنىڭ ۋاقىت تەرتىپى ئەتىگەن سائەت 5:30 ياكى 6:00) دە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا قاتنىشىش، ئاندىن كىيىن ئاشخانىغا كىرىپ ئەتىگەنلىك تاماق يېيشىش، ئاندىن كىيىن ئۇدۇللا سىنىپقا چېپىشتىن ئىبارەت. دىققەت بۇيەردە گەرچە مەكتەپنىڭ ۋاقىت تەرتىپى سائەت 5:30 ياكى 6:00 بولسىمۇ لېكىن ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى سائەت 5:00 تىن باشلاپ، بەزىلىرى ھەتتا سائەت 4:00 تىن باشلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر ئۇمۇملىشىپ كەتكەن. نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى بىرىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقى كۆپ، ئالدىنقى ئاخشىمى ئىشلەپ بۇلالمىغان تاپشۇرۇقلارنى ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ تۇلۇقلاپ ئىشلىمىسە بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن ئوقۇغۇچىلار يادلاشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار كۆپ شۇڭا ئەتىگەن تۇرۇپ يادلىمىسا بولمايدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئەتىگەنلىك دەرس باشلانغان بولۇپ، چۈشلىكى ئادەتتىكى ئەھۋالدا مەكتەپنىڭ ۋاقىت تەرتىپى 2 سائەت دەم ئېلىش بولسىمۇ لېكىن سىز كۆزىتىدىغان بولسىڭىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىلا ئامال بار يېرىم سائەتتە تامىقىنى يەپ بولۇپ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك سىنىپقا كىرىپ رەتلىك ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. كەچلىكىمۇ ئاساسەن مەكتەپنىڭ ۋاقىت تەرتىپى بۇيىچە 2 سائەت دەم ئېلىش بولسىمۇ لېكىن سىز يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت يېرىم سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاماق يەپ بولۇپ بىردەك سىنىپقا كىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقانلىقىنى ياكى مەيداندا كىتاب يادلاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.( يۇقىرىقى ۋاقىت تەرتىپ بەلكىم ھەرقايسى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى ئاچقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنى ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن، مەن پەقەت ئۆزۈم ئوقۇغان جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھىرىدىكى مەكتەپنى مىسال قىلىپ سۆزلىدىم، شۇڭا چۇقۇم يۇقىرىقىدەك بولىدۇ دېگەن گەپ ئەمەس، لېكىن شۇنداق چىڭ بولىدىغانلىقى ئىنىق، پەقەت ۋاقىت ئالدى كىيىنلىك تەرتىپى ئوخشىماسلىقى مۇمكىن.)

مۇنداقچە قىلىپ مەزمۇننى يىغىنچاقلىساق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئەتىگەن سائەت 5:30 ياكى 6:00 ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا چىقىش، يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ تامىقىنى يەپ بولۇش(دىققەت، ئاشخانىنىڭ ۋاقىت بەلگىلىمىسى بولغاچقا تاماقنى ۋاختىدا يەپ بۇلالمىسڭىز ئاشخانا تاقىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چۈش بولغىچە ئاچ قالىسىز) ئەتىگەن سائەت 6 يېرىمدا سىنىپقا چىقىپ بولۇش، چۈشتە سائەت 11 يېرىم ياكى 12 دە دەرستىن چۈشۈپ يەنە يېرىم سائەت ياكى 1 سائەت ئىچىدە تاماق يەپ بولۇش چۈشتە سائەت 1:00 ياكى 1:30 دا سىنىپقا كىرىپ بولۇش، چۈشتىن كىيىن سائەت 5:00 ياكى 5:30 دا تاماققا چىقىش ۋە يەنىلا يېرىم سائەت ياكى 1 سائەتتە تاماق يەپ بولۇش كەچ سائەت 6:30 دا سىنىپقا كىرىپ كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتنىشىش، سائەت 9:30 دا ياكى 10:00دا كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ ياتاققا قايتىپ ئۇخلاش( بۇ ۋاقىتتا كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنىلا ياتاقتا ئالدىراش تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالى ئېغىر) بولىدۇ. (بۇ مەزمۇنلار پەقەت شىنجاڭدىكىلەرنى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئازتۇلا خەۋەردار قىلىش مەقسىتىدە يوللاندى باشقىچە چۈشەنمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.) يەنى يۇقىرىدا ئېيتقان ياتاق ــــــ ئاشخانا ــــــ سىنىپتىن ئىبارەت ئۈچبۇلۇڭ مۇشۇنداق ھاسىل بولغان بولۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسەن ئەركىن پائالىيەت ۋاختى يوق دېيەرلىك.
شۇڭا يۇقىرىقى چۈشەندۇرۇشتىن تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ھەقىقەتەنمۇ چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار پەقەت ياتاق ــــــ ئاشخانا ــــــ سىنىپتىن ئىبارەت ئۈچبۇلۇڭنى مەركەز قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتى ناھايىتى ئالدىراش ھەم بېسىم بىلەن ئۆتىدۇ. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە چىققان ھامان ئالىي مەكتەپنىڭ بىردىنلا بوش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۆزىنى قۇيىۋېتىشى، شۇ قۇيىۋەتكەنچە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي دەرستە يىتىشەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

2. ئالىي مەكتەپتە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئەھۋاللىرى ئېغىر.(بۇ خىل ئەھۋال ھازىرغىچە تېخى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلاردا كۈرۈلگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم، لېكىن ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا دائىم مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ. ھەتتا مەن ئالىي مەكتەپكە يېڭى چىققاندا سىياسەت دەرس ۋاختىدا مۇئەللىمنىڭ مۇنداق سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغانمەن. سىياسەت دەرسى بەرگۈچى مۇئەللىم مۇنداق دەيدۇ: «ئاخشام ئولتۇرسام بىر ساۋاقداش “مۇئەللىم سىنىپىمىزدا بىر ئوقۇغۇچى بىنادىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى.” دەيدۇ، مەن ئۇنىڭغا ”بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال.“ دەپ جاۋاپ بەردىم. سىلەرگە دېسەم بىزنىڭ بۇ مەكتەپتە 30 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى ياشايدۇ، بۇنداق كۆپ ئادەمدىن بىر كۈندە بىرەر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى نورمال ئىش. » مەن بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھەيران قالغان ئىدىم. ئەمىلىيەتتە مۇئەللىم تىلغا ئالغان ئوقۇغۇچى بىزنىڭ ياتاق بىناغا قوشنا بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋاپتىكەن، بىز بۇنى بىلمەي ئۆتۈپتۇق. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇت. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: تۇلۇق ئوتتۇرا ھاياتى ناھايىتى ئالدىراش ھەم بېسىم بىلەن ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە چىققان ھامان ئالىي مەكتەپنىڭ بىردىنلا بوش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۆزىنى قويىۋېتىشى، شۇ قۇيىۋەتكەنچە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي دەرستە يىتىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن بولىدۇ. شۇڭا پەرزەنتىڭىزنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشڭىز كېرەك.

3. ئىشلار ئۆزى ئويلىغاندەك بولماسلىق. ئوقۇغۇچىلار بەلكىم ئارزۇ تاللىغاندا بەزى كەسىپلەرنىڭ ئىسمىنى كۈرۈپلا بىر قېتىملىق قىزىقىش بىلەن كۆپ ئويلانمايلا تاللاپ قۇيۇپ ئالىي مەكتەپكە چىققاندا بولسا تاللىغان كەسپىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئەمەسلىكىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ ئارزۇنى خاتا تاللاپ قويغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، ئۆگىنىشكە ئۆزىنى قاراتماي، مىڭ تەستە كەلگەن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە كەسىپ ئىسمى بىلەن ئۆگەنگەن دەرس ماس بولماسىلىق دېگىنىمىز، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خاراكتىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى مەكتەپلەر تەبئىي پەننى ئاساس قىلغان بولىدۇ، بەزى مەكتەپلەر ئىجدىمائىي پەننى ئاساس قىلغان بولىدۇ. ھەمدە بۇ مەكتەپلەردە بەزى كەسىپلەرنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولسىمۇ لېكىن تەرەققىيات يۆنىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن بەزى ئىجدىمائىي پەننى ئاساس قىلغان مەكتەپلەرمۇ كومپىيوتىرغا ئائىت بولغان ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىنى ئاچقان بولۇپ بۇ كەسىپلەرنى باشقا تەبئىي پەننى ئاساس قىلغان مەكتەپلەرمۇ ئاچقان بولىدۇ، ئەمما بۇ ئىككى خىل خاراكتىردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆتىدىغان دەرسلىكىنىڭ سالمىقى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ھەرگىزمۇ كەسىپنىڭ ئىسمىغا قاراپلا يىنىكلىك بىلەن كەسىپ تاللاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسىلەن، سىز تور ئىزدەش ماتورىدىن «ئۇچۇر باشقۇرۇش ۋە ئۇچۇر سېستىمىسى (信息管理与信息系统)» دەپ ئىزدىسىڭىز بۇ كەسىپنى بەزى مەكتەپلەر تەبئىي پەننى ئاساس قىلغان فاكولتىتلاردا ئاچقان بولسا، بىزنىڭ مەكتەپكە ئوخشاش مەكتەپلەر بولسا ئىجدىمائىي پەننى ئاساس قىلغان فاكولتىتدا تەسىس قىلغان (بىزنىڭ مەكتەپتە بۇ كەسىپ باشقۇرۇش فاكولتىتىدا)، بۇ ئىككى خىل خاراكتىردىكى فاكولتىتدا ئۆتۈلىدىغان دەرس ۋە فاكولتىتنىڭ تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭا ئەمىلىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىش كۆرۈڭ.
(3)
ئەسسالام كەڭ تورداشلار،
مەن بۇ يازمىنى ئالدىنقى قېتىم ئىككى پارچە يازغان ئىدى، لېكىن يېزىپ بولۇپ دىيارىم تورى، سەلكىن تورى قاتارلىق توردا ئىلان قىلغاندىن كىيىن كۆپ ساندىكى تورداشلار مەزكۇر يازمېنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى خاتا چۈشىنىۋالغان چېغى سەل قالايمىقان ئىنكاس قالدۇرۇپتىكەن، شۇڭا مەن بۇ يازمىنى قايتا داۋاملاشتۇرۇشتىن يالتىيىپ قالغان ئىدىم. لېكىن ئىلقۇت بلوگىدا بەزى تورداشلار ئالاھىدە تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغان بولغاچقا يەنە قايتا يېزىشقا مەجبۇرى بولۇپ قالدىم.

مەن ئالدىنقى قېتىم بۇ يازمىنى يېزىپ بولۇپ، دىيارىمدىكى ئاشۇ تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆزۈمگە «قانداق قىلىمەن بۇنداق چۈشەنمىگەن خەقكە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ مۇشۇنداق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ.» دەپ ئويلاپ كىيىن قايتا يازماسلىق قارارىغا كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن كىيىن ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمما يازالمىغان ئۆزۈمنىڭ تۇنجى ئەسىرى«ھايات چاقچىقى»ناملىق ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشىپ كەتكەن ئىدىم، ھازىر ئالدىراش شۇنى يېزىۋاتىمەن، ئىلگىرى مۇۋاپىق تىما تاپالمىغان بولغاچقا قەلەم باشلىيالمىغان ئىدىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى ئەدەبىي ئەسىرىم بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ خالىسا بۇ ئەسەر پات-ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۈرۈشكۈسى. شۇڭا يېقىندىن بىرى بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. بۈگۈن دەرستىن چۈشۈپ ئىلقۇت بلوگىغا قارىسام كارۋان ئىسىملىك بىر تورداش مېنىڭ مۇشۇ يازمىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاشۇ نىشانى غۇۋا بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يول كۆرسىتىشىم ھەققىدە تەلەپ قىلىپ ئىنكاس قالدۇرۇپتۇ. ئەمىلىيەتتىغۇ مېنىڭ ئۇنچە يۇقىرى قابىلىيىتىممۇ يوق، پەقەت ئۆزۈم 7 يىلدىن بىرى ئىچكىرىدە ئوقۇش جەريانىدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم ۋە ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بېرەلەيمەن خالاس، شۇڭا تورداشلارنىڭ قىزىقساڭلار كۆرۈپ، قىزىقمىساڭلار دىققەت ئىتىبارىڭلارنى بۇ يەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلىپ ئولتۇرماسلىقىڭلارنى ۋە قالايمىقان پىكىر قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

كارۋان ئەپەندىگە:
ئىنكاسىڭىزنى كۈرۈپ خېلى روھلىنىپ قالدىم، مەن سىزنى قانداقسىگە ئۇنتۇپ قالاي، ھېلىمۇ ئىسىمدە.
بىراق يازما ئىشىغا كەلسەك، ھازىر مېنىڭچە بۇ يازمىنى يېزىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتىغۇ دەيمەن. ئىچكىرىدىكى بالىلار ئاساسەن ئارزۇ تاللاش نىشانىنى بەلگىلەپ بولدىغۇ دەيمەن. بولىدۇ مەن ئازراق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەي، لېكىن بۇ ئۇچۇرلار ئاللىبۇرۇن قىممىتىنى يۇقاتقان بولۇشى ياكى كىلەر يىلى ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىممىتى بولۇپ قالار، ئەسلى مەن شۇنداق بىر يازما ئارقىلىق ئاشۇ نىشانى ئىنىق بولمىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى ئۈچۈن ئاز تۇلا ئىش قىلىپ بېرەي دېگەن، لېكىن مەزكۇر يازمامنى دىيارىم تورىدا ئېلان قىلغاندىن كىيىن بەزى كىشىلەرنىڭ يازما مەزمۇنىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىرىۋەتكەن ۋە يېزىشتىن يالتىيىپ قالغان ئىدىم.
شۇنىڭدىن كىيىن بىر ئەسەر يېزىشقا تۇتۇش قىلىپ قالغان ئىدىم، ھازىر ئالدىراش شۇ ئەسەرنى يېزىش بىلەن بەند بولۇپ كەتتىم.
مەن شۇنداق بولسىمۇ ئۈمىدىڭىزنى يەردە قويماي، ئازراق يازما بىلەن تەمىنلەي، بەلكىم، ئانچە قىممىتى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولىمەن دېسىڭىز مېنىڭ ئېلخېتىمگە خەت قالدۇرۇڭ، مەن سىزگە تېلىفۇن نۇمۇرىمنى دەپ بېرەي، شۇ چاغدا تېلىفۇن قىلىسىڭىز مەن ئۆزۈم بىلىدىغان بارلىق ئۇچۇرلارنى سىزگە ئايرىم سۆزلەپ بېرەي.
ئېلخەت: ilqut@qq.com (دىققەت، مەزكۇر يازما بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن يېزىلغان، ھازىر ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ مەزمۇننىمۇ قىستۇرۇپ قويدۇم—ي.م.ئىلقۇت)

ئالدىنقى قېتىم دېگىنىمدەك، ئارزۇ تولدۇرۇشتا ھەرگىزمۇ كەسىپنىڭ ئىسمىغا ئالدىنىپ ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان ئىش قىلماڭ. بۇ ھەقتە ئالدىنقى قېتىم خېلى تەپسىلىي توختالغان، بۇ يەردە قايتا تەكرارلانمايدۇ.

تۆۋەندە توختالماقچى بولغىنىم:
ئەڭ مۇھىم بولغان نوقتا ئوقۇش پۇلى ھەققىدە توختىلىمىز. ھەممىمىزگە ئايان گەرچە تۇلۇق ئوتتۇرا(ئىچكىرى شىنجاڭ سىنىپى)نى ھەقسىز(ئەلۋەتتە، ئاز بىر قىسىم ئائىلە ئەھۋالى ياخشىراق ساۋاقداشلار ئازران ھەق تۆلەيدۇ.) ئوقۇغان بولساقمۇ لېكىن ئالىي مەكتەپ ئۇنداق ئەمەس، ئالىي مەكتەپ ئۈچۈن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ھەم بۇ ھەق بىزدەك ئاشۇ نامراق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاسان ئىش ئەمەس ھەم ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان ئىش. بىراق سىز ئوقۇش پۇلىنىڭ ئىشىنى ئاڭلاپلا خۇدىڭىزنى يۇقىتىپ قويماڭ، ئۈمىدۋار بۇلۇڭ.
سىزگە بىر ئۇچۇرنى سۆزلەپ بېرەي، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى مەكتەپلەردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار ھەرگىزمۇ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى(ئاشۇ ئانا دىيارىمىزدىكى) مەكتەپلەردەك پۇل تاپشۇرۇشنى سۈيلىگەن ۋاقىتتا ئەگەر ۋاختىنچە تاپشۇرالمايمەن دېسىڭىز «ئۇنداق بولسا بېرىپ پادىڭىزنى بېقىڭ، بۇ يەردېگەن پۇلى بارلار ئوقۇيدىغان جاي»دەپ دەككىڭىزنى بەرمەيدۇ. مەن شىنجاڭدىكى بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىمدىن ۋە باشقا دوستلىرىمدىن ئاڭلىغان. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەگەر ھال ئېيتىپ ئائىلە ئىقتىسادىم ياخشى ئەمەس ئىدى، دېسىڭىز ئاڭلايدېغىنىڭىز يۇقىرىقىدەك سۆزلەر «پۇلىڭىز بولسا ئوقۇڭ، پۇلىڭىز بولمىسا يولىڭىزغا راۋان بۇلۇڭ، بۇ يەر دېگەن پۇلى بارلار ئوقۇيدىغان جاي، سىزگە خەير-خاھلىق قىلىدىغان ساخاۋەت ئورنى ئەمەس.»، «پۇل تاپشۇرالمىسىڭىز بېرىپ ئانىڭىزنىڭ ئۇچىقىغا ئوت قالاڭ، بۇ يەردە سىزگە ھېچ نەرسە يوق.»…

قاراڭ ئۇلارنىڭ (ئاشۇ بىزنىڭ ئەزىز دىيارىمىزدىكىلەرنىڭ) سىزگە قىلغان «چىرايلىق»سۆزلىرىنى؟ بۇنىڭغا نىمە دېگۈلۈك؟ ئەلۋەتتە دەردىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتۇپ يولىڭىزغا راۋان بولىسز شۇ.
لېكىن مەن سىزگە دېسەم ئەگەر سىز ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تۇرمۇش يىتەكچى ئوقۇتقۇچىڭىز ياكى سىنىپ مەسئولىڭىزغا «ئائىلە ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس ئىدى.» دەپ مۇۋاپىق ئىسپات كۆرسەتسىڭىز ھەم سەۋەبىىڭىز پۇت دەسسەپ تۇرالىسا، ئۇلار سىزگە ھەرگىز ئاۋۇ قېرىنداشلىرىمىزگە «چىرايلىق» سۆز قىلماستىن بەلكى «بولىدۇ، ھازىرچە خاتىرجەم بولۇپ دەرىسىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ، ئارتۇقچە ئويلىنىپ كەتمەڭ، چۇقۇم ھەل بولىدۇ.»، «ئۇنداقتا مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ سىزگە ئۆسۈمسىز قەرز بېجىرىپ بېرەيلى، سىز ھەرگىز كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ»، «سىز بىر ئىلىتماس تەييارلاڭ، مەن سىزگە ياردەم پۇلى ھەل قىلىشقا تىرىشىپ باقاي، لېكىن سىز ھەرگىز ئارتۇقچە ئويلىنىپ ئوقۇشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمەڭ.»، « ھېچقىسى يوق، سىز ئاۋال باشقا ئىشلارنى ئويلىماي، دەرىسىڭىزنى ياخشى ئوقۇڭ، مەكتەپ سىزنى پۇل تاپشۇرمىدىڭ دەپ ھەيدىۋەتمەيدۇ.» دەپ سىزگە قانداق قىلىش ھەققىدە ئىنىق يول كۆرسىتىدۇ.

شۇڭا سىزگە ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىم ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ، ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان ئىش قىلماڭ. ئەگەر قىلىشنى خالىسىڭىز ئالىي مەكتەپلەردە دەرىسىڭىزگە دەخلىي يەتكۈزمىگەن ئاساستا قىلىدىغان ھەرخىل پۇل تېپىش پۇرسىتى كۆپ. مەكتەپلەر مەخسۇس قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن پۇل تېپىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، سىز مۇشۇلار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىڭىزنى تامامەن ھەل قىلالايسىز، ئەلۋەتتە بۇلار سىزنىڭ دەرسىڭىزگە دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا بولىدۇ. شۇڭا سىز ئارزۇنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى بۇيىچە خاتىرجەم تاللاۋېرىڭ، ھەرگىز پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ قالماڭ، بۇنى پەقەت سىز تىرىشسىڭىزلا ھەل قىلىپ كېتەلەيسىز.
يازمىنى مۇشۇنچىلىك يازاي، يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، مەن يېقىندا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم، ئەگەر تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرغا ئىگە بۇلاتتىم دېسىڭىز ئېلخەتكە خەت قالدۇرۇڭ، مەن تېلىفۇن نۇمۇرۇمنى ئېيتىپ بەرسەم تېلىفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ. مەن ھەرۋاقىت سىز ئۈچۈن ئەراپلىق مۇلازىمەت قىلىشقا تەييار، چۈنكى مەن ئەينى ۋاقىتتا يول كۆرسىتىدىغان كىشلەرنىڭ بولماسلىقى بىلەن چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلغان، بۇ خاتالىقلارنىڭ سىزنىڭ ياكى سىزنىڭ پەرزەنتىڭىز ۋە ياكى بىرەر ئۇرۇق تۇققىنىڭىزنىڭ سادىر قىلىشىڭىزلارنى خالىمايمەن، دۆلىتىمىز بىزنى ياخشى سىياسەت بىلەن تەمىن ئەتتى، ئەمدى بۇ سىياسەتتىن قانداق قىلىپ مۇۋاپىق پايدىلىنىش دەل بىز ئۆزىمىزمنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق.

دېمەكچى بولغىنىمنى يىغىنچاقلسىام:
1. ئارزۇ تولدۇرۇشتا مەكتەپ دەرىجىسگە بەك قاراپ كەتمەڭ، كەسىپ ۋە قىزىقىشىڭىزنى ئاساس قىلىپ تاللاڭ.
2. كەسىپ ئىسمىغىلا قاراپ بەزى ئارتۇقچە خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنىڭ، تەجرىبىسى بارلاردىن كۆپرەك سوراڭ، تاپالمىسىڭىز مانا مەندىن سورىسڭىز مەن ھەر ۋاقىت كۆچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەمدە بولىمەن.
3. پۇلنىڭ كۆزىگە بەك قاراپ كەتمەڭ. ئىسىڭىزدە بولسۇن: شىنجاڭ تەۋەسىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر ئاسما-زىمىن پەرقلىنىدۇ. شۇڭا يەنىلا تەجرىبىسى بارلاردىن كۆپرەك سوراڭ.

ئىلگىرى كىيىن بولۇپ بىر نەچچە پارچە يازما تەييارلاپتىمەن. بۇ يازمىلار ئاساسەن يەتتە يىلىدىن بىرى ئۆزۈمېنىڭ ئىچكىرە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم ۋە ئويلىغان لىرىم ھەققىدە بولۇپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ يازمىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلىپ تەپسىلىي يازماقچى ئىدىم لېكىن بۇنىڭغا ۋاقىت يار بەرمەي قالدى. شۇڭا شۇنچىلىك يېزىپ ئاخىرلاشتۇرىدىغان بولدۇم. بۇ يازمىلارنى ئاشۇ ئىچكىرى شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان، ئالدىمىزدا جىددىي ئىمىتىھان بىرىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈشى ناتايىن چۈنكى ئۇلاردا بۇنداق پۇرسەت يوق. ئۈمىدىم پەقەت مۇشۇ يازمىنى كۆرگەن تورداشلارنىڭ ئىچكىرىدە پەرزەنتى ئوقۇۋاتقان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن يەتكۈزۈپ قۇيۇشىنى ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا يەتكۈزۈپ قۇيۇشىنى تەسىيە قىلىمەن.

مەزكەر يازمامنىڭ سىزگە ئاز-تۇلا ياردىمى بولۇپ قالسا يەنە داۋاملىق ئىلقۇت تورى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى بلوگلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ، بەلكىم ئۇ يەرلەردە سىز ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىم مەزمۇنلار سىزنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.
ھۆرمەت بىلەن

ئىلقۇت بلوگىدىن: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

بۇ يىلقى ئىچكىرى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلرىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلى. قىزىقىدىغان دوستلار ئۇلانما ئارقىلىق چۈشىرىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالىي مەكتەپلەر تىزىملىكى(رەىسملىك نۇسخىسى)

ئالىي مەكتەپلەر تىزىملىكى رەسمىي نۇسخىسى

بۇ ماقالىنىڭ ئىلكىتاپ نۇسخىسى

مەنبە: ئىلقۇت بلوگى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro