چەتئەلدە ئوقۇشتا مەكتەپنى قانداق تاللايمىز؟

ۋاقتى: 2012-08-19 / ئاپتور: / سەھىپە: ئوقۇش ئۇچۇرى,مەكتەپ ھاياتى / كۆرۈلۈشى:813 قېتىم ئوقۇلدى /

شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى

ئىلاۋە: بۇ يازما ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان ، توربېكىتىمىزنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئالىم ئەپەندىمنىڭ تۇنجى يازمىسى . بۇنىڭدىن كىيىن توربېكىتىمىزدە ئاپتورنىڭ باشقا يازمىلىرى داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. چەتئەلدە ئوقۇش ، چەتئەل مەكتەپلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاپ ، مەسلىھەت سوراش  ئويىدا بولۇۋاتقان تورداش دوستلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋەتەن ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەتئەللەرگە بېرىپ ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆپ جەھەتتىن ئىزدەنمەكتە. ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم بىر مەسىلە ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپنى تاللاشتىن ئىبارەت.

چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى

كاراچى ئۇنىۋېرستېتى

سىز ئوقۇشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىڭىز ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىشى كېرەك. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋاسىتىچى شېركەت تاللاپ بەرگەن مەكتەپكە ۋە شۇنداقلا ئاشۇ مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەستىن قارا قويۇقلا كېتىپ قالماقتا. مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئۇ مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن زارلىنىپ دادلىغانلارمۇ بولدى. شۇڭا سىز ئالدى بىلەن چوقۇم مەكتەپنى ياخشى تاللىشىڭىز كېرەك.
مەكتەپلەرنى تاللاشتا چوقۇم يەنىلا ئىنتېرنېتقا قاراش كېرەك. يەنى ئەگەر سىز ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان مەكتەپ راستىنىلا بىر ياخشى ئۇنىۋېرسىتىت بولسا ئۇنداقتا چوقۇم ئۇنىڭ مۇكەممەل بولغان تور بېكىتى بولىدۇ. سىز ئالدى بىلەن شۇ تور بەتكە كۆز يۈگۈرتۈپ مەكتەپنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىقىڭ. ئەگەر مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ تەپسىلىي بىلمەكچى بولسىڭىز مەكتەپنىڭ ئالاقىلىشىش دېگەن يېرىگە كىرىپ ئى-خەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ. ۋە ياكى مەكتەپنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفۇنىغا تېلېفۇن قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ۋەتەندىن چەتئەللەرگە تېلېفۇن قىلىش ھەققى بەك يۇقىرى. شۇڭا مەن ۋەتەن ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا skype ئالاقە يۇمشاق دېتالىنى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ھېسابات نۇمۇرى ئاچقۇزۇپ شۇ ئارقىلىق تېلېفۇن قىلىشنى تەشەببۇس قىلمەن. بۇنداق بولغاندا كۆپ پۇلىڭىزنى تېجەپ قالالايسىز. Skype قا دائىر ئۇچۇرلار ئۇنىڭ تور بېتىدە بار. شۇ يەردىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

توكيو ئۇنىۋېرستېتى

مارمارا ئۇنىۋېرستېتى

يەنە بىر ئۇسۇل ۋەتەن سىرتىدىكى بىر قىسىم ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىنتېرنېتتا ئالاقە ئورنىتىپ ئۆزىڭىز تاللىغان مەكتەپنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇچۇر سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇمۇ بىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.ئۇلارمۇ سىزگە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە مەكتەپلەر ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇلارنى بېرەلىشى مۇمكىن. ئەمما چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆپ جايلارغا تارقىلىپ تۇرغاچقا بىر قىسىم جايلارنىڭ ئەھۋالىنى سىزگە تەپسىلىي دەپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا ئەگەر ئېغىز تىلىڭىز ياخشى بولسا يەنىلا مەكتەپنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇقۇشقىنىڭىز ياخشى.
مەكتەپ تاللىغاندا چوقۇم چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئوقۇش پۇلى تەسىس قىلغان-قىلمىغانلىقى، ۋە شۇنداقلا بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ كېتەلەيدىغان مەكتەپنى ئالدى بىلەن ئويلىشىش نۇقتىسى قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ خىلدىكى مەكتەپلەر مېنىڭ بىلىشىمچە غەربى ياۋروپادا بىر قەدەر كۆپ. سىز ئىنتېرنېت تورىدىن  بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز. ۋەتەن ئىچىدىكى 95% ئوقۇغۇچىلار بىر بولسا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن، بىر بولسا ئۆز خىراجىتى بىلەن (يەنى بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇش يولى بىلەن) ئوقۇماقتا. ئۆيىدىن پۇل ئەۋەتىپ بېرىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار تولىمۇ ئاز. شۇڭا ئامال بار ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان ۋە ياكى بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئوقۇش ئىمكانىيىتى بار مەكتەپنى تاللىغىنى تۈزۈك. ئۇنىڭدىن باشقا مەكتەپنىڭ سىزگە بېرىدىغان دىپلوم باشقا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا، كانادا ، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە شۇنداقلا دۆلىتىمىزدە ئېتىراپ قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن بىر مۇنچە ئىقتىساد ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوقۇغىڭىز بىكار بولىدۇ.
ئاخىردا ۋەتەن ئىچىدىكى چەتەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتەلگە چىقىش تەييارلىقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!!!

مەنبە: بەكتۇر تورى

رەسىملەر بىلىم دۇنياسى تەرىپىدىن قىستۇرۇلدى.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro