مەكتەپكە كىرىشنىڭ ئالدى كەينىدە كىچىك دوستلارنىڭ چىشى چۈشۈپ كېتىدۇ،نىمە ئۈچۈن بۇ خىل ھادىسە يۈز بىرىدۇ؟
ئەسلىدە،ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە 4 گۇرۇپپا چىش چىقىدۇ، بىرىنچى گۇرۇپپا-سۈت چىشى،جەمئىي 26 بۇلۇپ،تۇغۇلغاندىن كىيىن 3ئايدىن 6ئايغىچە بولغان ئارلىقتا چىقىدۇ.6ئايدىن كىيىىن چۈشۈشكە باشلايدۇ.ئىككىنچى گۇرۇپپا-مۇقۇم چىش،جەمئى 32بۇلۇپ،سۈت چىشى چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا چىقىشقا باشلايدۇ،14 ياشتىن بۇرۇن ئاساسەن چىقىپ بۇلىدۇ.قېپقالغان بىر قانچىسى 20 ياش ئەتراپىدا چىقىشقا باشلايدۇ،شۇڭا بۇ بىر قانچە تال چىش « كىچىككەن چىش» ياكى «ئەقىل چىش» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەمما مۇقۇم چىش ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان چىش بۇلۇپ،چۈشۈپ كەتسە قايتا چىقمايدۇ.شۇڭا بىز چىشنى ياخشى ئاسىرىشىمىز،ئۇخلاشتىن بۇرۇن،ئەتتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا چىشىمىزنى چوتكىلىشىمىز كېرەك.نەرسە كېرەك يەپ بولغاندىن كىيىن ئېغىزنى چايقىشىمىز،تاتلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىشىمىز كېرەك.ئەگەر ياخشى ئاسرىساق،قېرىساقمۇ چىشىمىز چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
مەنبە: خەنزۇچە « يۈز مىڭلىغان نىمە ئۈچۈن؟ »
تەرجىمە قىلغۇچى: مىسرانىم مۇنبىرىدىن-تىلماچ13