ئۇيغۇرلاردا ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيىسى

ۋاقتى: 2013-02-05 / ئاپتور: / سەھىپە: ئەدەبىيات,مۇھاكىمە / كۆرۈلۈشى:1,610 قېتىم ئوقۇلدى /

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئائىلە ئىستىلىغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قاراشقا ئادەتلەنگەن. چۈنكى، ئۇلار ئائىلە ئىستىلىنىڭ توغرا ياكى خاتا بولۇشىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشى ياكى ۋەيران بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھەرقانداق بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى شۇ ئائىلىنىڭ ئورتاق ئىستىلى بەلگىلىگەن دائىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا ئائىلە تەربىيەسى مۇنداق ئىككى مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرى، ئەخلاقىي تەربىيەگە ئەھمىيەت بىلەن قاراش؛ يەنە بىرى، ئائىلە شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشتىن ئىبارەت.
ئائىلە ئەزالىرىغا ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئاتا-ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىدە كۆز قارىشىدا «ئاتىنىڭ ئىزى بالىغا قالىدۇ» دېگەن ئەقىدە ناھايىتى كۈچلۈك. شۇ سەۋەبتىن قائىدە-يوسۇن بىلمەيدىغان ئەدەبسىز بالىلار چېقىلسا، كىشىلەر ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيىبلەيدۇ. «چاقتا گۇناھ يوق، شادىسى بۇزۇق قىزدا گۇناھ يوق، ئانىسى بۇزۇق» دېگەن ماقال ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى قاراشتىن چىققان.
ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە يۈرگۈزۈلىدىغان ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ مەزمۇنى ۋە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئومۇمەن ئائىلە ئەزالىرىنى ئەمگەكچان، راستچىل، ئۆزئارا كۆيۈمچان، ئاق كۆڭۈل، ئەقىل–پاراسەتلىك، ئىنساپلىق قىلىپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەشنى ئاساسەن ئاتا، قىز بالىنى تەربىيەلەشنى بولسا ئانا ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا بولغۇچى ئوغلىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ، جەمئىيەت بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان سورۇنلارغا بىرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئۆيگە مېھمان كەلسە، بالىسىنى چاقىرىپ مېھمانغا ئەدەپ بىلەن سالام بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىشنى مەقسەتلىك ھالدا بالىغا تاپشۇرىدۇ ۋە باشقىلار. ئۇيغۇرلار نەزىرىدە قىز بالا باشقا ئائىلىگە «بالا» بولىدىغان بولغاچقا، قىز بالىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆي تازىلىقى، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، تىكىمچىلىك قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئائىلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتكۈل ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدە-يوسۇنلار بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ دىلىغا پۈتۈلگەن «خاتىرىسىز ئاساسىي قانۇن» دۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇ تارىختىن بۇيان بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەت سۈپىتىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلە قائىدە-يوسۇنلىرىغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش ۋە چەكلەش رولىنى ئويناپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

مەنبە: ئۆمەرجان سىدىقنىڭ «سۆيۈملۈك يۇرتىمىز» ناملىق كىتابى.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro