ئاقمىسۇن ئانىلار كۆزىدىن ياشلار

ۋاقتى: 2012-09-01 / ئاپتور: / سەھىپە: شېئىر / كۆرۈلۈشى:702 قېتىم ئوقۇلدى /

ئاقمىسۇن ئانىلار كۆزىدىن ياشلار

(بۇ شېئىرىمنى سۇيۈملۈك ھەم مىھرىبان ئانامنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى بايرىمىغا،شۇنداق ئانام قاتارىدىكى بارلىق جاپاكەش مىھرىبان ئانىلارنىڭ بايرىمىغا ھۆرمەت بىلەن بېغىشلايمەن) 

 

بۈشۈكنى ،دۇنيانى تەۋرەتەر تەڭلا،

ئانا بوپ ئاتالغان شۇ كۈندىن باشلاپ.

چېھرىدە تەبەسسۇم،دىلىدا مىھىر،

كۆزىدە ئىللىق نۇر قۇياشتەك چاقناپ.

كىم يەنە ئۇنىڭدەك بولالار قەيسەر؟

ئاچچىق بىر ئازابتىن ئەمدىلا توختاپ.

كىم يەنە بىر ئۆمۈر ئۆتەلەر شۇنداق،

يۈرەكنى يۈرەككە مننەتسىز باغلاپ.

كىم يەنە بېرەلەر بىر تامچە مىھىر؟

كۆزلىرى شۇ تاتلىق ئۇيقۇدىن كېچىپ.

كىم يەنە كۆيەلەر پەرزەنت ئىشقىدا؟

دىللارغا بىر ئۆمۈر نۇرىنى چېچىپ.

كىم يەنە بولالار شۇنچە كەڭ قورساق؟

بەڭۋاشلىق قىلسىاقمۇ قايتا ۋە قايتا.

كىم يەنە ھېسابلار بۇنى بىر بەخت؟

تارتسىمۇ بىز ئۈچۈن مىڭلارچە جاپا.

ئۇلۇغلۇق شەنىگە پۈتۈلدى نىچۇن؟

تارىختىن تالايلاپ قەسىدە،داستان.

چاقنايدۇ بۇنىڭدىن ھېكمەتۇ سىرلار،

ئويلانغىن دائىما ئەقىللىق ئىنسان.

”ئانىلار ئايىغى ئاستىدا جەننەت“،

ئانىلار بىز ئۈچۈن بىباھا، قىممەت.

كۆكلىگەن قايسىبىر ئىنسان بالىسى؟

قاقشىتىپ ئانىنى،كۆرسەتمەي ھىممەت.

ياشايمىز بىر ئۆمۈر پۇشايمان ئىچىرە،

ھەسرەتنىڭ نەشتىرى يۈرەكنى چېقىپ.

ئانىنىڭ قەدىرىگە يەتمىسەك دوستلار،

ئۇ ھايات چاغلاردا باھانە تېپىپ.

بىز ئۈچۈن قاپارغان ئاشۇ قوللارغا،

ۋاپانىڭ لىۋىدە تىنماي سۆيەيلى!

ئۇ خالاپ بىر ئۆمۈر كۆيگەن ئوتلاردا،

ساداقەت ئىلكىدە تانماي كۆيەيلى!

ئاقمىسۇن ئانىلار كۆزىدىن ياشلار.

چۆمۈلسۇن شادلىققا ئۆمۈر باغلىرى.

ئۆچمىسۇن تەبەسسۇم گۈلگۈن يۈزلەردىن،

باسمىسۇن ئۇلارنى غەمنىڭ تاغلىرى.

ياشىسۇن بەسلىشىپ توغراقلار بىلەن،

ساغلاملىق يار بولسۇن ئالتۇن بويلارغا.

يۇرت بىلەن تەڭ يۈرۈپ،بىللە ئۇلاشسۇن،

نەۋرە ھەم چەۋرىلەر قىلغان تويلارغا.

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

 ئانىنىڭ بىر تېمىم سۈتى ھەققىگە،

يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە.

 مەنبە: لوپنۇرى بلوگى

 

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro