خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ئەڭ زور 50 شەخىسنىڭ بىرى بولغان، ھىندىستان كىنو چولپىنى شارۇكخان ئۆزىنىڭ بۇ يىل مەككە مۇكەررەمدە ھەج تاۋاب قىلىدىغانلىغىنى جاكالىغان. ئۆتكەن يىلى شارۇلخان دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەج تاۋاب قىلىشقا ۋەدىلەشكەن بولىمۇ ئەمما سالامەتلىگى يار بەرمىگەنلىكتىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇسىنى بۇ يىل ئورۇنلىماقچى ئىكەن.
ئۇ يەنە:«مەن ئىزچىل ھالدا شەرىئەت ھۆكۈمىگە ئەمەل قىلىپ كەلدىم، كېنوچىلىق ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق توپلىغان ئىقتىسادىمدىن نامراتلارغا، يېتىم يېسىرلارغا تارقىتىپ كەلدىم. مەن بىر مۇسۇلمان، بىر مۇسۇلماننىڭ ئوغلىمەن، ھاياتلا بولسام ئىسلام دىنىنى قوغداش مېنىڭ زىممەمدىكى مەجبۇرىيەت. مەن بىر ئوتتۇرا قاتلامدىكى مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتام مېنى ۋە قېرىنداشلىرىمنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مەن ئاتامنىڭ ئەشۇ قىزغىن كەسپ روھىغا ۋارىسلىق قىلغان ئىكەنمەن، ھازىر مەن ھەر كۈنى 18 سائەتتىن 20 سائەتكىچە خىزمەت قىلىمەن… مەن ئىزچىل باشقىلارغا ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمەن ئىكەنلىگىمنى تەكىتلەپ كەلدىم، مەن مەيلى قەيەردە بولمىسۇن ئۆزۈمنىڭ مۇسۇلمانلىغىمدىن پەخىرلىنىمەن.»
شارۇكخان رول ئالغان «مېنىڭ ئىسمىم خان» ناملىق كىنو ھەممەيلەنگە ناتونۇش ئەمەس. بۇ فىلىم ئامېرىكىدا ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئون چوڭ كىنو قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شارۇكخان بۇ كىنو ئارقىلىق 11- سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن غەرب ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازى ۋە ئىسلام دىنىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا قوغداپ قالدى دېيىشكە بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ ھەج سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي، قىلغان ھەجىنى قوبۇل قىلغاي.
مەنبە: ئىسلامبەگ بلوگى