يۈرەك مەنبەلىك چىش ئاغرىقىغا سەل قارىماڭ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، تېببي خادىملار بەزى تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىنىڭ كېسىلى قوزغالغاندا چىشى قاتتىق ئاغرىغانلىقىنى بايقىغان .
بۇ خىل ئەھۋالدا چىش قاتتىق ئاغرىيدۇ – يۇ ، قايسى چىش ئاغرىۋاتقانلىقىنى تازا بىلگىلى بولمايدۇ ، يەنە ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ ، ئەمما قان تومۇرنى كېڭەيتىدىغان دورىلارنى ئىچكەندىنكېيىن چىش ئاغرىقى دەرھال توختايدۇ .
ئىستاتسىتكا قىلىنىشىچە ، تەخمىنەن %18 تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى ئاغرىقى پەقەت چىشتىلا ئىپادىلىنىدىكەن . بۇ خىل چىشئاغرىقى پەقەت چىشتىلا ئىپادىلىنىدىكەن . بۇ خىل چىش ئاغرىقى يوشۇرۇن قوزغالغان تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئىنكاسى بولغاچقا ، تېبابەتچىلىكتە يۈرەك مەنبەلىك چىش ئاغرىقى دەپ ئاتىلىدۇ .
شۇڭا ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلاردا بۇنداق چىش ئاغرىقى كۆرۈلسە ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ، يۈرىكىنى تەكشۈرتۈشى ، ھەرگىز چىش ئاغرىقىنى داۋالاش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ۋەداۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ قويماسلىقى كېرەك .
مەنبەسى: جەسۇر تور ى