دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى_ پېترا قەدىمقى شەھىرى

ۋاقتى: 2012-08-18 / ئاپتور: / سەھىپە: ئاسىيا قىتئەسى / كۆرۈلۈشى:753 قېتىم ئوقۇلدى /

ئورنى : ئىئوردانىيە ئامماننىڭ جەنوبىدىكى سام تاغلىق رايونىدا
ياسالغان ۋاقتى : مىلادى 6-ئەسىرلەر
باھا: ئوچۇق قىزىل، قوڭۇر رەڭلىك قۇمتاش تاغقا ئويۇلغان بولۇپ، «ئەتىرگۈل شەھىرى» دەپ نامى بار

پېترا ئىئوردانىيەنىڭ جەنوبىغا جايلاشقان بولۇپ، پايتەخت ئامماندىن 271 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھۇر تېغى ئېتىكىدە بولۇپ، مۇسا جىلغىسى ئىچىدە. پېترا قەدىمقى شەھەر خارابىسى بولۇپ، كىشلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئەپسانىۋى تۈس ئالغان داڭلىق قەدىمقى يادىكارلىق. ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن ناباتلار بۇ يەردە توختاپ ئۆتكەن ۋە پايتەختلىرىنى مۇشۇ يەردە قۇرۇشقان.بۇ يەر مىسىر ۋە سۈرىيەلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم قاتناش ئۆتكىلى بولغاچقا،ناھايىتى تېزلا سودىگەرلەر توپلاشقان، گۈللەنگەن سودا شەھىرى بولۈپ قالغان. شۇ چاغلاردىكى پېترا ئوتتۇرا شەرقنىڭ سودا مەركىزى دەپ تەرىپلىنەتتى. سودىغا ماھىر ناباتلار سۈرىيە ۋە مىسىرگە سودا بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغاندا پېترانى ئارىلىقتىكى سودا -سېتىق قىلىدىغان ئارىلىق بىكەت قىلغان.شۇنىڭ بىلەن راۋاج تاپقان ۋە گۈللەنگەن. بۇ يەردىكى ناباتلار ئەسلى قۇملۇقتىكى كۆچمەن قەبىلە بولۇپ، جەڭگە ماھىر ئىدى. دەسلەپتە ئۇلار سودا كارۋانلىرىنىڭ ئۆتەر يولىدايول توساپ بۇلاڭچىلىق قىلاتتى.كېيىنچە بولسا سودىگەرلەرنى قوغداپ، شۇنىڭدىن قوغداش ھەققى ئېلىپ تۇردى.ئاخىرى نۇرغۇن ناباتلار سودا كارۋانلىرىغا قوشۇلۇپ سودىگەر بولۇپ كەتتى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىرلەردە پېترانىڭ پادىشاھى زىمىنىنى دەمەشىققىچە كېڭەيتتى.106-يىلى رىم ئىمپىرىيەسى پېترانى ئىگەللىۋالدى ۋە ئىمارەت -قۇرۇلۇشلار كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بۇ يەرنى ناھايىتى گۈللەنگەن سودا كارۋانلىرىنىڭ يولىغا ئايلاندۇردى.كېيىنچە قىزىل دېڭىزدىكى دېڭىز يولى سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پېترا ئەسلىدىكى مۇھىم بولغان ئورنىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىشقا باشلىدى.
ئۇزاق يىللار جەريانىدا پېترانىڭ يەرلىك ئاھالىسى قىيا تاشلارغا نۇرغۇن قۇرۇلۇشلارنى ئويۇپ چىقىرىپ، بۇ يەرنى بىر تاش شەھەرگە ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىر پارلاپ تۇرغان نۇرلۇق مەرۋايىتقا ئايلاندۇردى. ئۇزاق ئەسىرلەردىن بېرى بۇ مەرۋايىت كىشلەر تەرىپىدىن تېخى بايقالماي تۇردى. شۇ چاغلاردا ئىئوردانيە رايونىدا بىر قىزىقارلىق رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ھىكايىلەر تارقالغان. ھىكايىلەردە ئېتىلىشىچە ،  ئىئوردانىيەنىڭ جەنوبىدىكى قۇملۇقتا بىر ئۇزۇن كەتكەن سىرلىق جىلغا بولۇپ، بۇ جىلغا ھەم چوڭقۇر ھەم ئۇزۇن ئىكەن، قەيەردىلىكىنى ھېچكىم ئۇقمايدىكەن. بىر توپ سىرلىق كىشلەر ئۇ يەردە نۇرغۇن ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنى سالغانىكەن ، ئۇ يەردە ھەددى-ھېساپسىز بايلىقلار كۆمۈلۈپ ياتقانمىش، كىم ئۇنى تېپىۋالسا ،بايلىققا كۆمۈلۈپ كېتەرمىش. شۇنىڭ بىلەن كىشلەر تۈركۈم تۈركۈملەپ ئۇيەرنى ئىزدەشكە باشلىغان، لېكىن نەتىجىسىز قايتىشقان. بۇ ھېكايە-رىۋايەتلەر ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۆچۈپ كەلگەن. لېكىن كىشىلەر بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇسا جىلغىسىدا ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان. 1812-يىلىغا كەلگەندە ئەنگىلىيەلىك ساياھەتچى يوھان. بېكدىنت دىگەن كىشى پېترانى ساياھەت قىلىپ ،بىرىنچى بولۇپ بۇ سىرلىق ھىكايىنىڭ سىرىنى ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەشھور «تاش شەھەر» كىشلەرگە نامايەن بولغان.
ئەتىرگۈل شەھىرى
پېترا ئىبراي تىلىدا «تاش» دىگەن مەنىدە . چۈنكى پۈتكۈل شەھەر تاشتىن ئويۇپ چىقىلغان. جىلغىدىكى تاشلار بولسا ئوچۇق قىزىل ياكى قوڭۈر رەڭدە بولۇپ، ئەتىگەنكى ۋە كەچكى شەپەق نۇرىدا شەھەردىكى قۇرۇلۇشلار ئەتىرگۈل رەڭگىگەكىرىدۇ. بۇ پېترانىڭ «ئەتىرگۈل شەھىرى » دەپ ئاتلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ يەر موسا ئەلەيھىسسالام تاشتىن سۇ چىقارغان جاي ئىمىش. ئەينى چاغدا موسا ئەلەيھىسسالام بەنى ئسىرايىل قەۋمىنى باشلاپ مىسىردىن چىقىپ ، دەشىت -باياۋاندا قالغاندا ، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ ، ھاسىسى بىلەن تاشقا ئۇرۇپ تاشتىن بۇلاق سۈيىنى ئېتىلدۇرۇپ چىقارغانىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ بۇلاق سۈيى ھازىرغىچە ئېقىۋېتىپتۇ.
تاش ئوردا، تىياتىرخانا، قىز سارىيى
پېترا قەدىمقى شەھىرى دېڭىز يۈزىدىن 950مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ، پىتراغا كىرىشتە 1.5 كىلومېتىرلىق ئۇزۇن جىلغىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. جىلغىنىڭ ئەڭ كەڭ يېرى 7 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ تار يېرىدىن ئاران بىر ھارۋا ئۆتەلەيدۇ، ئىككى چەتتىكى تاش تاملارنىڭ ئىگىزلىكى 70~100 مېتىرغىچە كېىلىدۇ. كىشلەر ئاسمانغا قاراپ پەقەت سىزىق شەكىلدىكى ئاسماننىلا كۆرەلەيدۇ. جىلغىدىن كەڭ يەرگە چىققاندىن كېيىن كىشىنىڭ كۆڭلى يورۇپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. ھەيۋاتلىك سارايلار ئەتراپتىكى قىيا تاشلارغا ئويۇلغان بولۇپ ،قاتمۇ -قات سارايلار ئارىسىدا تۇرغاندەك تۇيۇلىدۇ.
پېترا شەھىرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى ياندىكى تاش تاغلاردىن ئويۇلغان بولۇپ،بۇ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى تەبىئەت ۋە قولى گۈل ئۇستىلار ئورتاق ياراتقان. جىلغىدىن چىقىش ئېغىزىدىن يىراق بولمىغان بىر جايدا تاغدىن ئويۇپ چىقىلغان ئىگىزلىكى 40مېتىر، كەڭلىكى 30 مېتىر كېلىدىغان تاش ساراي بار.ئۇ يەنە «ئالتۇن غەزىنە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەينى زامانلاردا پېترانىڭ پادىشاھلىرى بايلىقلىرىنى مۇشۇ يەردە ساقلىغانىكەن. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە بۇ يەر پادىشاھلارنىڭ قەبرىسى ئىكەن.
شەھەردە يەنە تاغدىن ئويۇپ چىقىلغان بىر ئۈستى ئوچۇق قەدىمقى رىم تىياتىرخانىسى بولۇپ، 6000چە ئادەم سىغىدۇ. تىياتىرخانىنىڭ كۆرۈش سۇپىسى يەلپۈگۈچ شەكىلدە بولۇپ ، نەچچە ئون باسقۇچلۇق پەلەمپەي بار. ھەر ئون پەلەمپەي ئارىسىدا بىر تونىل بار بولۇپ ،پۈتكۈل تىياتىرخانا تاغنى بويلاپ چىققان. سەھنىدە ھازىرغقچە ساقلىنىپ قالغان 4دانە تاش تۈۋرۇك بار.
شەھەردە يەنە بىر ۋىزانتىيە ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇش بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا شەھەردە سۇ كەمچىل بولۇپ ، پادىشاھ بۇيرۇق چىقىرىپ كىم شەھەرگە سۇ باشلاپ كىرەلىسە ، شۇنىڭغا قىزىنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بىر قۇرۇلۇش ئۇستىسى تاغنى يېرىپ ئۆستەڭ قېزىپ شەھەرگە سۇ باشلىغان. پادىشاھ ۋەدىسىگەئاساسەن قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلغانىكەن. ھەمدە بۇ ساراينى ئۇلارغا  بەرگەنىكەن. شۇڭا بۇ ساراي « قىز سارىيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تاش قەبرە
پېترادا ياشىغان ناباتلارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى شەھەرنى ئوراپ تۇرغان تاش قىيالارغا دەپنە قىلغانىكەن. شۇڭا بۇ يەردە مىڭلىغان قەبرىلەر بار. بۇلارنڭ بەزىلىرى ناھايىتى ئاددى، بەزىلىرى ناھايىتى ھەشەمەتلىك.
ئىلگىرى كىشلەر تەتقىقاتنى ئاساسەن ئاشۇ قەبرىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇ يەرنى چوڭ قەبرىستانلىق، ئەرۋاھلار شەھىرى دەپ قارىغان. كېيىنچە ئارخىئولوگلار پېترادىكى كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە قىزىقىشقا باشلاپ ئۇ يەردىن يەنە نۇرغۇن يادىكارلىقلارنى بايقىغان.
ئەتىرگۈل شەھىرىنىڭ خارابلىشىشى
ئارخىئولوگلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە پېترا ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە ئۇ يەردە ياشىغانلار 30 ئەتراپىدا بولغان. شەھەرنىڭ كۆلىمى ئىلگىرىكى ياۋروپالىقلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن چوڭ بولغان. پېترا نىمە ئۈچۈن كىشلەر تەرىپىدىن تاشلىنىپ قالغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ سودا يولىنىڭ كونتىروللىقىدىن ئايرىلىپ قالغان تەغدىردىمۇ يەنىلامەۋجۈت بولۇپ تۇرالايتتى.شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمە ئۈچۈن ناھايىتى تېز خاراپلاشتى؟ تارىخشۇناسلارنىڭ قارىشىچە پېترانىڭ خاراپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئى ئاپەت بولىشى مۇمكىن ئىكەن. مىلادى363-يىلى بىر چوڭ يەر تەۋرەش پېترا شەھىرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. نۇرغۇن قۇرۇلۇشلار خارابىيلىققا ئايلانغان. كىشلەر ئۇنى قايتا رىمونت قىلىشقا قادىر بولالمىغان. شۇنىڭ بىلەن شەھەر بارا-بار خاراپلاشقان.

 


تەرجىمە قىلغۇچى : قوشۇق    قوشۇق بلوگى
«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro