دۇنيا مەدىنيەت مۆجىزىلىرى_ ئەلئېھرام

ۋاقتى: 2012-08-18 / ئاپتور: / سەھىپە: ئافرىقا قىتئەسى,رەسىم / كۆرۈلۈشى:867 قېتىم ئوقۇلدى /

ئورنى: مىسىردىكى جىسا ئىگىزلىكىدە
ياسالغان ۋاقتى: تەخمىنەن مىلادىدىن 27ئەسىر بۇرۇن
باھا: دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلغان 7چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى. مىسىرنىڭ پارلاق مەدىنيىتىنىڭ گۇۋاھچىسى
دۇنيا ئېتىراپ قىلغان 7چوڭ مۆجىزىنىڭ ئىچىدە ئالدىدا تۇرىدىغىنى مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ يېنىدىكى جىسا ئەلئىھراملىرى. جىسا _مىسردىكى جىسا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ۋە ساياھەت ئورنى بولۇپ، نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ غەربى قىرغىقىدا، قاھىرەنىڭ غەربى جەنوبىغا ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا.نوپوسى 1مىليون509مىڭ . بۇ يەر قەدىمدىن تارتىپ ئەلېئھرام بىلەن مەشھور. شەھەردىن غەربى جەنوپقا 10كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندىكى قۇملۇقتا مەشھور ئەلئېھرام توپى ، شىرتەنلىك ئادەم يۇزلۇك ئادەم ھەيكىلى(سىفىنكىس)، مەرمەردىن ياسالغان ئىبادەتخانا قاتارلىق قەدىمقى يادىكارلىقلار بار. ئەڭ شىمالدىكى خۇفۇ ئەلئېھرامى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئىگىزلىكى 146.6مېتىر، ئاساسىنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلىقى230مېتىر، ھازىرقى ئىگىزلىكى137مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرىسىدىكى خافرا ئەلئېھرامى ،جەنوپتىكىسى مەنكاۋر ئەلئېھرامى بولۇپ، بۇلار 80دەك ئەلئېھرام ئىچىدە ئەڭ ھەيۋەتلىك بولۇپ، تەخمىنەن مىسىر 4-سۇلالە مەزگىلىدە ياسالغان.
ئادەتتە ئەلئېھرام قەدىمقى مىسىر فىرئەۋنلىرىنىڭ قەبرىسى دەپ قارىلىدۇ. فىرئەۋنلەر شۇ چاغدا ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە بولغاچقا ھەم مەڭگۇلۇك ھۆكۇمران بولۇشنى ئارزۇ قىلغاچقا ھايات ۋاقتىدىلا ئۆزلىرىگە ئەلئېھرام ياساتقان. قاھىر يېنىدىكى نىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان 70نەچچە ئەلئېھرام بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مىسر 3-سۇلالىسدىن ئىلگىرى مەيلى پادىشاھ-ئەمەلدار ياكى پۇقرالار بولسۇن ئۆلگەندىن كېيىن كېسەكتىن ياسالغان تىك تۆت تەرەپلىك قەبرىگە دەپنە قىلىنغان. كېيىنچە بىر ياش يىگىت فىرئەۋىنگە قەبرە لاھىيلىگەندە يېڭى بىر خىل ئۇسۇل يەنى تاغدىن قېزىپ چۇشۇلگەن كۇپ شەكىللىك تاشنى كېسەكنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكەن. شۇنىڭ بىلەن 57مېتىر ئىگىزلىكتىكى 6باسقۇچلۇق پەلەمپەي شەكىللىك ئەلئېھرام _ ھازىر كىشلەر كۆرۇۋاتقان 3-سۇلالسىنىڭ فىرئەۋىنى زۇسەينىڭ ئەلئېھرامى پۇتكۇزۇلگەن.
ئەلئېھرام ياساش 3-سۇلالە دەۋرىدە كېڭەيتىلىپ ، 4-سۇلالە دەۋرىگە كەلگەندە ناھايىتى كۆرەڭلەشكەن فىرئەۋنلەر ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي ئۆزلىرىگە قەبرە ياسىتىشقان. بۇنىڭ بىلەن جىسادىكى ئۇچ چوڭ ئەلئېھرام پۇتكۇزۇلگەن.5- سۇلالە دەۋرىگە كەلگەندە خەلق فىرئەۋنلەرنىڭ بايلىقنى بۇزۇپ چاچقىنىغا قارشى چىققان. بۇنىڭ ئەلئېھرامنىڭ كۆلىمىمۇ كىچىكلىگەن. 6-سۇلالە دەۋىرىگە كەلگەندە ھەرقايسى ئۆلكىلەر مۇستەقىل بولۇۋالغاچقا، فىرئەۋنلەر ئىسمى بار جىسمى يوق ھۆكۇمرانغا ئايلىنىپ قالغان.شۇنىڭ بىلەن ئەلئېھرام ياساش زاۋاللىققا يۇز تۇتقان. ئەلئېھرام ياساش شۇ چاغدىكى كىشلەرنىڭ قۇياش ئىلاھىغا چوقۇنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قۇياش ئىلاھى مىسرنىڭ دۆلەت ئىلاھى ، فىرئەۋنلەر بولسا قۇياش ئىلاھىنىڭ ئوغلى دەپ قارىلاتتى. ئەلئېھرام ئىچىدىكى خەتلەردىن فىرئەۋن ئۆلگەندىن كېيىن قۇياش ئىلاھىنىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغانلىقى يېزىلغان. ئەڭ چوڭ ئەلئېھرامنى مىسر 4-سۇلالىسنىڭ فىرئەۋنى خۇفۇ مىلادىدىن 2500يىل بۇرۇن ياساتقان. 2-چوڭ ئەلئېھرام ۋە شىرتەنلىك ئادەم يۇزلۇك سىفىنكىس ھەيكىلى كېيىنكى فىرئەۋن خافرا زامانىدا ياسالغان.
قەدىمدىن تارتىپ كىشلەر ئەلئېھرامدا نۇرغۇن مال-دۇنيالار بار دەپ رىۋايەتلەرنى قالدۇرغان. بىراق كىرىش ئېغىزىنىڭ قەيەردىكىلىكىنى بىلمىگەچكە ھىچكىم كىرەلمىگەن. خاتىرىلىنىشچە ئەڭ بۇرۇن ئەلئېھرامغا ئەڭ بۇرۇن كىرگەن ئادەم كىشى مىسرنىڭ خەلپىسى ئارمامىن بولۇپ ، مىلادى 820-يىلى بۇيرۇق چۇشۇرۇپ تاشنى پارتىلىتىپ.پىرامىداغا كىرىدىغان ئېغىزنى ئاچقان. قېزىش جەريانىدا ئەسلىدىكى تونىلنى تاپقان ۋە پىرامىدانىڭ تۇزۇلىشىنى تەكشۇرگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى قەبرىگە كىرگەندە كۆرگىنى بىر قۇرۇق جەسەت ساندۇقى بولۇپ، ئارزۇ قىلغان مال-دۇنيا ۋە ئاسمان جىسىملىرىنىڭ خەرىتىسىنى تاپالمىغان.
1682-يىلى ئەنگىلىيەلىك يوھان گىرىپوس ئەلئېھرامغا قارىتا بىر قىسم ئۆلچەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ تاشلارنىڭ مىقدارىنى ھېساپلىغان. كېيىنچە ياۋروپالىقلار كەينى -كەينىدىن ئۆلچەش ۋە تەكشۇرۇشلەرنى ئېلىپ بېرىشقان. 1986-يىلى فىرانسىيەلىك ئارخىتىكتورلار ئەلئىھرام ئىچىدە تېخى بايقالمىغان بوش جاينىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەيلى قايسى دەۋردە بولسۇن ئەلئېھرامنىڭ سىرلىرى ھەرۋاقىت كىشلەرنىڭ قىزىقشىنى قوزغاپ تۇرغان.

مىسىردىكى جىسا ئىگىزلىكىگە جايلاشقان شىر تەنلىك ئادەم يۇزلۇك سىفىنكىس ھەيكىلى مىلادىدىن 26 ئەسىر بۇرۇن ياسالغان بولۇپ ، مىسردىكى ئەڭ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. ئۇ گەرچە ئىگىز ئەلئېھراملار ئالدىدا كىچىك كۆرۇنسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىگىزلىكى 20مېتىر، ئۇزۇنلىقى 72مېتىر بولغان. سىفىنكىس ھەيكىلى فىرئەۋىننىڭ بېشى ۋە شىرنىڭ تېنى بىرلەشتۇرۇلۇپ ياسالغان بولۇپ، باش قسىمى ئەقىل -پارسەتكە ۋەكىللىك قىلسا ، شىر تەن قۇياش ئىلاھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. سىفىنكىس ھەيكىنىڭ ماتىرىيالى جىسا ئىگىزلىكىدىكى تاشلاردىن ئويۇپ چىقىرىلغان بولۇپ، 4-سۇلالە فىرئەۋىنى خافرا زامانىدا ياسالغان. ئەسىرلەردىن بېرى كىشلەر ئۇنىڭ ئالدىدىكى قۇمنى تازىلاپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا كۆچمە قۇم تەرىپىدىن يۇتۇپ كېتىلگەن. تاشتىن ئويۇپ چىقىرىلغان ھەيكەلنىڭ يۇز قىسمى 4.1مېتىر، بۇرنى 1.75مېتىر، ئېغىزى2.3مېتىر، قۇلىقى 1.9مېتىر كېلىدۇ.ئەزالىرىنىڭ چوڭ-كىچىكىلىك نىسبىتى تازا توغرابولمىغان.يەنى بەدىنى بەك ئۇزۇن، بېشى كىچىك. بۇ بەلكىم ئەينى زاماندا ماتىرىيالنىڭ چەكلىمىلىكىگە ئۇچىرىغان بولىشى مۇمكىن.
سىفىنكىس ھەيكىنىڭ ئاستىدا مەخپى ئۆيلەرنىڭ بارلقى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تارتىپ رىۋايەت قىلىنىپ كەلگەن. رىۋايەتتە ئاستىدىكى مەخپى ئۆيدە ئەلئېىھرامغا تۇتىشىدىغان مەخپى يول بارلىقى قەيت قىلىنغان. ھازىرقى زامانغا كەلگەندە ئېلىكتىرو ماگنىت دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۇرۇشتىن بەزى غەلىتە ھادىسلەرنى بايقىغان بولىسمۇ ، بۇنى يەرنىڭ گىئولوگىيەلىك تۇزۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ئۆڭكۇر ۋە يېرىلمىلار دەپ قاراشتى.





تەييارلىغۇچى:   قوشۇق.  قوشۇق بلوگى
«دۇنيا مەدەنىيەت مۆجىزىلىرى» دىگەن كىتاپتىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىندى.

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro