|
مەيلى قايسى خىلدىكى چاقچاقنى ئاڭلاڭ، چوڭ مېڭىنىڭ مەركىزىي پوستلاق قەۋىتىدىكى بىر رايون مەلۇم دەرىجىدە جانلىنىدىكەن، بۇ چاقچاقنىڭ قىزىقارلىق بولۇش-بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ رايون دەل چوڭ مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى ماڭلاي بۆلىكىدە بولىدىكەن. چوڭ مېڭە ھەرخىل يوللار ئارقىلىق چاقچاقنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن. بۇ رايون قوبۇل قىلىنغان چاقچاقنىڭ قىزىق ياكى قىزىقارلىق ئەمسلىكىنى باھالاپ بېرىدىكەن.