ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش ۋە قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشتىن مەھرۇم بولغان ئايال بولماستىن، بەلكى، مىللەت ۋە ئۈممەت تەقەززاسىغا لايىق ھالدا ھەقىقىي ئانا بولۇش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆگىنىدىغان، باللىرىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئايالدۇر.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال غورۇر ۋە ئىززەتنى ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىپ، باللىرىنى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختى ئۈچۈن يۇقىرى مەنىۋىي مەقام بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرىدىغان ئايالدۇر.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن جەمئىيەتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتنىڭ ھۇجەيرىسى بولغان ئائىلىنى قولىغا ئېلىپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل جەمئىيەتنىڭ ئىنسانىي ئاساسىنى قۇرۇۋاتقان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئائىلىدە تەييارنى يەپ ئولتۇرىدىغان ئايال بولماستىن، بەلكى بىلگۈچىلىكى بارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلسىنىڭ بەرىكىتى، ئەرنىڭ ئارقا تېرىكى، كەلگۈسىدىكى ئالىم ياكى ھاكىم ئەۋلادلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسىدۇر.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ تۆھپىسىز ئايال بولماستىن،مېھرى ئارقىلىق باللىرىغا مۇھەببەت ئۆگەتكەن، ئاياللىق كۈچى ئارقىلىق ئەرلىرىگە مەدەت بەرگەن،دىيانىتى ئارقىلىق ئاۋۋال ئائىلىگە،شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېتىقاد بېغىشلىغان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ماددىي باياشاتلىقنىڭ كۈشەندىسى بولماستىن، ئائىلىنى بازار ۋە ئىستىمالنىڭ تەلتۆكۈس قۇلى بولۇپ قىلىشتىن ساقلايدىغان، ئائىلىنى ھارام ۋە مەكرۇلاردىن خالى قىلىدىغان، ئائىلىنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيتىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئايالدۇر.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ رومانتىك تۇرمۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال بولماستىن، بەلكى ئائىلە ئەزالىرىنى داستىخان ئەتراپىغا يېغىپ، ئائىلىنى جەلىپكار قىلىدىغان سۆيگۈ سەنئەتكارى ۋە ۋاپا قەھرىمانىدۇر.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال قانداقتۇر ئاددى بىر ئۆينىڭ ساھىپخانى بولماستىن، بەلكى بۇ دۇنيادىكى ھالاۋەتنىڭ بەرپاچىسىدۇر.
ئۇ ئائىلىنى بىر كىچىك جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مەنىۋىي كۈچ، ئەقىدە ھاسىل قىلىپ، ھەقىقى جەننەتكە كۆۋرۈك ياسايدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى 2012-يىللىق 1-سان