ئايلتىس ئىمتىھانى ھەققىدە ئۇمۇمىي چۈشەنچە

ۋاقتى: 2012-08-19 / ئاپتور: / سەھىپە: ئوقۇش ئۇچۇرى,تىل ئۆگىنىش / كۆرۈلۈشى:769 قېتىم ئوقۇلدى /

ئايلتىس (IELTS، International English Language Testing System) نىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى قىسقارتىلمىسى بولۇپ ،ئەنگىلىيە مائارىپ نازارىتى ،ئاۋېستىرالىيە ھەم كامبىرىج ئۇنۋېرستىتىنىڭ بىرلىشىپ باشقۇرىدىغان ئىمتىھان سېستىمىسىدۇر. ئايلتىس (IELTS)ئىمتىھانى كانادا ،ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە ،ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەم كۆپلىگەن داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىل ئۆلچىمىگە ئايلانغان .ئايلتىس ئىمتىھانى ئىككى خىل شەكىلدە بولىدۇ:
1.ئوقۇشقا چىققۇچىلار ۋە باشقا ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن ئىلىم-پەن تۈرى(Academic Module).
2.كانادا ،ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيلەرگە كۆچمەن بولۇپ چىققۇچىلارنىڭ تىل سەۋىيىسىنى سىناش ئۈچۈن ئىلىنىدىغان تەربىيلەش تۈرى(General Training Module) .
ئىككى خىل ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن ئاڭلاپ چۈشىنىش ۋە ئېغىز تىلى ئىمتىھانى ئوخشاش ،ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە يېزىقچىلىق شەكىللىرى پەرقلىنىدۇ.

ئايلتىس ئىمتىھانىنىڭ تۈزۈلىشى 
ئايلتىس ئىمتىھانى تۆت قىسىمدىن تەركىب تاپقان .ئايرىم-ئايرىم ئوقۇش(Reading) ئاڭلاش(Listening) ئېغىزتىلى (سۆزلەش-Speaking) ۋە يېزىقچىلىق(Writing) . ئۇمۇمىي ئىمتىھان ۋاقتى 2سائەت 45مىنۇت ئەتراپىدا.
ھەر بىر قىسىمنىڭ تولۇق نومۇرى 9 بولۇپ ، ئاخىرقى نەتىجە تۆت قىسىمدىن ئايرىم-ئايرىم ئالغان نومۇرنى قوشۇپ ، يىغىندىسىنى 4 كە بۆلۈپ چىققان ئوتتۇرىچە نومۇر ئاخىرقى نەتىجە بولىدۇ.1دىن 9غىچە ئارىلىقتا ئوخشىمىغان سەۋىيىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن ئوقۇپ چۈشىنىش قىسمىدا 7 يەتتە نومۇر، ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمىدا 6.5 ، ئېغىزتىلى قىسمىدا 8 نومۇر، يېزىقچىلىق قىسمىدا 7.5 نومۇر ئالغان بولسىڭىز ئاخىرقى نەتىجىڭىز 7.25= 4 /(7+6.5+8+7.5) بولىدۇ .
نورمال ئەھۋال ئاستىدا كۆچمەن بولۇشنىڭ ئۆلچىمى 5تىن يۇقىرى ، ئوقۇشقا چىقىشنىڭ ئۆلچىمى 6دىن يۇقىرى بولماقتا . ئەمما ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ، ئوخشاش بولمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئايلتىسقا بولغان تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئايلتىس ئىمتىھانىنىڭ نەتىجە جەدۋىلى

1.ئاڭلاپ چۈشىنىش ( ۋاقتى : 30 مىنۇت) 
ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمى جەمئىي تۆت(sections) بۆلەك، 40كىچىك سۇئال .
دائىم ئۇچرايدىغان ئىمتىھان شەكلى تاق تاللاش،قىسقا جاۋاب بىرىش،جۈملە تولۇقلاش ،رەسىمگە ياكى جەدۋەلگە قاراپ جاۋاب بىرىش،تۇتاشتۇرۇش(ئاڭلىغان مەزمۇنغا ئاساسەن بىرىلگەن رەسىمنى تۇتاشتۇرۇش)قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.ئىمتىھان مەزمۇنى ، سەيلە-ساياھەت ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى دىئالوگ، خىزمەتچى بىلەن خوجايىن مۇناسىۋىتى، كۈندىلىك تۇرمۇش(يېتىپ-قوپۇش،نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش)،ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىدا باشتىن كەچۈرىدىغان تىپىك كۆرۈنۈشلەر(دەرسلىكنى چۈشەندۈرۈش،ئىلمى مۇلاھىزە)قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.
ئاڭلاپ چۈشىنىش ماتىريالى قويۇلىۋاتقاندا ئايرىم قەغەزگە خاتىرە قالدۇرۇشقا بولىدۇ ، ھەر بىر كىچىك سۇئالدىن كىيىن 10 سىكۇنت ئەتراپىدا جاۋاب يېزىش ۋاقتى بېرىلىدۇ(بۇ قىسمى توفىلغا ئوخشىمايدۇ) ،ئاڭلاپ چۈشىنىش ماتىريالى قويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن جاۋاب يېزىشقا (جاۋاب كارتىسىنى توشقۇزۇشقا)10 مىنۇت ۋاقىت بېرىلىدۇ .كۆزىڭىز چاققان بولسا ئىمتىھان قەغىزىنى تارقىتىپ رەسمىي باشلانغىچە بولغان ئارلىقتا خېلى سۇئاللارنى كۆرۈپ بولىسىز . ھەر بىر سۇئالنى تىزلىكتە ئىشلەپ بولالىسىڭىزمۇ كىيىنكى سۇئال باشلانغۇچە كىيىنكى سۇئالنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىزدە سان بولۇشقا ۋاقىت چىقىدۇ.30 مىنۇتلۇق ئاڭلاپ چۈشىنىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن 5 مىنۇت ئارام ۋاقتى ، ئەمما ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ.
ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى ،ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمىدىكى 4 بۆلەك ، 40 سۇئالنىڭ شەكلى ھەرخىل ،تاق تاللاش،قىسقا جاۋاب بىرىش،جۈملە تولۇقلاش ،رەسىمگە ياكى جەدۋەلگە قاراپ جاۋاب بىرىش،تۇتاشتۇرۇش(ئاڭلىغان مەزمۇنغا ئاساسەن بىرىلگەن رەسىمنى تۇتاشتۇرۇش)قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ئاڭلىغاندا when,what,why,who دىگەن نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ بىر تەرەپتىن كۆرۈش(ئوقۇش)، يەنە بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مۇشۇ نۇقتىدا ئىمتىھاندىن بۇرۇن كۆپلەپ مەشىق قىلمىسا ، ئىمتىھان قۇرۇلمىسىغا پىششىق بولمىسا ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمىدا ياخشى نومۇر ئېلىش خېلى تەس .
2. ئوقۇپ چۈشىنىش (ۋاقتى: 60 مىنۇت)
ئوقۇپ چۈشىنىش قىسمى جەمئىي ئۈچ بۆلەك(ئۈچ پارچە ماقالە) ،40كىچىك سۇئال .
دائىم ئۇچرايدىغان ئىمتىھان شەكلى: تاق تاللاش،قىسقا جاۋاب بىرىش،جۈملە تولۇقلاش ،رەسىمگە ياكى جەدۋەلگە قاراپ جاۋاب بىرىش،تۇتاشتۇرۇش(ئاڭلىغان مەزمۇنغا ئاساسەن بىرىلگەن رەسىمنى تۇتاشتۇرۇش) ، مەزمۇنغا قاراپ تېما تاللاش، ئاپتورنىڭ نۇقتىنەزىرى(كۆزقارىشى)نى تاللاش ، توغرا-خاتالىقى ياكى بېرىلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش( yes, no or not given)،تۈرگە ئايرىش قاتارلىق تۈرلىرى بار.
(A(Academicتۈردىكى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچ پارچە ئۇزۇن ماقالە بولۇپ ، مەنبەسى گېزىت-ژۇرناللاردىن كەلگەن ، چەتئەلدە تولۇق كورس ياكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلارغا ماس كېلىدۇ ،
G تۈردىكى ئوقۇپ چۈشىنىش بىر قانچە پارچە قىسقا ماقالىلەر بولۇپ ، مەنبەسى ئۇقتۇرۇش ، ئېلان ، ھۆكۈمەت ھۈججەتلىرى، تەشۋىق ۋارىقى ، گېزىت قاتارلىقلاردىن كەلگەن.social survival ، Training survival، general reading قاتارلىق ئۈچ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن .
ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى ،ئاڭلاپ چۈشىنىش قىسمىدىكى سۇئالنىڭ شەكلى ھەرخىل ، پەقەت تاللاش سۇئالىلا ئەمەس.تاق تاللاش،قىسقا جاۋاب بىرىش،جۈملە تولۇقلاش ،رەسىمگە ياكى جەدۋەلگە قاراپ جاۋاب بىرىش،تۇتاشتۇرۇش(ئاڭلىغان مەزمۇنغا ئاساسەن بىرىلگەن رەسىمنى تۇتاشتۇرۇش)، مەزمۇنغا قاراپ تېما تاللاش، ئاپتورنىڭ نۇقتىنەزىرى(كۆزقارىشى)نى تاللاش ، توغرا-خاتالىقى ياكى بېرىلمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش( yes, no or not given)قاتارلىق كۆپ خىل سۇئال شەكىللىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ خىل سۇئال شەكلىگە پىششىق بولۇش بىلەن بىرگە ، ئىمتىھاندىن بۇرۇن ھەرخىل تۈردىكى ماتىرياللارنى كۆپ كۆرۈپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

3. يېزىقچىلىق قىسمى (ۋاقتى: 60 مىنۇت)
ئىككى پارچە ماقالە يېزىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىرى قىسقا يېزىقچىلىق TASK1 ، يەنە بىر پارچىسى سەل چوڭراق بولۇپ TASK2 ، ئىككى ماقالىگە بېرىلگەن ۋاقىت 60 مىنۇت . قىسقا يېزىقچىلىقنىڭ(TASK1 ) تەلىپى 150سۆزدىن ئاز بولمىغان ماقالە بولىشى كېرەك. 20 مىنۇت ئىچىدە يېزىپ بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.Aتۈردىكى TASK1 كۆپىنچە رەسىم، گرافىك(جەدۋەل)،ئەگرى سىزىقلىق دىئاگرامما ۋە بېرىلگەن ماتىريالغا ئاساسەن 150سۆزدىن ئاز بولمىغان ماقالە يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. Gتۈردىكى TASK1دا بېرىلگەن تېمىغا ئاساسەن بىر پارچە خەت (تەكلىپنامە، رۇخسەت سوراش خېتى قاتارلىقلار)يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
TASK2 قىسمى ، يەنى ئۇزۇن ماقالە يېزىقچىلىقى، بۇنىڭدا A تۈردىكى ۋە G تۈردىكى يېزىقچىلىققا بولغان تەلەپ ئاساسەن ئوخشاش كېتىدۇ . ھەر ئىككىلىسى بېرىلگەن تېمىغا ئاساسەن 250سۆزدىن ئاز بولمىغان مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ماقالىدە بېرىلگەن تېما(مەلۇم ئىجتىمائىي ۋەقە ، ھادىسە، يۈزلىنىش)غا نىسبەتەن ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىنىڭ كۆز قارىشى، پىكرى ، مەيدانى ، ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن 2004-يىللىق A تۈردىكى يېزىقچىلىقنىڭ بېرىلىشى مۇنداق :

  1. “When international media(including movies, fashion shows, advertisements and other TV programmes) convey the same messages to the global audience,people argue that the
  2. expansion of international media has negative impacts on cultural diversity.What is your opinion?”

مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

40 مىنۇت ئىچىدە يېزىپ بولۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

بۇ تۈردىكى ئۈلگىلىك ماقالىلەر (ئۆرنەكلەر) بۇ يەردە بار:
http://www.bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=362

4. ئېغىزتىلى(يۈز تۇرانە) قىسمى 
پۈتكۈل يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى :11مىنۇتتىن 15مىنۇتقىچە .
شەكلى : ئىمتىھان بەرگۈچى بىلەن ئالغۇچى يۈزمۇ-يۈز ئولتۇرۇپ ئىنگلىز تىلىدا دىئالوگلىشىدۇ . دىئالوگ ئۈنگە ئېلىنىدۇ .(بۇ قىسمى توفىلدىن پەرىقلىنىدۇ) .
ئىمتىھان ئۈچ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان .
بىرىنچى بۆلەكتە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچى ئۆزىنى تونۇشتۇرىدۇ . ئىمتىھان ئالغۇچى بىلەن ئۆي ، ئائىلە ئەزالىرى ،يۇرت ، ئۆگىنىش(خىزمەت) ، قىزىقىش قاتارلىق تونۇش بولغان تېمىلاردا دىئالوگلىشىدۇ . ۋاقتى تۆت مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە .
ئىككىنچى بۆلەك : ئىمتىھان ئالغۇچى بىركارتا تاللاپ ، كارتا ئۈستىگە يېزىلغان تېمىدا بىر قانچە مىنۇت سۆزلەشنى تەلەپ قىلىنىدۇ . سۆزلەشتىن بۇرۇن تېمىنى سىزگە ئۇقتۇرۇپ ، بىر مىنۇت تەييارلىق ۋاقتى بېرىلىدۇ . سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن سىز سۆزلىگەن مەزمۇندىن بىر قانچە سۇئال سورىلىدۇ .
ئۈچىنچى بۆلەك : ئىككىنچى بۆلەك ئاساسىدا ئابىستىراكت تېمىلاردا ، چوڭقۇرلاپ مۇنازىرە قىلىنىدۇ . ۋاقتى تۆت مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە .
تۆۋەندىكىسى پۈتۈن يۈز تۇرانە ئىمتىھانىنىڭ جەريانى (سىنلىق نۇسخىسى).

http://www.bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=22
http://www.bektur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=438

ئىمتىھانغا توردا تىزىملىش :
توردا تىزىملىتىش ئادرىسى : http://ielts.etest.net.cn/cn
يۇقارقى ئادرىسقا كىرسىڭىز ئوڭ تەرەپتە NEEA ئابونت نامى ۋە مەخپى نومۇر كىرگۈزىدىغان كۆزنەك بار . سىز بۇرۇن ئايلتىس بېرىپ باقمىغان بولسىڭىز «新考生?点 这儿 » يەنى يېڭى ئىمتىھان بەرگۈچى بولسىڭىز بۇ يەرنى چېكىڭ دىگەن خەت بار . شۇنى يەرنى چېكىپ تىزىملىتىسىز . ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتقاندا بەك دىققەت قىلىغان بىر مەسىلە ، ئىسىم-فامىلە مەسىلىسى . تەۋسىيەم مۇنداق قىلىڭ . مەسىلەن ئىسمىڭىز مەمەت سەمەت بولسۇن دەيلى ، ئىسىم يازىدىغان كاتەكچىگە فامىلىڭىزنىڭ ULY شەكلىنى ، يەنى «Semet » نى يېزىڭ . فامىلە يازىدىغان كاتەكچىگە «Memet» قىلىپ تولدۇرۇڭ . خەنزۇچە ئىسىم-فامىلە تولدۇرىدىغان يەرگىمۇ ئىسمىڭىز-بىلەن فامىلىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ تولدۇرۇڭ ، خەنزۇچە خەتنى كىملىكىتىكى يېزىلىشى بويىچە تولدۇرۇڭ . بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىڭىزدە ئىسىم-فامىلىڭىز ئالمىشىپ تەتۈر چىقىدۇ . ئەمما ھېچقىسى يوق ، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگۈزىدۇ . بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى شۇنداق يېزىلىدۇ دەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . ئىمتىھان ئالغۇچىلارمۇ ئۇلارمۇ بۇ خىل ئەھۋالنى بىلىدۇ . ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ئىسىم-فامىلىڭىز توپتوغرا ئالمىشىپ چىقىدۇ . يەنى مەمەت سەمەت بولۇپ چىقىدۇ . ئەگەر ئىسىم-فامىلىنى ئۆز پېتى تولدۇرسىڭىزچۇ ؟ ئىمتىھان نەتىجىسىدىكى ۋە ۋىزا-پاسپورتتىكى ئىسمىڭىز تەتۈر بولىدىغان گەپ . ئېلخەتكە مۇقىمراق ئىشلىتىدىغان ، بىخەتەر Gmail , yahoo ياكى Hotmail لاردىن بىرىنى تاللاپ تىزىملىتىڭ . مۇناسىۋەتلىك ماتىريالىڭىز ۋە ئۇقتۇرۇش بولسا شۇ يەرگە ئەۋەتىدۇ .
1)ئىمتىھان پۇلىنى تەقلەش. بولسا سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى بىجىرىپ ، 1450 يۈەن پۇلنى سېلىپ تەقلەپ قويۇڭ . ئاندىن شۇ پۇلنى تىزىملاتقان تورغا ، يەنى مائارىپ مىنىستىرلىكى ئىمتىھان مەركىزىگە يۆتكەيسىز .
2)ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئورنى . ئۆز ئەھۋالىڭىز ، تۇرۇشلۇق جايىڭىزغا ئاساسەن ئىمتىھان ۋاقتى ۋە ئورنىنى بالدۇرراق تاللاپ تىزىملىتىۋېلىڭ . شىنجاڭدا پەقەت شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرستېتىدىلا ئىمتىھان نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان . شۇڭا بالدۇر تىزىملاتمىڭىسىز بېرىشنى پىلانلىغان ۋاقتقىچە ئورۇن قالمايدىغان ئىش چىقىدۇ .
3)تىزىملىتىش پۇلى 1450 يۈەن.
تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن http://ielts.etest.net.cn/cn بۇ يەرگە پات-پات كىرىپ تۇرۇڭ . سول تەرەپتە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش ، ئۇچۇرلار بار .

ئايلتىس ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 2 يىل.

ئاپتور بەكتۇر مۇنبىرىدىن بىلگار

مەنبە: بەكتۇر تورى

ئىنكاس يوللاش

تەخەللۇس *

ئېخەت * (قوغدىلىنىدۇ)

توربەت

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

This site is protected by WP-CopyRightPro